ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (21)

0:00 / 0:00

يىگىرمە بىرىنچى قىسىم: 18 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن ئالمۇتادا بېرىلگەن گۇۋاھلىق

ئابدۇرەھىم ئەيسا 1958-يىلى ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئالماشقان كېچىسى ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىدا سىرلىق بىر رەۋىشتە ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ كۈنى سەھەردە 214-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ كىرگەن ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانغا بويالغان جەسىتىنى تۇنجى بولۇپ كۆرگەنلەر 3 كىشى ئىدى. ئۇلار ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باجىسى رەفىق بايچۇرىن، ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا مۇتەللىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بارات ئىسمائىل ئىدى.

ئۇندىن كېيىن ئىككىنچى تۈركۈمدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتىنى كۆرگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ياتاقدىشى، يەنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى جاغدا بابالىكوف، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر جاكۇلىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف ۋە ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى مەرغۇپ ئىسھاقوف قاتارلىق كىشىلەر ئىدى.

گەرچە شۇ كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق كادىرلار ئارىسىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دەھشەتلىك ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ۋە قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ دېيىشكەن شۈبھىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ ئېنماۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامىدىن «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن ھېچكىم ئۆز گۇمانىنى ئوچۇق-ئاشكارا دېيىشكە پېتىنالمايدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتىنى ۋە قاتىللىق يۈز بەرگەن نەق مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار شۇ كۈندىن باشلاپ ئېغىزىنى ئېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. رەفىق بايچۇرىن، جاغدا بابالىكوف، ھەبىبۇللا مۇتەللىپ، مەرغۇپ ئىسھاقوف قاتارلىق شاھىتلارمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ تېمىدا سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 1960-يىلىدىن كېيىن ۋەتەندىن ئايرىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرى، ئۇنىڭ غۇلجادىكى بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا 1960-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىزم فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، «تاشكەنت رادىيوسى» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن شاھىتلارنى ئىزدەپ، ئاكىسىنىڭ دېلوسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما 1960-يىللارنىڭ سىياسىي شارائىتىدا شاھىتلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن قاچىدۇ.

1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە خىتاي بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوننەچچە يىللار سۈكۈت قىلغان جاغدا بابالىكوف ئاخىرى مەرۇپ ئەيسا بىلەن ئالمۇتادا يۈز كۆرۈشۈپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئېغىز ئاچىدۇ.

1976-يىلى مەرۇپ ئەيسا يەنە بىر قېتىم تاشكەنتتىن ئالمۇتاغا بېرىپ، سابىق مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېرى، 1950-يىللاردىن كېيىن ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوف بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ دەل مەرغۇپ ئىسھاقوفنىڭ ئاكىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسئەت ئىسھاقوف خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن كۈن بولۇپ، شۇ كۈنى مەرغۇپ ئىسھاقوف 18 يىللىق سۈكۈتنى بۇزۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى توغرىلىق ئېغىز ئاچىدۇ.

مەرغۇپ ئىسھاقوف شۇ كۈنى مەرۇپ ئەيساغا 1957-يىلى 12-ئايدا باشلانغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» بويىچە ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇشىدىن چاقىرتىپ كېلىنىپ، كېڭەيتىلگەن يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن.

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى مەرغۇپ ئىسھاقوف ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئىلگىرى زادىلا ئېغىز ئېچىپ باقمىغان تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلغان. ئۇ مەرۇپ ئەيساغا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ «ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولماستىن، بەلكى سۇيىقەست بىلەن پىلانلىق تۈردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» دىن گۇۋاھلىق بەرگەن.

شاھىتلارنىڭ 1970-يىللاردا مەرۇپ ئەيساغا ئاشكارا قىلىشىچە، 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ھەم خىتاينىڭ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى بىلەن باغلانغان 3 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. 3 نەپەر قاتىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مايور دەرىجىلىك بىر ئالاھىدە خادىمى بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا «كۆزدىن يوقىتىلغان». ئىككىنچىسى ۋەقەدىن كېيىن بىڭتۇەننىڭ تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ يۆتكىۋېتىلگەن، ئەمما بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلىدىكى كۆكدالا يايلىقىدا «ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى» ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. ئۈچىنچى كىشى سوۋېت ئىستىغباراتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي ئوفىتسېر بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، «ئېغىزىنى مەڭگۈلۈك يۇمغان».

مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشلىرى ۋە شاھىتلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئىستىغباراتىنىڭ بىرلەشمە سۇيىقەستىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1976-يىلى، يەنى ئەسئەت ئىسھاقوفنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلگەن كۈنى ئۆزىنىڭ ئالمۇتادا گېنېرال مەرغۇپ ئىسھاقوف كۆرۈشكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. شۇ كۈنىدىكى خەتمە-قۇرئاندىن كېيىن گېنېرال مەرغۇپ ئىسھاقوف مەرۇپ ئەيساغا 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى قانلىق ۋەقەنى ئەسلەپ بېرىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىغا كىرىپ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى، قاتىللارنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بوغۇزىغا 3 پىچاق، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىغا 7 پىچاق ئۇرۇپ، جەسەتنى يوتقان بىلەن ئوراپ قويغانلىقى، ئاندىن ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلىپ قويۇپ، دېرىزىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

)داۋامى بار(