مۇھەممەتئەلى تەۋپىق: «داموللا ئابدۇلقادىر نەھەق كەتتىلەر!» (18)

0:00 / 0:00

1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن قانلىق سۈيقەست پۈتكۈل قەشقەر شەھىرىنى ماتەم قايغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «مىللەتنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىدىن يورۇقلۇققا باشلىغان بىر نۇرلۇق يۇلتۇز» قەشقەر ئاسمىنىدىن ساقىپ چۈشىدۇ. كىشىلەر گاڭگىرايدۇ، تالىپلار ھازا تۇتىدۇ، تۈمەن سۈيى قان بولۇپ ئاقىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلە يولى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى: «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تولدۇرىۋالغۇسىز بىر يوقىتىش بولغان ئىدى،» دەيدۇ.

پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى، بولۇپمۇ قەشقەر خەلقى بۇ زور يوقىتىشتىن ھەقىقەتەنمۇ تېڭىرقاپ قالغان ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قانلىق مىيىتى مىڭلىغان جامائەتنىڭ كۆز ياشلىرى ئىلكىدە يەرلىككە قويۇلغاندىن كېيىن، قەشقەر خەلقى ئابدۇقادىر داموللامغا ئاتاپ مەرسىيە قوشاقلىرى توقىغان، ئۇنى تۈمەن سۈيىنىڭ لىقشىپ-لىقشىپ ئېقىۋاتقان شاۋقۇنلىرىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇغان ئىدى:

تاغۇ-تاشلار تەۋرىنىپ،

قاتتىق چاقماق چاققانمۇ؟

تۈمەن سۈيى قان بولۇپ،

بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟

قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى،

چاڭ-تۇمانلار باسقانمۇ؟

قەشقەرنىڭ جاھانىنى،

قايغۇ-ماتەم باسقانمۇ؟

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز،

كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز.

داموللامغا دۆيۈزلەر،

قەست قىلالماس دەپتىمىز.

بۇلبۇل ئىدىڭ بۇ باغدا،

سايرار ئىدىڭ ھەر جايدا.

دۈشمەن سەندىن ئايرىدى،

ئەجەپمۇ يامان چاغدا.

ئېتىڭ بەكمۇ چىرايلىق،

ئابدۇقادىر ئەمەسمۇ؟

خەلقىمىزگە يول باشلاپ،

ئۆمرۈڭ ئۆتكەن ئەمەسمۇ؟

ئۆلتۈرگۈزدى دۈشمەنلەر،

كۆرەلمىگەن رەقىپلەر.

ساڭا تۆكۈپ كۆز يېشى،

يىغلاپ قالدۇق دەرتمەنلەر!

جايىڭ بولسۇن جەننەتتە،

ھۆرلەر بولسۇن خىزمەتتە.

ئۇنتۇمايمىز داموللام،

سىلىنى ئەبەدىل-ئەبەدكە!

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە ئەڭ قاتتىق ئېچىنغان، بۇ يوقىتىش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور بوشلۇقنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغان كىشىلەر، شەك-شۈبھىسىزكى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەسلەكداشلىرى ۋە پىكىرداشلىرى ئىدى. ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەرسىيە يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى بايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەڭ يېقىن پىكىرداشلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ چەكسىز ئازاب ۋە ماتەم ئىلكىدە قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە مۇنۇ مىسرالارنى يازىدۇ:

بۇ زاماننىڭ كەسپىدۇر نەيرەڭ ۋە يەتكۈزمەك زەرەر،

ئادىتى جەبرۇ-جاپا، يوقتۇر مۆرىۋەتتىن ئەسەر.

ۋاھ، ئەجەب چاقى پەلەكنىڭ ئايلىنار تەتۈر ھامان،

ئەيلىگەي لەقۋا-رەزىل، دۈشمەن ئاڭا ئەقلۇ ھۈنەر.

دۇنيائى پانىي بىۋاپا، ئازغۇندا يوق پاكلىق، ساپا،

پىكرى-خىيالىدۇر جاپا، مەردانىلەرگە يوق سەمەر.

ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز، ھەقىقەت كانىسەن ھىممەتكە باي،

ئەلنى دەپ ئۆتتۈڭ ھامان، ھەسرەتلىنىپ شامۇ-سەھەر.

مەقسىتىڭ ئىسلاھ ئىدى، ھەق سۆزلىدىڭ يۇرتۇڭ ئۈچۈن،

جاھىل رەقىپلەر تويمىدى، تارتىپ ساڭا تىغۇ-تەبەر.

ھەق يولغا سالغان پاشپاناھ، بىزدىن يوقالدىڭ ئاھۇ ۋاھ!

قالدى بۇ يۇرت ھالى خاراب، يولباشچىسىز-يوق رەھبەر.

