ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (16)

0:00 / 0:00

ئون ئالتىنچى قىسىم: مەككىدە ئەيسا ئەپەندى ۋە پولات قادىرى بىلەن كۆرۈشۈش

1957-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ھەج ئۆمىكى مىسىر پايتەختى قاھىرە ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ خەلقئارا دىپلوماتىيەدە يىتىم قالغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئىككىنچى قېتىم ھەج ئۆمىكى تەشكىللەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەۋەتىشى ئىدى.

ئاتېئىزم، يەنى دىنسىزلىق پرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى بولغان مەككىگە ھەج ئۆمىكى ئەۋەتىشى گەرچە ھەيران قالارلىق ئىش بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ئۆز كۆڭلىدە ئاز دېگەندە مۇنداق ئۈچ خىل چوتنى سوققان ئىدى: بىرى، ھەج ئۆمىكى ئەۋەتىش باھانىسىدا ئىسلام ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، دىپلوماتىك قانال ئېچىش ۋە تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى دىپلوماتىك تەسىرىنى چەكلەش؛ ئىككىنچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا-شەرق ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىپ، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر قانىتى ئېچىلغان مەككىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى بىلەن كۈچ سىنىشىش؛ ئۈچىنچىسى، تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلىۋاتقان مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي مەملىكەتلىك ھەج ئۆمىكىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ ھەرەمگە ئەۋەتىلىشى ئىنتايىن تاسادىپىي بولغان ئىدى. 1956-يىلى بۇرھان شەھىدىنىڭ ئوتتۇرا-شەرق زىيارىتىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا ئەپەندىنى قايىل قىلالايدىغان بىر نامزاتقا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپە 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە مۇھەمەدئىمىن بۇغرا بىلەن ناھايىتى يېقىن شەخسىي مۇناسىۋىتى بولغان ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ يەلكىسىگە يۈكلىنىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىنتايىن چىگىش ۋە مۇرەككەپ بىر ھېسسىيات ئىلكىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى جايلاشقان قۇتسال تۇپراقنى دەسسەيدۇ. ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن 17 كىشىلىك بۇ ھەج ئۆمىكى جىددەدىن مەككەگە يېتىپ كەلگەندە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارمۇ ئەيسا ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەج تاۋابىتىگە ھازىرلىنىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق ئەسلىمە كىتابىنىڭ ئىككىنچى تومىدا ئۆزىنىڭ پولات قادىرى بىلەن بىرلىكتە مەككىدىكى پادىشاھ سەئۇدنىڭ ھوزۇرىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: «1957-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىجازدا ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاردىن 12 كىشى پادىشاھ سەئۇد بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ مىنادىكى سارىيىغا باردۇق. مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان چېدىرغا كىرىشىمىزگە قارشى تەرىپىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قىزىل ھاجىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كوممۇنىست ھەيئەتنى كۆردۇق. بىر ھازا بىر-بىرىمىزگە ئۈنسىز قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن مەن ھەمراھىم پولات قادىرىغا ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلدىم. پولات قادىرى قولىدىكى ئاپپاراتى بىلەن ئۇلارنى بىرقانچە پارچە سۈرەتكە تارتتى ۋە ئارقىدىنلا سۈكۈتنى بۇزۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. كېيىن پولات قادىرى قېشىمغا كېلىپ بولغان پاراڭلارنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا ئۆمەك باشلىقى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۇنىڭغا: ‹پولات، ئالدى بىلەن قېشىمغا كېلىپ ئولتۇر، ئاندىن سۈرەتكە تارتساڭمۇ بولىدۇ، › دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا پاراڭ باشلىنىپتۇ. پولات قادىرى بۇ ھاجىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى، قانداق يوللار بىلەن ھەجگە كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دوستلىرىدىن كىملەرنىڭ ساق ۋە كىملەرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلارنىڭ ئالدى بىلەن خىتاي پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردىن ئايروپىلان بىلەن ھىندىستان ئارقىلىق قاھىرەگە، ئۇ يەردىن جىددەگە كەلگەنلىكىنى، مىسىردا تەھسىل كۆرگەن ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بىلەن تۈركىيەدە تەھسىل كۆرگەن قۇربان قۇدايدىن باشقا پۈتۈن سەپداشلىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھايات قالغانلاردىن بىر قىسمىنىڭ سوراق ۋە تەقىپلەردىن كېيىن ئىپادىسىگە قاراپ ھۆكۈمەت مەمۇرىيەتلىرىدە خىزمەت بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتۈپتۇ. پولات قادىرى بۇلارنى ئاڭلاپ، ئابدۇرەھىم ئەيسادىن تەكرار يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراپتۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا ‹تەكرار كۆرۈشەيلى› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.»

شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن مىناغا توپلانغان 200 گە يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلاغا خىتاپ قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئالدىنقى يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرىنچى نومۇرلۇق خائىنلاردىن بۇرھان شەھىدىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۇنجى قېتىملىق قىزىل خىتاي ھاجىلار ئۆمىكى كەلگەندە ھەرقايسىڭىزلەر ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن ئىدىڭىزلەر. بۇ يىل ئابدۇرەھىم ئەيسا باشلاپ كەلگەن كوممۇنىست ھاجىلار ئۆمىكى بىلەن بۇلتۇرقىدەك ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىمىزمۇ ياكى بىر ھەيئەت بولۇپ كوللېكتىپ كۆرۈشىمىزمۇ؟»

بۇنىڭ بىلەن ھىجازدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار پولات قادىرى، ئابدۇللا قارى قاتارلىق 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت سايلاپ چىقىدۇ. مەزكۇر ھەيئەت ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ چېدىرىغا بېرىپ، كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ھاجىلارنى يىغىپ مەزكۇر ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتۈرىدۇ. كۆرۈشۈشتە ئابۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئەگەر ئەيسا ئەپەندى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى خالىسا، مۇۋاپىق پەيتتە كۆرۈشۈشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

1957-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەيسا ئەپەندى سەپدىشى پولات قادىرى بىلەن مىنادىن مەككىگە قايتىپ خىتاي ھەج ئۆمىكى ئورۇنلاشقان مىسىر مېھمانخانىسىغا چۈشىدۇ. شۇ كۈنى كېچە سائەت 2:00 ئەتراپىدا پولات قادىرى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ياتىقىنى چېكىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە سائەت ئايرىم سۆزلىشىدۇ.

ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق مەخپىي كۆرۈشۈشتە پولات قادىرى ئابدۇرەھىم ئەيسادىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغان 2 مىليوندەك كۆچمەن يەرلەشتۈرگەنلىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا ھېچ بولمىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنى دوراپ بولسىمۇ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇق بەرمەستىن، بەلكى ئۆلكە دەرىجىلىك ساختا «ئاپتونومىيە» بەرگەنلىكى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرى، مىللىي ئارمىيەنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە سوئاللار سورايدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا بۇ سوئاللارنىڭ بەزىلىرىگە ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، بەزىلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرىدۇ. ئارقىدىن ئابدۇرەھىم ئەيسا پولات قادىرىدىن ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ قەيەرگە يەرلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈركىيەدە قانچىلىك شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرنىڭ ياشايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، كورىيە ئۇرۇشىغا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئەسكەر بولۇپ قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورايدۇ.

ئەتىسى، يەنى 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەيسا ئەپەندى مىسىر مېھمانخانىسىنىڭ رېستۇرانىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن يالغۇز كۆرۈشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ 1940-يىللاردا ئۈرۈمچىدە تونۇشقىنىدىن بۇيان چەتئەلدە تۇنجى قېتىم بىر ئۈستەلدە كۆرۈشۈشى ئىدى. ئەيسا ئەپەندى ئابدۇرەھىم ئەيساغا قول بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە تونۇشقىنىدىن بۇيان ئۇنى ۋەتەنسۆيەر بىر مۇنەۋۋەر دەپ بىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سەمىمىيەتلىك بىلەن سۆزلىشىش مۇمكىن بولسا، بۇ سىرنىڭ پەقەت ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسامۇ جاۋابەن: «ئەلۋەتتە، بولىدۇ، پۇرسەت تېپىپ ئۇزۇن سۆزلىشەيلى،» دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ.

