ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (20)

0:00 / 0:00

يىگىرمىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلتۈرۈلگەن قورقۇنچلۇق كېچە

1958-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش يىغىنىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» تاكتىكىسى بويىچە بىر قىسىم ئاتالمىش ئاكتىپ ئۇيغۇر كادىرلارنى ئابدۇرەھىم ئەيساغا قارشى سەھنىگە چىقىرىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى ئابدۇرەھىم ئەيسا مەسىلىسىدە قانداقتۇر سىرلىق بىر خىل پوزىتسىيەدە بولىدۇ. ئۇ كۈرەش يىغىنىدا زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسالارغا ئارا تۇرالمايدۇ، سۈكۈت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلاردا «يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئېغىر» دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

شۇ كۈنى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دوستى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف ۋاڭ ئېنماۋنىڭ مەخپىي كۆرسەتمىسى بويىچە ئابدۇرەھىم ئەيساغا قارشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بورتالا ئارشاڭدا ئۆزىگە دېگەن گەپ-سۆزلىرىنى ئېقىتماي-تېمىتماي، بەلكى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا «پاش قىلغان» بولىدۇ. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۇپ ئەيسا ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانى قارىلاش ئۈچۈن ۋاڭ ئېنماۋ تەرىپىدىن ئالدىن تەييارلانغان بىر پېچكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شۇ كۈنىدىكى يىغىندا ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ سۆزى تۈگىشىگە سەۋدانوف زاھىر ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئابدۇرەھىم ئەيساغا بىگىز بارمىقىنى شىلتىغان پېتى زەھەرخەندىلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «سەن توردىن چۈشۈپ قالغان سىنىپىي يات ئۇنسۇر، پارتىيەگە كۆز بوياپ كىرىۋالغان سىنىپىي دۈشمەنسەن! ئېيتقىنا، ھازىر ھېۋىزۇللايوف پاش قىلغان مەسىلەڭنى نېمىشقا ئۆزلۈكۈڭدىن پاش قىلمايسەن؟ بۇ سېنىڭ پارتىيەگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئەمەسمۇ؟ كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ بار مەسىلەڭنى تولۇق تاپشۇر!»

مەرۇپ ئەيسا شۇ قېتىملىق كۈرەش يىغىنىدا ئاكىسىنى قارىلىغانلار ئىچىدە سەۋدانوپ زاھىرنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىلىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئىزچىل ئاكتىپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا ئابدۇللا زاكىروف قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ۋاڭ ئېنماۋ گۇرۇھى» نىڭ چوماقچىلىقىنى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

كەچقۇرۇن يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ كەيپىياتى بىردىنلا ئۆزگىرىدۇ ۋە يۈرىكى مۇجۇپ ئاغرىشقا باشلايدۇ. ئۇ قاتتىق روھىي بېسىم تۈپەيلىدىن چارچىغان ئىدى. مەرۇپ ئەيسا ئاكىسىنىڭ شۇ كۈنىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دەپ ئايزىدۇ: «مۇشۇ خىلدىكى يالا-تۆھمەتلەر بىلەن ئاچچىق ھاقارەتلەر تەسىر قىلدى بولغاي، يىغىن ئاخىرلىشىپ ياتاققا چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ يۈرىكى مۇجۇپ ئاغرىشقا باشلايدۇ. ئۇ كارىۋىتىغا يېتەلمەي داق پولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. باشقىلار ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويىدۇ.»

بۇ مەزگىلدە باشقا ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان كادىرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچەغ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى جاغدا بابالىكوف بىلەن بىللە تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 2-قەۋەت 214-نومۇرلۇق ياتاققا ئورۇنلاشقان ئىكەن.

1958-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈستىدىكى كۈرەش يىغىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئابدۇرەھىم ئەيسا چارچىغانلىقتىن بىردىنلا ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ. يىغىن رىياسىتى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەتىسى، يەنى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى چوڭ يىغىندا «مەسىلە تاپشۇرۇشى» نى تەلەپ قىلىدۇ.

يىغىندىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا ھارغىن ھالدا ياتىقىغا قايتىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر جاكۇلىن جاغدا بابالىكوفنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەنۋەر جاكۇلىن جاغداغا چۆچەكتىن سوقۇم گۆش ئەكەلدۈرگەنلىكىنى، ئۆيىگە بىللە بېرىپ مېھمان بولۇشنى ئېيتىدۇ، ھالبۇكى ئۇ جاغدا بابالىكوف بىلەن بىر ياتاقتا يېتىۋاتقان ئابدۇرەھىم ئەيسانى تەكەللۇپ يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۆيىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن سەل ئوڭايسىزلانغان جاغدا بابالىكوف ياتاقدىشى ئابدۇرەھىم ئەيساغا بىللە بېرىپ كېلىشنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسا «مىجەزىم يوق، مەن دەم ئالاي» دەپ ياتاقتا قەپ قالىدۇ.

