ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (14)

0:00 / 0:00

ئون تۆتىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ «ھەج تاۋابىتى» گە ئەۋەتىلىشى

1954-يىلى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھىجاز شەھىرىگە يىغىلىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلتاي ئاچىدۇ. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بىردەك مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئىككى رەھبىرى» دەپ تونۇيدۇ. قۇرالتاي يەنە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنگە مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇش سالاھىيىتىنى بېرىدۇ.

«ھىجاز قۇرۇلتىيى» دىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى 4 ئورۇندا، يەنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە، ھىجاز ۋە جىددە شەھەرلىرىدە ھەمدە كەشمىر ۋە پاكىستاننىڭ راۋالپىندى، كاراچى شەھەرلىرىدە جىددىي تۈردە راۋاجلىنىدۇ. قاھىرە، ئىستانبۇل ۋە راۋالپىندى قاتارلىق جايلاردا «ئازاد تۈركىستان» قاتارلىق ئۇيغۇر-تۈركىي تىلىدىكى ژۇرناللار نەشر قىلىنىشقا باشلايدۇ.

دەل شۇ مەزگىللەردە تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە قاناللىرى ۋە تەيبېيدا قۇرغان «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى» ئارقىلىق مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى تەيۋەنگە كېلىشكە، چەتئەللەردىكى «بۆلگۈنچىلىك» پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى يېتىم ھالىتىدىن قۇتۇلۇش، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا قىزىل خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنىمسىز ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامال تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا دەۋاغا ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى سەزگەن كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرى بىر ئامال قىلىپ بۇ دەۋانىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ‹چوڭ ۋەدە› لەر بېرىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ‹نازارەت ئاستىغا ئېلىش› مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئاۋازىنى ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. مۇشۇ مەقسەتتە سەيپىدىن ئەزىزى 1954-يىلى خوتەنگە بېرىپ، مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىنلىرىنى يىغىپ مەخسۇس مەجلىس ئاچىدۇ. ئۇ مەجلىستە: ‹سىلەر مۇھەممەدئىمىن بۇغراغا خەت يېزىڭلار، ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلسۇن. ئەگەر قايتىپ كەلسە بۇرۇنقى ئەمىلىنى بەرگەندىن تاشقىرى ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدۇ، › دەيدۇ. ھالبۇكى، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توزىقىغا دەسسىمەيدۇ.»

1955-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ باندوڭ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى يىغىنى» ئېچىلىدۇ. خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي كوممۇنىست خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىن ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر غەرب مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىنكى مۇھىم بىر خەلقئارالىق يىغىن ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كافكازىيەلىكلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي رەھبىرى سەئىد شامىل بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ. ھالبۇكى، ھىندونېزىيەنىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى كوممۇنىست خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئەيسا ئەپەندىگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. باندوڭغا يېتىپ بارغان كافكازىيەلىكلەرنىڭ مىللىي رەھبىرى سەئىد شامىل ئامېرىكادىن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن CIA نىڭ ئالاھىدە خادىمى روزى نەزەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەيگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە سوئال قويىدۇ. جۇ ئېنلەي ئۇلارنىڭ سوئالىغا يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرگەندە روزى نەزەر يىغىن مەيدانىدا ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «جۇ ئېنلەي ئەپەندى، سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ‹لاى› سۆزى بىلەن ئىنگلىزچىدىكى ‹يالغان› مەنىسىنى بېرىدىغان ‹لىە› سۆزىنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاپ قالىدىكەن. بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولسىمۇ، ئەمما بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى بولغان سىزدەك بىر ئەربابنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە يالغان سۆزلىشى خەلقئارا جامائەتنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.»

باندۇڭ يىغىنىدىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى بولغان مەككىگە كۆز تىكىدۇ. ئاتىئېزىم، يەنى دىنسىزلىق پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلى «خىتاي دۆلەتلىك ھەج ئۆمىكى» تەشكىللەپ ئەرەبىستانغا ئەۋەتىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولىدۇ.

