ئابدۇقادىر داموللام: «نادانلىق ۋە تەبرىقچىلىق مىللەتنىڭ خار ھەم زەبۇنلۇقتا قېلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر» (12)

0:00 / 0:00

1914-يىلىنىڭ باھار پەسلىدە ئىستانبۇلدىن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن بىر كارۋاننىڭ مۇبارەك قەدىمى ئۇزۇن مەزگىل بۇرۇختۇملۇقتا قالغان بۇ تۇپراق ئۈچۈن ئويغىنىش سىگنالى چالغان ئىدى. بۇ كارۋاندا «ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي» تەشكىلاتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن ياش تۈرك ئوقۇتقۇچى ھەبىبزادە ئەھمەد كامال، ئاكا-ئۇكا مۇسابايلارنىڭ ئانا بۆلەك قېرىندىشى ئوبۇلھەسەن مۇساباي ۋە ئىستانبۇلدا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇغان قادىر ئەپەندى قاتارلىق بىر توپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى بىردىنلا جانلىنىپ كېتىدۇ. ياش تۈرك ئوقۇتقۇچى ئەھمەد كامال باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ھامىيلىق قىلىشى بىلەن ئاتۇشتا «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» ناملىق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپى ئاچىدۇ. ئارقىدىنلا قەشقەر شەھىرىدە «كاشغەر نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى» ياكى «خەيرىيە جەمئىيىتى» نامىدا باش جەمئىيەت، باشقا جايلاردا بۇ جەمئىيەتنىڭ شۆبىلىرى قۇرۇلىدۇ. يېڭى مائارىپچىلىق، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مىللىي ئويغىنىش سادالىرى ئۇزۇن مەزگىل مەھكۇملۇق ۋە جاھالەتتە قالغان بۇ ئەزىم تۇپراقنىڭ ئاتموسفېراسىنى قاپلايدۇ. ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي، ئەلى ھاجى قاتارلىق بىر توپ ئوت يۈرەك سەرخىللار بۇ قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىغا ئايلىنىدۇ.

ھالبۇكى، بۇ ئويغىنىش ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا مەيدانغا كەلگەن مىر مەھەللىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ھاۋاسى قەشقەردىكى بىر قىسىم مەپەئەتپەرەس بايلار ۋە جاھىل ئۆلىمالار قاتلىمىنىڭ كۈچلۈك توسقۇنلۇقىغا دۇچ كېلىدۇ».

ئەھمەد كامالنىڭ «چىن تۈركىستان يوللىرىدىكى ئۇنتۇلمىغان خاتىرىلەر» ناملىق ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئۆمەر ئاخۇنباي بىلەن سېلىم داموللا باشچىلىقىدىكى جاھىل كۈچلەر قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن بۇ قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنى ئىككى نۇقتىدىن قارىلاشقا ئۇرۇنىدۇ: ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى «دىنغا قارشى ھەرىكەت» دەپ خەلققە تەتۈر تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرىگە ئەرز سۇنۇپ: «بۇ ھەرىكەت ئىستىقلالىيەتنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ چېقىم قىلىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 1914-يىلىدىن 1915-يىللار ئارىلىقىدىكى قەشقەر ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە ئەھمەد كامالنىڭ ««چىن تۈركىستان يوللىرىدىكى ئۇنتۇلمىغان خاتىرىلەر» ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن ئادىل ھېكمەت بەينىڭ «ئاسىيادا بەش تۈرك» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەنبە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يوقىرىقى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ، ئەھمەد كامال ئاچقان مەكتەپنىڭ تاقىلىشىدا ئۆمەر باينىڭ چېقىمچىلىقىدىن سىرت، قەشقەردىكى رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭمۇ قولى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ بۇيرۇقى، قەشقەر دوتىيىنىڭ ھىيلە-نەيرىڭى بىلەن قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى يېڭى مەكتەپلەر پېچەتلىنىپ، ئەھمەد كامال ھەپسىگە ئېلىنىدۇ. ئەمما باھاۋۇدۇن مۇساباي، ئابدۇقادىر داموللام ۋە باشقا مىللەتسۆيەر سەرخىللار پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ قېتىملىق يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مېۋىلىرىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا باھاۋۇدۇن مۇساباينىڭ ئەھمەد كامال بىرىنچى قېتىم ھەپسىگە ئېلىنغاندا، قەشقەردىكى خىتاي ساقچى باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۆز نامىدىن كاپالەتنامە يېزىپ بېرىپ، ئەھمەد كامالنى ھەپسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەھمەد كامال ئىككىنچى قېتىم ھەپسىگە ئېلىنىپ، مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەھمەد كامال ئۈرۈمچىدىكى ھەپسىدە «يېڭى ھايات» ناملىق گېزىت چىقىرىدۇ. كېيىنچە بۇ ئىش پاش بولۇپ قېلىپ، ئەھمەد كامال خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنىدۇ. ئۇ كېيىچە شاڭخەي ئارقىلىق ھامبۇرگقا، ئۇ يەردىن 1920-يىلى ئىستانبۇلغا قايتىپ بارىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاكا-ئۇكا مۇسابايلار بىلەن ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى يەرلىك سەرخىللار ئىستانبۇلدىكى «تەشكىلاتى مەخسۇسە» تەرىپىدىن 1914-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن ئادىل ھېكمەت بەي قاتارلىق بەش نەپەر تۈرك خادىم بىلەنمۇ ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا شۇ يىللاردا قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا خېلى زور دەرىجىدە مىللىي ئويغىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەن.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ يىللاردا مەيلى ئەھمەد كامالنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھەمدەم بولۇشتا بولسۇن ياكى «تەشكىلاتى مەخسۇسە» تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن بەش تۈرك خادىمنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئىشىدا بولسۇن، مۇسابايلاردىن باشقا، ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي، ئەلى ھاجى قاتارلىق سەرخىللار ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىكەن.

ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى ئوت يۈرەك سەرخىللارنىڭ شۇ يىللاردا مىللەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەنلىكىنى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1924-يىلى سىرلىق سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ بۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)