ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (19)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.02.25
Seypidin-Ezizi.png 1960- ۋە 1970-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان زور كۆلەملىك سىياسىي ھەرىكەتلەردىن بىر كۆرۈنۈش (ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ھەربىي كىيىملىك كىشى سەيپىدىن ئەزىزى، ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس).
Photo: RFA

ئون توققۇزىنچى قىسىم: «دوست» لارنىڭ خىيانىتى

1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» كە سەپەرۋەرلىك قىلىش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنى باشلىنىدۇ. يىغىن باشلىنىشى بىلەن ئالدىن تەييارلانغان «قارا تىزىملىك» بويىچە زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرەھىم ئەيسا، ئابدۇرەھىم سەئىدى ۋە ئابلىز قارى قاتارلىق 5 كىشى دەھشەتلىك سىياسىي ھۇجۇمنىڭ بىرىنچى نىشانى قىلىنىدۇ. ئۇلارغا بىردەك «ئوڭچى»، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «تەتۈر ئىنقىلابچى»، «ئۇيغۇرىستانچى»، «خەنزۇلارغا قارشى» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلىدۇ. 

سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش مەجلىسى بارغانچە كۈچىيىپ، بىرىنچى ئوت ئىبراھىم تۇردى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيساغا قارىتىلدى. ئۇلاردا يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئېغىر ئىدى. ئۇلارنى يادرو قىلىش ئۈچۇن ‹تەتۈر ئىنقىلابچى› دېگەن نام بىلەن كۈرەش قىلىندى. ئابدۇرەھىم ئەيسا چىدىمىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى.» 

ھالبۇكى، سەيپىدىن ئەزىزى ئەسلىمىسىدە ئۈرۈمچىدە داۋاملاشقان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش يىغىنىدا ئابدۇرەھىم ئەيساغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. 

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىدە بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ھەرىكەتكە ماۋ زېدوڭ بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ شىئەندە تۇرۇپ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى. ھەرىكەتنىڭ شىنجاڭدىكى قوماندانى ۋاڭ ئېنماۋ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، سەيپىدىن ئەزىزىنى سەھنىگە چىقىرىپ قويدى. ئۇ ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى› دا خىتايلار تەييارلاپ بەرگەن ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى› دېگەن دوكلاتىنى ئوقۇدى شۇنداقلا ئۇيغۇرىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى بىرىنچى ئوقنى ئېتىپ بەردى. كېيىن يىغىندىكى كادىرلار سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دوكلاتىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. ئاخىرىدا پاش قىلىش ۋە ‹يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بار› دەپ قارالغان كادىرلار ئۈستىدىن كۈرەش قىلىش باشلاندى. ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتناشقان گۇرۇپپىدا شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئەسەبىيلەرچە چالۋاقاپ، ھە دېسىلا ‹ئابدۇرەھىم ئەيسادا مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئېغىر› دەپ جار سالدى. ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان راست-يالغان پىكىرلەرگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ ۋە ئۇنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، ئابدۇرەھىم ئەيساغا زادىلا ئارام بەرمىدى.»