دەھشەتتە ئەتتىڭ بىزنى تەرك، ئۆچتۈڭ ئەي زۇلمەت يۇلتۇزى،

قالدۇق بۇ تۈندە تەمتىرەپ، قىلغاچقا سەن بىۋاقىت سەپەر.

بولدۇق مالال باقى قەدەر، يوق سەن كەبى مەردانە ئەر،

ئەھلى كامال يوق بولسا گەر، ھەق نۇرىنى پۈركەر خەتەر.

يارەب، ئۆزۈڭ قىل مەرھەمەت، ئەل قالمىسۇن ھايۋان سۈپەت،

بەرگىنكى ئىنساندەك سۈرەت، ئەيلەپ ئاتا ئەقلۇ نەزەر.

چۈن ھاجى قۇتلۇق ماتەمى، ئايرىلدى ئالىي ھەمدەمى،

كەتتى كۆرۈڭكىم ئالىمى، پىنھان بولۇپ مىسلى قەمەر.

1924-يىلى 14-ئاۋغۇستتا ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندە، ياش مۇھەممەتئەلى تەۋپىق چۆچەكتە ئىدى. ئۇ چاغدا تۈركىيە سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىنى ئاڭلىغان مۇھەممەتئەلى تەۋپىق چەكسىز ئازاب ئىچىدە «ئوقۇدى-ئارتتى» ناملىق شېئىرىنى يازىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى مۇھەممەتئەلى تەۋپىقنىڭ مەزكۇر شېئىرىنىڭ يېزىلىش سەۋەبى ۋە ئەسلى نۇسخاسىنىڭ تېپىلىش جەريانى ھەققىدە ئاڭلارمەنلەرگە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن يۈرىكى ئېزىلگەن ياش مۇھەممەتئەلى تەۋپىق «ئوقۇدى-ئارتتى» ناملىق مەزكۇر شېئىرىدا مۇنۇ مىسرالارنى يازىدۇ:

ئوقۇدى، ئارتدى بىزلەردىن كافىر، ئەي مۇسۇلمانلار،

كۆرگەچ كافىرنىڭ ئىجتىھادلىرىن، قاينايدۇ قانلار.

ئاچ كۆزۈڭ، ئۇيقۇدىن غەفلەت ئىچىدە ئۇخلىغان جانلار،

ياشىسۇن يېتىملەر، شادلانسۇن جۈملە ئىنسانلار.

ياشاب ئۆتمىش بابالارىمىز غەفلەت ئىچىندە،

يادكار قالغان يوق بىر نۇقتە ھېكمەت ئانلاردىن بىزگە.

زىكرى قىلىنغان داھى ھەقىقەت قۇرئان ئىچىندە

ئوقۇيمىز، بىلمەيمىز، لىسانى ئەرەب مۈشكۈل تىل بىزگە.

ئۆيرەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار

ساتقانلار دۇنياغا ئەخلاقلىرىنى بىزنىڭ زالىملار.

رىشۋەت بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلار،

باشىدا داشار، قولىدا تەسبىھ، ھارامدىن تائام ئاشارلار.

ھاۋادا قۇش يەڭلىغ جەۋلان قىلارلار غەيرى مىللەتلەر،

قالدۇق بىز يۈزمىڭ گەز ئانلاردىن تۆۋەن، ئويلا ئۈممەتلەر.

مۇۋەييەسىز ئولدىلار كافىرگە بارچە ھېكمەتلەر،

ئەمەلگە قارشى بەردى سۈبھان شانۇ-شەۋكەتلەر.

چىقمىدى بىزلەردىن ئەنۋەر، قەدىرلى يولنى كۆرسەتكەنلەر،

كىم بىلسە پۇل بېرىپ، بىزلەرگە ئادەت ئانى ئۆلتۈرتكەن.

مەرھۇم داموللا ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر،

گۇناھى قايسى ئاق، قايسى قارا، ھەقنى ئۆرگەتكەن.

كاشىغەردە يېتىملەر ھاممام ئارتىندا كۈلدە ياتارلار،

تەربىيەسىز نە ئىشلەسۇن، ھوشۇق ئويناپ نەشە تارتارلار.

زاھىدلار بۇنلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن دىنىن ساتارلار،

ئويلا زاكات كىملەرنىڭ ھەققى؟ كىملەر ئاشارلار؟

ئەيىب ئەتمەڭ بىزلەرنى، ئەيلەدۈك ئەشئار ئىلىمگە لايىق،

شەرئىيگە قايبىرى بىزىم ئەشئارنىڭ كەلمەس مۇۋافىق.

ياشىسۇن يىگىتلەر، مەھۋەت ئولسۇنلار بارچە مۇنافىق

يازۇپ كۈيگە سالغۇچى مۇھەممەدئەلى لەقەبى تەۋفىق!

(داۋامى بار)