قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەش سۈيقەستىنىڭ مەخپىي پىلانلىنىشى (16)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021.09.07
قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەش سۈيقەستىنىڭ مەخپىي پىلانلىنىشى (16) قەشقەردىكى شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پونكىتى. 1920-يىللاردىكى قەشقەر.
public domain

1924-يىلى يازدا ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ئاممىۋىي نامايىش ھەقىقەتەنمۇ زور زىلزىلە پەيدا قىلغان ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ نامايىش مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى دوتەيلىرىنىلا ساراسىمغا سېلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى بىلەن رۇسىيەدە يېڭىدىن ھاكىمىيەتكە چىققان بولشېۋىكلارنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىلىرىنىمۇ ئالاقىزادە قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ تىغ ئۇچى بىۋاسىتە ھالدا شىۋېت مىسسىيونېرلىرىغا قارىتىلغان بولغاچقا، قەشقەر، يەركەن ۋە يېڭىساردىكى شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پۇنكىتلىرى مىلىتارىست ياڭ زېڭشىنغا ھەمدە بېيجىڭدىكى شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ، نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن قەشقەردىكى بۇ نامايىش رايون خاراكتېرلىق بىر ئىچكىي ۋەقە بولۇپ قالماستىن، بەلكى كۆپ تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسەتكەن خەلقئارالىق ۋەقەگە ئايلانغان ئىدى. شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ يېقىنقى زامان قەشقەر تارىخىدا تەسىرى ئىتايىن زور بولغان ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللام يېتەكچىلىك قىلغان بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قەشقەردىكى كۆپ تەرەپلىك كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەھلىكە ھېس قىلدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەلۇمكى، قەدىمىي شەھەر قەشقەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەركىزىي ئاسىيادا تەسىر-دائىرە تالىشىۋاتقان بىرقانچىلىغان ئىمپىرىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي سەزگۈرلىكى ئىنتايىن يوقىرى «ئارىلىق رايون» بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىن چېگرانى دۈم تاقاپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسى بىلەن رۇسىيەدە يېڭىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولشېۋىكلار «ئارىلىق رايون» قەشقەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى كۆزىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىمۇ تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ياۋروپا مەنپەئەتى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى قەشقەردە 1924-يىلى ئابدۇقادىر داموللامغا قارىتا پىلانلانغان سۈيىقەستتە كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئىشبىرلىكى مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامغا قارىتىلغان سۈيىقەستتە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ ئىش بىرلىكىدىن باشقا يەنە ئىككى مۇھىم تەرەپ-سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قولى بولۇش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى شىۋېت ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مىسسىيونېرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا دائىر خاتىرىلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىنتايىن دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، شىۋېت مىسسىيونېرلىرى ئەينى يىللاردا قەشقەردە كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى جەدىدچىلەرنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنى ئۆزلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيىتىگە بىر تەھلىكە دەپ ھېسابلىغان. ئۇلارنىڭ خاتىرىلىرىدە ھەتتا 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى خوتەن ئىنقىلابچىلىرىغا قارىتا ئىنتايىن سەلبىي ۋە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدىكى بايانلارمۇ ئۇچرايدىكەن.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندى 1924-يىلىدىكى ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي سۈيىقەستنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئامىلىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، شۇ يىللاردا غەربىي تۈركىستاننى، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى جىددىي رەۋىشتە بولشېۋىكلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆرۈلگەن ھەرقانداق بىر مىللىي ھەرىكەتكە سۈكۈت قىلىشى، شۇنداقلا بۇ خىل مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ غەربىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىشىگە چىداپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا بۈيۈك بىرىتانىيە ئامىلىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى شۇ يىللاردا ھىندىستاندا كۆتۈرۈلىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق تەلەپلىرىگە ئىنتايىن سەزگۈر قارايدىغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىىنىڭ ھىندىستانغا قوشنا قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە ئېتىبارسىز قارىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى ئۈچۈن ئابدۇقادىر داموللام قانچىلىك تەھلىكەلىك شەخس ھېسابلانسا، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك خەتەرلىك كىشى ھېسابلىناتتى.

ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى قەشقەردىكى نامايىشنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆز ئالدىغا سوققان سىياسىي چوتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ. دەرۋەقە، ئۇنىڭ شېۋىت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەسلىكى، ئەكسىچە ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى يەرلىك سەرخىللارنىڭ «ئۇسۇلى-جەدىد» مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، خەلقنى زامانىي مائارىپ ئارقىلىق ئويغىتىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق چەكلىشى كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ زېڭشىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر مىللىي ھەرىكەتنى «خەلقئارالىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ» دەپ رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشى، ئەمما رۇس، ئىنگىلىز ۋە شىۋېت قاتارلىق چەت ئەل كونسۇلخانىلىرى ۋە مىسسىيونېرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە سۈكۈت قىلىشى تېخىمۇ گۇمان تۇغدۇراتتى. شۇڭلاشقا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پاجىئەسى مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن بىلەن قەشقەردىكى كۆپ تەرەپلىك كۈچلەرنىڭ ئورتاق ئىش بىرلىكى بىلەن پىلانلىغان سىياسىي سۈيىقەستىنىڭ قۇربانى دەپ ھېسابلايدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.