شۇنداق قىلىپ، كېڭەيتىلگەن يىغىننىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرەھىم ئەيسا، ئابدۇرەھىم سەئىدى، ئابلىز قارى قاتارلىق نازارەت دەرىجىلىكتىن يوقىرى 5 نەپەر ئۇيغۇر كادىر نۇقتا قىلىنىپ، كۈرەشكە تارتىلىدۇ. ئەسلىدە بىر ھەپتە ئېچىش پىلانلانغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىن كەينىگە سوزۇلۇپ، بارغانسېرى سىياسىي كەيپىيات يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈستىدىكى كۈرەش ئۇدا 16 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئابدۇرەھىم ئەيسا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچىغان بولسىمۇ، ئەمما قەتئىي بوي بەرمەيدۇ. ئۇ باشتىن-ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ھەق گەپ قىلغانلىقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئاپتونومىيە مەسىلىسى توغرىلىق ئىلگىرى ئۆزى بەرگەن پىكىرلەرنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ كۈنلەردىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئەسلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1958-يىلىنىڭ يانۋار ئېيى كىرىش بىلەن كۈرەش يىغىنى قىزىپ كەتتى. بىر ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى كۈرەش يىغىنى 16 كۈن داۋام قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى خىتاي رەھبەرلىرىگە زادىلا ياقمىدى. ئۇنىڭ ‹مەسىلە تاپشۇرۇشىغا ياردەم قىلىش› ئۈچۈن ئىدىيەسى قىزىللاشقان ھېۋوللا سوت، يەنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا مۇتەللىپ مەسئۇل قىلىندى. شۇندىمۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانى باش ئەگدۈرۈش مۇمكىن بولمىدى. ئۇ شىددەتلىك سىياسىي بوران-چاپقۇندا ئېگىلمەي تىك تۇرغان قارىغايدەك خىتاينىڭ قاتمۇ-قات بېسىملىرىغا پىسەنت قىلماي بېشىنى تىك تۇتۇپ، مەغرۇر ھالدا تۇردى. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مەغرۇرلىقىدىن ئوغىسى قاينىغان خىتايلار ‹كۈرەش قىلىش› نىڭ 16-كۈنى كۈرەشنى يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل مات قىلماقچى بولدى. ئۇنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەربىيەلەپ تەييار قىلغان پارتىيە ئاكتىپى ئىسمائىل ھەۋىزۇللايوفنى مۇنبەرگە چىقاردى.»

ئۇنداقتا، ئابدۇرەھىم ئەيساغا تۇنجى بولۇپ ھۇجۇم قىلغان ئىسمائىل ھېۋزۇللايوف زادى كىم؟ ئىسمائىل ھېۋەزۇللايوف (1913-1993) 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان، 1935-يىلى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى تەرىپىدىن سەيپىدىن ئەزىزى، سەيدۇللا سەيپۇللايوفلار بىلەن بىر قاتاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن «تاشكەنتچى» لەردىن ئىدى. ئۇ 1937-يىلى تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى (SAGU) نىڭ مەمۇرىي ھوقۇق فاكۇلتېتىنى پۈتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن غۇلجادا ئۇزۇن مەزگىل مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ. 1954-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. 

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن ئىسمئاىل ھېۋىزۇللايوف ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىلا باشلانغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان تاكى 1957-يىلىغىچە ئۇلار ئىككى ئائىلىنىڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

1957-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋاڭ ئېنماۋ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئېنماۋ ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئۇنىڭدىن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ تارىخىي مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھەج سەپىرىدە كىملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، نېمە دېيىشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە مەرۇپ ئەيسا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1957-يىلى يازنىڭ ئاخىرى ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا دەم ئېلىنىش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن بورتالا ئارشاڭغا بارماقچى بولدى. بۇنى ئۇققان ھېۋىزۇللايوف دەرھال ئارشاڭغا بىللە بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى ئائىلىسىنى ئېلىپ بىللە بېرىشقا كېلىشىدۇ. ھېۋىزۇللايوف ئارشاڭدا بىللە دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىللىنىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسادىن گەپ ئېلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ئارشاڭدا شىپالىق سۇغا چۈشكەندىمۇ، سىرتتا سەيلە قىلىپ يۈرگەندىمۇ تۈرلۈك سوئاللارنى سوراپ ئاكامدىن سىر ئېلىشقا باشلايدۇ. بىر كۈنى ئارشاڭدا چۆمۈلىۋېتىپ ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا مۇنداق دەپتۇ: ‹مەن بۇ قېتىمقى ھەج سەپىرى جەريانىدا ئىلگىرى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن مىسىر ئەللىرىنى كۆرۈپ كەلدىم. ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغىنى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بىرمۇ ئىنگىلىز يوق ئىكەن. ھەممە ئىشنى ئەرەبلەر ئۆزلىرى قىلىدىكەن. پەقەت باش ۋالىي ئىنگىلىزلاردىن قويۇلىدىكەن. بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ئاتاقنى ئالغۇچە، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولساق ياخشىراق بولاتتىكەن! › يەنە بىر كۈنى ئۇلار ئىككىسى سەيلە قىلىپ، يىقىلىپ ياتقان بىر قېرى دەرەخنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا يەنە ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ كوچىلاپ سورىغان سواللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھەجدىن قايتىش سەپىرىدە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بىر كېچە قونۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى ئۇنى چاقىرىپ مېھمان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى ئەسلىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمان ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئەسكىرى بولۇپ، تېگى-تەكتى قازاقىستانلىق قازاقلاردىن ئىكەن. ئابدۇرەھىم ئەيسا شۇ قېتىملىق پاراڭ ئارىلىقىدا دەۋلەتبەگ ئىسىملىك بۇ قازاق كىشىنىڭ ئۆزىگە بىر دانە ناخشا قاچىلانغان پاتىفون پىلاستىنكىسىنى سوۋغا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قىزى گۈزەل ئۇلارنىڭ ئەتراپىد ئاكېپىنەك قوغلاپ ئويناپ يۈرگەن ئىكەن.»

مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بورتالا ئارشاڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دوسلۇقتىن كۆرە مەنسەپنى ئەلا بىلگەن ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف ئابدۇرەھىم ئەيسادىن ئاڭلىغان مەلۇماتلارنى ئېقىتماي-تېمىتماي سەيپىدىن ئەزىزىگە يەتكۈزىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزى دەرھال بۇنى خوجىسى ۋاڭ ئېنماۋغا يەتكۈزىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋ بۇ مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇددى چوغ دەسسىۋالغاندەك تىپىرلاپ، ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ. ئۇ باشلىنىشى ئالدىدا تۇرغان ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت› تە ئابدۇرەھىم ئەيسانى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇجۇقتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ قويىدۇ.»

ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتمەيلا ئابدۇرەھىم ئەيسا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى بىلەن تارتىپ چىقىرىلغىنىدا ئۇنىڭ يېقىن دوستى ئىسمائىل ھېۋزۇللايوف يۈزىدىكى نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئابدۇرەھىم ئەيساغا شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەج مەزگىلىدە چەتئەللەردىكى «بۆلگۈنچى» لەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكىنى، قايتاشىدا دەۋلەتبەگ دېگەن ئامېرىكا ئىستىغاباراتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر قازاق كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ سوۋغات قىلغان پاتىفون پىلاستىنكىسىنى ئوغرىلىقچە ۋەتەنگە ئېلىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار «جىنايەت» لەرنى پاش قىلىدۇ. 

ئىسمائىل ھېۋزۇللايوفتىن كېيىن سۆزگە چىققان زاھىر سەۋدانوف ئابدۇرەھىم ئەيسانى قوپاللىق بىلەن سەنلەپ تۇرۇپ: «سەن توردىن چۈشۈپ قالغان سىنىپىي يات ئۇنسۇر، پارتىيەگە كۆز بوياپ كىرىۋالغان سىنىپىي دۈشمەنسەن! ئېيتقىنا، ھازىر ھېۋزۇللايوف پاش قىلغان مەسىلەڭنى نېمىشقا ئۆزلىكىڭدىن پاش قىلمايسەن؟ بۇ سېنىڭ پارتىيەگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئەمەسمۇ؟ كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ بار مەسىلەڭنى تولۇق تاپشۇر!» دەپ بىرمۇنچە ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. 

مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىز جەريانىدا سەۋدانوپ زاھىرنىڭ شۇ مەيداندا ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئۇنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى سىياسىي دولقۇنلاردىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا گېنېراللىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سۈيىقەستلىك ھۇجۇملىرى ئەمەس، بەلكى ئەڭ يېقىن دوستلىرى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ساتقىنلىقى، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئەڭ قىيىن كۈنلەردە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىشى، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تارىخنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇشى ئۇنى ھەممىدىن بەكرەك ئازابلايدۇ. قەلبى لەختە-لەختە بولغان ئابدۇرەھىم ئەيسا كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە پىسەنت قىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.