شۇ مەككىدىكى مىسىر مېھمانخانىسىنىڭ ھويلىسىدا ئەيسا ئەپەندى ئابدۇرەھىم ئەيسانى كۈتىدۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ كەينىدىن ئابدۇراھمان ھىدايەتوف قاتارلىق «قۇلاق» لار ئەگىشىپ كەلگەچكە، ئۇلار ئايرىم سۆزلىشەلمەيدۇ. ئەيسا ئەپەندى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتە ئۆتكۈزگەن 8 يىللىق ھاياتى ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. ئاندىن «مەن سىلەرگە 8 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىمىزنى ئاڭلاتتىم، ئەمدى سىلەر ئۆتكەن 8 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلمامسىلەر؟» دەيدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئېھتىيات بىلەن 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەيسا ئەپەندى ئۇنىڭغا سوئال قويىدۇ: «مۇختارىيەتتىن گەپ ئاچتىڭىز، ئەپەندىم، مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىلگەن بىر خەلق ئۆز يۇرتىغا مىليونلارچە كۆچمەن يەرلەشتۈرۈلسە، مال-مۈلكى تارتىۋېلىنىپ كوللېكتىپلاشتۇرۇلسا، سەرخىللىرى پان-تۈركىست، پان-ئىسلامىست، يەرلىك مىللەتچى، جاڭ كەيشىكنىڭ قۇيرۇقى ۋە ئامېرىكا جاسۇسى دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلسە، بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن گەپ قىلالمايدۇ؟»

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قاتىل ۋە جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما ئەيسا ئەپەندى: «ئەلۋەتتە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدىكى تۇراپ قاتارلىق گومىنداڭ دەۋرىدە خىتايلارغا سېتىلغان مۇناپىقلار ئۆلۈمگە لايىق دېيىلگەندىمۇ، ئەمما كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مەسئۇت سابىرى، ئوسمان باتۇر، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان، قۇربان قۇداي ۋە ئابدۇرەھىم قىلىچ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھى نېمە ئىدى؟» دەپ سورايدۇ. بۇنىڭغا ئابدۇرەھىم ئەيسامۇ، ئەتراپىدىكى «قۇلاقلار» مۇ جاۋاب بەرمەيدۇ.

ئاخىرىدا خىتاي ھەج ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋۇ خوڭبىن سۆز قىستۇرۇپ، ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى كومپارتىيەگە قارشى پائالىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا يوقىرى ئەمەل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەيسا ئەپەندى ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ئەگەر بۇ كوممۇنىزم بىزنىڭ بىلگىنىمىزدەك ۋە ماھىيىتىنى چۈشەنگىنىمىزدەك بىر تۈزۈم بولىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە ئەپۇ كەلىمىسى مەۋجۇت ئەمەستۇر،» شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەت ئاخىرلىشىدۇ. ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئايرىم بىر جايدا ئۇزۇن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىمۇ بولمايدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مەككىدە «شەيتانغا تاش ئېتىش» كۈنىدە «ئاغرىپ قالدىم» دەپ ياتىقىدا يالغۇز قېلىپ مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن مەخپىي ئۇچراشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، ھازىرغىچە قولىمىزدا بار بولغان مەنبەلەردە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مەككىدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ھۆججەت يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەيلى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئارخىپىدا بولسۇن ياكى ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بولسۇن، 1957-يىلى مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ھەجگە بارغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1957-يىلىدىكى ھەج سەپىرىدە ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتىنىڭ يوقلىقىنى، ئەمما پولات قادىرى بىولەن ئاكىسىنىڭ 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بىر-بىرىنى ياخشى بىلىشىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەيسا ئەپەندى ئەسلىمىسىدە يەنە 1957-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ھەج ئۆمىكى بىلەن خىتاي ھەج ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ مەككىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىنى سېلىشتۇرۇپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ يىل ھەج باھانىسى بىلەن قىزىل خىتايدىن ھەجگە كەلگەن ھاجىلارنىڭ سانى 17 نەپەر كىشى ئىدى. بۇلاردىن 9 نەپىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەنلەر، 8 نەپىرى خىتاي مۇسۇلمانلىرى (تۇڭگانلارنى دېمەكچى) ئىكەن. بۇ ‹خىتاي مۇسۇلمانلىرى› دېگەنلەردىن بەزىلىرىنىڭ خىتاي جاسۇسى ياكى خىتاي ئىستىغبارات خادىملىرى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلدىم. راستنى ئېيتقاندا، بىر خىتاي مۇسۇلمانى بىلەن بىر خىتاي جاسۇسىنى پەرقلەندۈرۇش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قىزىل ھاجىلار شەخلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يېتىپ-قوپۇپ ھەج تاۋابىتىنى ئېلىپ بارغان بولسا، قىزىل خىتايدىن كەلگەن ھاجىلار جىددە، مەككە ۋە مەدىنەدە ئەڭ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.»

(داۋامى بار)