1956-يىلى 6-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان شەھىدىنىڭ باشچىلىقىدا «خىتاي ھەج ئۆمىكى» تەشكىللەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىدۇ. مەزكۇر ھەج ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئەنۋەر خانبابا، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوپ، ياقۇپ داموللام، ھىلالىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا داموللا، نىمشېھىت ئارمىيە داموللام، بەردى داموللام قاتارلىق مەشھۇر كىشىلەرمۇ بار ئىدى. خىتاي ھەج ئۆمىكى گەرچە «ھەج قىلىش» نامىدا مەككىگە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەجدىن كېيىن بۇرھان شەھىدىنىڭ باشچىلىقىدا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان، سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب ئىسلام مەملىكەتلىرىدە قىزىل خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئەنۋەر خانبابا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ھەج قىلىش بولسىمۇ، ئەمما ھەج ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئەرەب دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى، دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى، دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى ۋە مىللەتلەر باراۋەرلىك سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە دوستلۇق ئورنىتىش ئىدى.»

بۇرھان شەھىدىنىڭ 1956-يىلى «خىتاي ھەج ئۆمىكى» نى باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشىدىكى يەنە بىر مەخپىي ۋەزىپىسى ھەج مەزگىلىدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئىدى. بۇ ھەقتە مەرۇپ ئەيسا ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى 1956-يىلى بۇرھان شەھىدىنى ‹ھەج تاۋاپ قىلىشقا بارىدىغان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۆمىكى› گە باشلىق قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتتى. ئەمما مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بۇرھان شەھىدىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش تۇرماق، ئۇنىڭ بىلەن ھەرەمدە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنىمۇ رەت قىلىدۇ.»

بۇرھان شەھىدىنىڭ 1956-يىلى ھەج زىيارىتىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى قەدەمدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى قايىل قىلالايدىغان باشقا بىر نامزات تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1946-1947-يىللىرى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئىنتايىن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇندىن باشقا مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇرھان شەھىدىنىڭ ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەھەممەدئىمىن بۇغرا ئەپەندى بىلەن يېقىنچىلىقى بار، ئۇنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدىغان بىر ئادەمنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر كادىرلار ئىچىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن يېقىن ئۆتكەنلىكى ۋە ئۇلار ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنچ قىلىدىغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى زات 1946-1947-يىللىرى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا بىللە ئىشلىگەن، يەنى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقىغا تەيىنلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخىدىن دەرس بەرگەن ئىدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىدىيە جەھەتتىن يېقىنچىلىقى بار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي رەھبەرلىرىدىن ليۇ شاۋچى ئابدۇرەھىم ئەيسانى بېيجىڭغا چاقىرتىپ مەخسۇس كۆرۈشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ 1957-يىلى ‹خىتاي ھەج ئۆمىكى› نى باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشىنى، بۇ پۇرسەتتە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

شۇنداق قىلىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسا 1956-يىلى بىردىنلا خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئىككىنچى نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. 1957-يىلى يازدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىدىن 17 كىشىنى تاللاپ چىقىپ، «خىتاي دۆلەتلىك ھەج ئۆمىكى» تەشكىللەيدۇ. ۋۇ خوڭبىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئابدۇرەھىم ئەيسا مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان «خىتاي ھەج ئۆمىكى» شۇ يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، يۈننەن، بىرما، ھىندىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1957-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن ليۇ شاۋچىنىڭ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانى بېيجىڭغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ھەجگە بېرىش باھانىسىدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە يەنە قىيىن تاللاش ئىچىدە قالغان ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زىددىيەتلىك روھىي ھالىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ چاغدا ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىلگىرى ھېچ ئويلاپ باقمىغان جىددىي سىياسىي مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ليۇ شاۋچىنىڭ بۇ تاپشۇرۇقىنى قوبۇل قىلماي رەت قىلسا-خىتاي ھۆكۈمىتى بىر باھانە تېپىپ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشى چوقۇم ئىدى. ئەگەر خىتاي ھەج ئۆمىكىنى باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارسا ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە قايىل قىلسا، بۇ ئۆز دوستىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈرۈپ بېرگەنلىك بولاتتى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى: ‹ئۆزىنى ھەم ساقلاپ قېلىش، دوستىنى ھەم تۇتۇپ بەرمەسلىك كېرەك› دېگەن قارارغا كېلىدۇ.»

(داۋامى بار)