ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ۋە ئاخىرى چىقمىغان دېلوسى (19)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021.10.19
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ۋە ئاخىرى چىقمىغان دېلوسى (19) 1920-يىللاردىكى قەشقەر كوچىلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش.
public domain

1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى يېرىم كېچىدە ئابدۇقادىر داموللام سىرلىق سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئەتراپقا تارقىلىدۇ، ھەتتا چېگرا ھالقىپ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىغا، شۇنداقلا ھىمالايا تېغىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھىندىستانغىچە پۇر كېتىدۇ. داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتنى تىنجىتىش ئۈچۈن قەشقەر دويىتى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىن سەپداشلىرى، ئىشەنچىلىك تالىپلىرى ۋە قەشقەردىكى قەلبى ئويغاق سەرخىللارنى تۈركۈملەپ قولغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يوشۇرۇنچە تاشكەنت، ئەنجان، قاراقول قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە؛ بىر قىسمى غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرگە؛ يەنە بىر قىسمى شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق خىتاينىڭ ئىچكىي جايلىرىغا قېچىپ بېرىپ جان ساقلايدۇ. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھىندىستاندا ئوقۇۋتقان ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە دادىسىنىڭ قاتىللىرىنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تەرەپ-تەرەپكە ئەرز سۇنغان.

ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئۆزى كۆرگەن تارىخىي مەنبەلەر ئاساسىدا ئابدۇقادىر داموللام ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قەشقەر ۋەزىيىتى ھەمدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ دادىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئەرز-شىكايەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ قەشقەردە شۇنچە ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان دەۋا-دەستۇرلىرى ھېچقانچە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن قاتىل ئەمەت مەزىن قەشقەر دوتىيى تەرىپىدىن قەپەسگە سېلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئارقىسىدىن تاپ بېسىپ ئۈرۈمچىگە بارىدۇ ۋە ياڭ زېڭشىنغا بىۋاسىتە ئەرز سۇنۇپ دادىسىنىڭ ئاشكارا ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قاتىللىرىنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللامغا قىلىنغان بۇ سۈيىقەستنىڭ بېشىدا سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىن تۇرغاچقا، ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ شۇنچە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغان ئەرز-شىكايىتىنىڭ بىرەر ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

تاران ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن بۇ دېلونى ۋاقتىنچە بېسىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەت مەزىننى ھەپسىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما پەردە ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن سۈيىقەستچىلەرنى ئەسلا ئاشكارا قىلمايدۇ. ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ دەۋا-دەستۇرى يىللارچە سوزۇلۇپ، بۇ دېلونىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يىللار ئۆتۈپ بۇ دېلونىڭ شاۋقۇنلىرى پەسكۇيغا چۈشكەندە باشقىلار تەرىپىدىن ياللانغان قاتىل ئەمەت مەزىن ھەپسىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا لاغايلاپ يۈرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن بىر مەزگىللىك يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مىللىي ئويغىنىش دولقۇنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۈلۈمىدىن كېيىن پەسكۇيغا يۈزلىنىدۇ. تاران ئۇيغۇرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئابدۇقادىر داموللامغا قىلىنغان بۇ سىرلىق سۈيىقەست شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە كۈچلۈك زەربە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىللار داۋامىدا قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر مەزگىللىك بۇرۇختۇملۇق، چۈشكۈنلۈك ۋە مەنىۋىي بوشلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ.

دەرۋەقە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن كېيىنكى 5-6 يىللىق سىياسىي بۇرۇختۇملۇق ۋە مەنىۋىي بوشلۇق شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ زور بىر مەيدان مىللىي ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىغا زېمىن ھازىرلىماقتا ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەشئەل كۆتۈرگۈچىنىڭ ھاياتى بىلەن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قومۇل ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغا مەنىۋىي ئاساس ياراتقانلىقى ۋە 1933-يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.