ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەر خەلقىنى مىسسىيونېرلار- «ئەقىدە ئوغرىلىرى» غا قارشى كۈرەشكە چاقىرىشى (14)

0:00 / 0:00

ئابدۇقادىر داموللام 1921-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق سەپىرىدىن قايتقىنىدا، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلىرىدە كەسكىن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، تارىخنىڭ داۋالغۇپ تۇرغۇن بۇ يىللىرىدا ئابدۇقادىر داموللام بىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىدىن كەسكىن بىر ئىنقىلابچىغا، زامانىۋىي مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان ئىلغار پىكىرلىك بىر جەدىتچىدىن ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكىنى نىشان قىلغان ئەركىنلىك جەڭچىسىگە ئايلانغان ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ يىللاردا شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام ئەقىدىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ رايوندا خىرىستىيان دىنى تارقىتىشى ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى يەرلىك مۇنەۋۋەرلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى. شۇڭىمۇ ئابدۇقادىر داموللام شۇ يىللاردا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارنى «ئەقىدە ئوغرىلىرى» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى 40 يىلدىن ئارتۇق دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا ئېچىش، باسمىخانا قۇرۇپ گېزىت ۋە كىتاب نەشىر قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 1920-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە قەشقەر، يەركەن ۋە يېڭىساردىكى شىۋېت مىسسىيونېرلىرى ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ يەرلىك سەرخىللارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەردەك ئىسلام مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر جايدا خىرىستىيان دىنى تارقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدە كىرىزىس پەيدا قىلغانلىقى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا بۆلۈنۈش، پارچىللىنىش ھەم داۋالغۇش پەيدا قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر 1990-يىلى نەشىر قىلغان «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىدا، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چەت ئەل مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى «ئەقىدە ئوغرىلىقى» نىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىلىق ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرى بىر تەرەپتىن قەشقەردە ئۇسۇلى-جەدىد مائارىپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە قارشى كەسكىن كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئابدۇقادىر داموللام شۇ يىللىرى شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن قەشقەردىكى تالىپلار ۋە ئاۋام خەلققە كۆپ قېتىم يالقۇنلۇق نۇتۇقلارنى سۆزلىگەنلىكىنى، ئۆز تەسىرى ئارقىلىق يوقىرى قاتلام ئۆلىمالار ئارىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

دەرۋەقە، ئابدۇقادىر داموللام شۇ يىللاردا بىر تەرەپتىن شىۋېت مىسسىيونېرلىرىغا قارشى تەشۋىق ۋە تەرغىبات ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسەن ئۆزى مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقنى بۇ مۇرەسسەسىز كۈرەشكە باشلايدۇ. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىمۇ ئۆز بايابنلىرىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئابدۇقادىر داموللام شۇ مەزگىللەردە چەت ئەل دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتا قۇرۇق تەشىۋىقاتنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنى تەربىيەلەيدىغان ئەمەلىي خىزمەتلەرنىڭ، يەنى يېڭىچە مەكتەپلەرنى كۆپلەپ ئېچىش، ياش ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى مەرىپەت نۇرى بىلەن يورۇتۇش، تەرەققىيات ۋە ئىلىم-پەن ئارقىلىق خەلقنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

(داۋامى بار)