ئابدۇقادىر داموللام ئۆلتۈرۈلگەن دەھشەتلىك كېچە (17)
2021.09.21

1924-يىلى يازدا قەشقەردە شىۋېت مىسسىيونېرلىرىغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. نامايىش باستۇرۇلغان كۈننىڭ ئەتىسى قەشقەر دوتىيى ئابدۇقادىر داموللام، مامۇت ھاجىم، ياقۇپ ھاجىم باشلىق 30 غا يېقىن كىشىنى ھەپسىگە ئېلىپ، 40 كۈندەك سولاپ قويىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام ھەپسىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدە قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆز مىللەتدىشى ۋە دىندىشى بولغان ياللانما قاتىل ئەمەت مەزىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى لەختە-لەختە قىلىدۇ، دەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە يېزىلغان قىسسەلەر، كىتابچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى ۋاراقلاپ چىققان ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، ئابدۇقادىر داموللام ئۆلتۈرۈلگەن دەھشەتلىك كېچە ھەققىدە ئاڭلارمەنلەرنى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامغا قىلىنغان بۇ سىرلىق سۈيقەستنىڭ پەردە ئارقىسىدا قەشقەردىكى كۆپ تەرەپلىك كۈچلەرنىڭ قولى بارلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ سۈيىقەستنىڭ پىلانلىنىشىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىغىچە بولغان جەرياندا سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى دوتەي-ئامباللىرىنىڭ بىۋاسىتە قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئۆلۈم ۋەقەسى ئەمەس، بەلكى قويۇق سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىر زور سۈيىقەست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى، شۇنىڭدەك مىللەتنى ئويغىتىش يولىدىكى بىر قاتار ئەمەلىي قەدەملىرى سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى دوتىيىنى چۆچۈتۈپلا قالماستىن، بەلكى قەشقەردىكى ئىنگىلىز، رۇس كونسۇلخانىلىرىنى ھەمدە شىۋىت مىسسىيونېرلىرىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.
شۇ ۋەجىدىن ئەينى ۋاقىتتا سىرى يېشىلمىگەن، ئاخىرى چىقمىغان بۇ سىرلىق سۈيقەستنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرى توغرىلىق ئاۋام ئارىسىدا تۈرلۈك گۇمانلار، پەرەزلەر ھەم تالاش-تارتىشلار تاكى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئۆز بايانلىرىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاچچىق تراگېدىيەدۇر. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆز خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن مەشئەل كۆتۈرگەن بىر بۈيۈك يولباشچىنىڭ دۈشمەننىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتى ۋە دىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر مۇناپىقنىڭ قولى بىلەن قەتلى قىلىنىشى، مىللىي تراگېدىيەنىڭ چەكسىز ئازابلىق بىر سەھىپىسى ئىدى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىللىي، سىياسىي ۋە دىنىي ئاڭنىڭ نەقەدەر زەئىپ بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دەيدۇ.
(داۋامى بار)