ئىلىم-پەن روھى بىلەن مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، بولۇپمۇ قىرىمدىن قەشقەرگىچە بولغان تېرىتورىيەدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم پىكىر مەنبەسى بولغان ئىدى. ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىرىمدىكى باغچەسارايدىن ياندۇرغان جەدىدچىلىك مەشئىلى رۇس ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ رەھىمسىز ئاسارىتىنى يەتكۈچە چەككەن تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبىنى يورۇتقان، بالدۇر ئويغانغان مىللەت سەرخىللىرىدا ئىلىم-پەن، يېڭىلاش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ھۆررىيەت غايىلىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئەنە ئاشۇ داۋالغۇپ تۇرغان يىللاردا قەلبىگە ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى يۈكلىگەن، ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئويغاقلىقنى ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى دەپ بىلگەن، ئىسلاھات ۋە يېڭىلاشنى مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى دەپ قارىغان ئابدۇقادىر داموللام بۇخارا بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا تالاي خىياللارنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى، تىپىرلاشلىرى ۋە چىقىش يولى تېپىشتىكى ئازابلىق ئىزدىنىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. نەچچە قېتىم ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، يەنە نەچچە قېتىم ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ئازابلىق جەرياندا ئۇنىڭ خەلقىنى ھەم ۋەتىنىنى ئويغىنىشقا، مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا ۋە ھۆررىيەتكە چاقىرغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى يورۇقلۇققا چىقىدۇ.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە ياش بىلىم ئادەملىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ساھەلەر بويىچە خەلقنى تەپەككۇرغا ھەم پىكىر ئىنقىلابىغا يېتەكلىگەن كۆرسەتكۈچ بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى قۇرۇق نەزەرىيە ياكى پەندى-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى دوگماتىك مۇھاكىمىلەرگە تولغان ۋەز-نەسىھەتنامە ئەمەس ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە يازغان ئەسەرلىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك دەللىك، ئەمەلىيەتچانلىق زامان ۋە ماكان تەقەززاسى، شۇنىڭدەك خەلقىگە چىقىش يولى كۆرسىتىشتەك مىللىي مەسئۇلىيەتچانلىق مەۋجۇت ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
«نەسىھەتى ئاممە» ناملىق كىتابچە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە كەڭ تارقالغان، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش ئەۋلاتلار ئارىسىدا ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىغان ئەسەردۇر. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئاددىي ۋە كۈچلۈك ئىبارىلەر ھەمدە ئاممىباپ ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەر ئۆز زامانىسىدىكى ئاسارەت تۇمانلىرى ئاستىدا قالغان خەلققە قۇتۇلۇش يولى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

ئابدۇقادىر داموللام ئۆز زامانىسىدىكى كەسكىن بىر ئىسلاھاتچى، پىكىر ئىنقىلابى قوزغىغان بىر مۇتەپپەككۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «تەجۋىدى تۈركى»، «ئاقائىدى زەرۈرىيە»، «ئىبادەتى ئىسلامىيە»، «جەۋاھىرۇل ئىيقان»، «تەسھىلۇل ھېساب» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «تەجۋىدى تۈركى» ناملىق ئەسىرىدە «قۇرئان كەرىم» نى توغرا ۋە چىرايلىق ئوقۇشتا مۇھىم بولغان تەجۋىد قائىدىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 52 سوئال-جاۋاب بىلەن بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا تەجۋىد ئىلمىدىكى ئاساسىي مەلۇماتلار، يەنى ئەرەب تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ سانى، چىقىش ئورۇنلىرى ۋە بەزى ھەرپلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ئابدۇقادىر داموللام مەزكۇر ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق ئىلاۋە قىلغان: «كۈنىمىزدە تەجۋىد كىتابلىرى ئىستانبۇل ۋە تاتار شىۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە مەزكۇر تەرجىمىلەرنى چۈشەنمەك بىر ئاز ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىبنى جەزەرىينىڭ تەجۋىد ھەققىدىكى كىتابى، ‹تەجۋىد ئىلمى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان› قاتارلىق كىتابلاردىن بەزى مەزمۇنلارنى تاللاپ، مەملىكىتىمىزدە ئادەتلەنگەن تۈرك تىلىدا تۈزۈپ چىقىلدى.»
ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «تەسھىلۇل ھېساب» ناملىق ئەسىرى باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى بالىلارغا ماتېماتىكا ئۆگىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەسەر بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىكى يېڭىچە مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىنغانلىقى مەلۇم.
ئابدۇقادىر داموللام ياشىغان ۋە مۇجادىلە ئېلىپ بارغان دەۋردە پۈتكۈل تۈركىستان تۇپراقلىرىدا ئەنئەنىۋىي مەدرىسە مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە زامانغا لايىقلاشتۇرۇش، ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ زامانىۋىي مائارىپنى مەيدانغا كەلتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مەزگىللەردە جەدىدچىلەر بىلەن قەدىمىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ئۇسۇلى قەدىمدىن ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدىغا ئۆتۈش مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن ئىدى.
كونا بىلەن يېڭى ئالمىشىۋاتقان، زامانغا ۋە دەۋرگە لايىقلىشىشى چوقانلىرى كۆتۈرۈلگەن شۇ زامانلاردا ئابدۇقادىر داموللام كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، ئۇسۇلى قەدىم مېتۇدىنىڭ دەۋرى ئۆتكەنلىكىنى، مەكتەپ-مەدرىسەلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇش مېتۇدىنى يېڭىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدىنىڭ ئىلمىيلىكى، زامانىۋىيلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېشىپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئاخىرىدا تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جەدىدچىلىك ھەرىكىتى داۋامىدا ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۈچۈن بىر پىكىر ئاساسى يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭى مەكتەپلەرگە دەرسلىك تەييارلاشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ئەمەلىي ساھەلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)