ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يالقۇنلۇق خىتابى ۋە قەشقەرنى لەرزىگە كەلتۈرگەن زور نامايىش (15)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021.08.10
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يالقۇنلۇق خىتابى ۋە قەشقەرنى لەرزىگە كەلتۈرگەن زور نامايىش (15) 1924-يىلى يازدا ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان چەتئەل دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى ئاممىۋى نامايىش (بۇ سىزما رەسىم خەۋەر تومۇر نىڭ «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى، 1990)
Photo: RFA

1920-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاتموسفېراسىدا تەسۋىرلەش قىيىن بولغان بىر خىل بۇرۇختۇملۇق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بىر تەرەپتىن سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەت ئەللەر بىلەن تۇتۇشىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنى دۈم تاقاپ، ئۇيغۇر خەلقىنى تاشقىي دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەردىن يىراق تۇتۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ئەل مىسسىيونېرلىرى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىدا ئېغىر كىرىزىس پەيدا قىلماقتا ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەردىكى يەرلىك سەرخىلار ئارىسىدا بۇ خىل تەھلىكىنى ئەڭ بالدۇر ھېس قىلىپ يەتكەن مۇنەۋۋەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام كەسكىن بىر ئىسلاھاتچى، جەدىتچى، شۇنداقلا ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مەشئەل كۆتۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆز ئالدىدىكى بۇ جىددىي كىرىزىسقا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» ناملىق تارىخىي-بىئوگرافىك رومانىدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شۇ يىللاردا قەشقەر كاتتىلىرىنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزى داخىل بولغان بارلىق سورۇنلاردا چەت ئەل مىسسىيونېرلىرىنىڭ «ئەقىدە ئوغرىلىقى» توغرىلىق يالقۇنلۇق نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، خەلقنى ئويغىتىشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مەلۇمكى، شىۋېت مىسسىيونېرلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى جايلاردا دىن تارقىتىش پونكىتى قۇرۇپ، يەرلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خىرىستىيانلىقنى تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 1912-يىلىغا كەلگەندە شىۋېت مىسسىيونېرلىرى قەشقەردە زامانىۋىي باسمىخانا تەسىس قىلىپ، خىرىستىيان دىنىغا دائىر يۈزلىگەن كىتاب ۋە باسما بۇيۇملىرىنى، «ئىنجىل» نىڭ ھېكايىلەشتۈرۈلگەن قىسسىلىرىنى ۋە مىڭلىغان تەشۋىق ۋاراقچىلىرىنى بېسىپ تارقىتىدۇ. شىپاخانا، دارىلتام ۋە مەكتەپلەرنى ئېچىپ، يىتىم بالىلارنى ئۆز تەربىيەسىگە ئالىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زىيارىتىميىز جەريانىدا ئۆزى كۆرگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىنچىكە ھالقىلىرىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.

1924-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ئابدۇقادىر داموللام قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك داخىل بولغان بىر چوڭ زىياپەتتە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق يالقۇنلۇق نۇتۇقى زىياپەت سورۇنىدىكى جىمى كىشىلەرنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ. داموللام كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن ئانا يۇرتتا داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئېغىر مەنىۋىي كىرىزىستا قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سەبىي بالىلار ۋە ياش ئەۋلادلارنى قۇتقۇزۇش زۆرۈرلىكىنى، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ چەت ئەل مىسسىيونېرلىرىغا تاشلاپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئەقىدە ۋە مەنىۋىي قىممەتلىرىنىڭ «ئوغرىلىنىپ كېتىلىدىغانلىقى» توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇقادىر داموللام ئاشۇ قېتىملىق مەشھۇر نۇتۇقىدىن كېيىن دەرھال ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۇ تالىپلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ قەشقەردە بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈشكە، شۇ ئارقىلىق ئاۋام خەلقنىڭ بۇرۇختۇملۇقتا قالغان روھىيىتىنى سەگىتمەكچى بولغان. شۇ ۋەجىدىن ئابدۇقادىر داموللام مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيىتىنىڭ نەزەرىدىكى «خەتەرلىك شەخس» بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قەشقەردىكى ئىنگىلىز، رۇس كونسۇلخانىلىرى بىلەن شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭمۇ كۆزىگە قادالغان مىق بولۇپ قالغان.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ شىۋېت ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، قەشقەردىكى نامايىش ئەڭ دەسلەپ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تالىپلىرىنى ئاساس قىلىپ باشلانغان. نامايىش جەريانىدا قەشقەردىكى ئاۋام خەلقمۇ نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ، شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەر قۇم دەرۋازىدىكى دىن تارقىتىش پونكىتىغا قاراپ سەلدەك ئاققان. دەسلەپ تىنچ ئۇسۇلدا باشلانغان بۇ نامايىش شۇ كۈنى كەچقۇرۇن قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ قۇراللىق خىتاي چېرىكلىرىنى ئىشقا سېلىشى نەتىجىسىدە قانلىق باستۇرۇلغان.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتمۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان مەنبەلەردە ئابدۇقادىر داموللام تەشكىللىگەن شۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ تەرتىپلىك ۋە تىنچ ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، نامايىش جەريانىدا شىۋېت مىسسىيونېرلىرى بېسىپ تارقاتقان خىرىستىيان دىنىغا دائىر كىتاب ۋە باسما بۇيۇملارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، نامايىشچىلارنىڭ بىردەك شوئار توۋلاپ، چەت ئەل مىسسىيونېرلىرىنىڭ يۇرتتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.