شۇ كېچىسى جاغدا بابالىكوف ياتاققا قايتىپ كەلمەيدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزى يالغۇز ياتاقتا قەپ قالىدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئۆلتۈرۈلگەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق كېچە ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «ئەتىسى، يەنى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە باشقا ياتاقلارنىڭ ئىشىكى ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما 214-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلمايدۇ. كىشىلەر ھەيران بولۇشۇپ ئىشىك ئالدىغا توپلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېۋۇللا سوت (ھەبىبۇللا مۇتەللىپ)، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باجىسى رەفىق بايچۇرىن (تاتار)، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بارات ئىسمائىل ۋە باشقا كىشىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ئىشىكنى تارتىپ بېقىپ ئېچىلمىغاندىن كېيىن ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىدۇ. قارىسا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنىڭ كارىۋىتىدا يوتقاننى ئۈستىگە ھىم يېپىپ ئوڭدىسىغا ياتقان ئىكەن. ئۇلار يوتقاننى ئېچىپ قارىسا كېكىرتەككە 3 قېتىم پىچاق سۈرۈلگەن (بىر پىچاق كاناي بىلەن قىزىلئۆڭگەچنى كېسىپ يۇلۇنغا بېرىپ تاقاشقان) ئىكەن. كۆكرەك بىلەن قورساق قىسمىغا 7 قېتىم پىچاق ئۇرۇلغان بولۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسا جەمئىي 10 قېتىملىق پىچاق زەربىسى بىلەن ئېغىر جاراھەتلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ۋاڭ ئېنماۋ، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، جاغدا بابالىكوف، قالدىباي ۋە باشقىلار كىرىپ ئەھۋالنى كۆرۈپتۇ. ۋاڭ ئېنماۋ: ‹بۇ ئىش يامان بوپتۇ، بۇ ئەھۋال قەتئىي مەخپىي تۇتۇلسۇن، ھازىرچە ھېچكىم بىلمىسۇن، › دەپ يوليورۇق بېرىپ چىقىپ كېتىپتۇ.»

بېشىدىن نى-نى ئىسسىق سوغۇقلار ئۆتكەن، ھەم شېڭ شىسەينىڭ ھەم گومىنداڭنىڭ بولۇپ ئىككى قېتىم تۈرمىدە ياتقان، شۇنچە مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرلەردە كۆكرەك كېرىپ تىك تۇرغان ئابدۇرەھىم ئەيسا بۇ قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتتە راستىنىلا بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىدىمۇ؟ ئۇ قانداقلارچە ھاياتىنى ئىنكار قىلىش ئۇسۇلى بىلەن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ» ؟

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، «شۇ كۈنى ياتاقلارنى ۋە يىغىن زالىنى سۈرلۈك جىمجىتلىق باسىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى يېرىم كۈن ‹كۈرەش› نى توختىتىپ قويۇپ، پەردە ئارقىسىدا بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. تەييارلىق ئىشلىرى پۇختا ئىشلەنگەندىن كېيىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىن زالىغا چاقىرتىلىپ تۆۋەندىكىلەر رەسمىي جاكارلىنىدۇ: «(1) ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى ئابدۇرەھىم ئەيسا پارتىيە ئالدىدىكى ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىشتىن قورقۇپ، ئۆتكەن كېچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ (2) ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ھەج ئۆمىكىگە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندا چەتئەلدە يۈرگەن ئەشەددىي مىللەتچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن ھەم ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن. بۇ مەسىلە پاش بولغاندىن كېيىن ئۇ قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ (3) ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئالدىدا ئىككى پارچە خەت يېزىپ قالدۇرغان. خەتنىڭ بىرى غۇلجىدىكى ئايالى مۇنجىيەگە، يەنە بىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفقا يېزىلغان. ئىمىنوفقا يېزىلغان خەتتە ئۆزى پارتىيەگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەگە كىرمىگەنلىكىنى، زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پارتىيەگە يۈز كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغانلىغانلىقىنى بايان قىلغان. چوڭ يىغىندا بۇ ئىككى پارچە خەت كۆپچىلىككە ئوقۇپ بېرىلگەن.»

شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان» دېگەن ھۆكۈم بىلەن كۆپچىلىككە ئېلان قىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى دوباشىن 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ ماڭا مەلۇم قىلىشىچە، ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇ 1957-يىلى يازدا خىتاتي ھەج ئۆمىجكىنى باشلاپ مەككىگە بارغاندا بۆلگۈنچى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن. مەككىدە دەۋلەتبەگ ئىسىملىك بىر قازاق كىشى بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ كىشى ئامېرىكىدا تەربىيەلەنگەن جاسۇس ئىكەن. بۇ مەسىلىلەر پاش بولغاندىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆز جىنايەتلىرىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان كادىرلار بىردەك ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۇنىڭ پارتىيەگە قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى، دەپ ھېسابلىغان.»

(داۋامى بار)