ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (24)
2020.06.23
يىگىرمە تۆتىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ جەسىتى قېشىدىن تېپىلغان ئىككى پارچە خەتنىڭ سىرى
1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىدا بايقالغاندا، كارىۋات قېشىدىكى ئۈستەلگە 2 پارچە خەت قويۇپ قويۇلغان ئىدى. ياتاقنىڭ ئىچىدىن تاقالغان ئىشىكىنى بىرىنچى بولۇپ بۇزۇپ كىرگۈچىلەر ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى بىلەن بىرگە بۇ 2 پارچە خەتنىمۇ كۆرىدۇ. مىللىي ئارمىيەنىڭ سابىق پولكوۋنىكى ئابدۇرەھىم يۈسۈپوف بىلەن گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسھاقوف ئىككەيلەن ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كېيىنچە ئالمۇتادا مەرۇپ ئەيساغا سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفقا، يەنە بىر پارچە خەت ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ خانىمى مۇنجىيە ئالدىگاروۋاغا قارىتىپ يېزىلغان ئىكەن.
ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇزۇن يىللار ئىزدەنگەن مەرۇپ ئەيسا بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى ۋە خەتلەرگە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ پۇچۇركىسىنى دوراپ، ساختا ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا 1990-يىللاردا يازغان «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى كېڭەيتىلگەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان كادىرلارغا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ئۇقتۇرغان. بۇنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئالدىدا ئىككى پارچە خەت يېزىپ قالدۇرغان. خەتنىڭ بىرى غۇلجادىكى ئايالى مۇنجىيەگە، يەنە بىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفقا يېزىلغان. ئىمىنوفقا يېزىلغان خەتتە ئۆزى پارتىيەگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەگە كىرمىگەنلىكىنى، زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پارتىيەگە يۈز كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلغان. چوڭ يىغىندا بۇ ئىككى پارچە خەت كۆپچىلىككە ئوقۇپ بېرىلگەن. ›»
مەرۇپ ئەيسا مەزكۇر ئىككى پارچە خەتتىكى بايانلارنىڭ ئاكىسىنىڭ مەكتۇپ يېزىش ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئائىلىسىگە قارىتىپ يېزىلغان ئىككىنچى خەتتىكى سۆز-جۈملىلەردە گۇمانلىق دېتاللارنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
زىيارىتىمىز جەريانىدا مەرۇپ ئەيسا ئۆزى ئېرىشكەن پاكىتلار بويىچە بۇ ئىككى پارچە خەتنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا مۇتەللىپ (ھېۋۇللا سوت) بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باجىسى، پولكونىك رەفىق بايچۇرىن تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىككى پارچە خەتكە قويۇلغان ئىمزا ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى پارچە خەتتىكى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئىسمى كونا ئىملا بويىچە «ئەلىف» بىلەن، ئىككىنچى پارچە خەتتىكى ئىمزا يېڭى ئىملا بويىچە «ئە» بىلەن يېزىلغان ئىكەن. مەرۇپ ئەيسا ئاكىسىنىڭ نامىدا ساختا خەت يازغۇچىلارنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ پۇچۇركىسى بىلەن ئۇسلۇبىنى دوراپ يېزىشقا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما چاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
1960-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ، شۇنداقلا ئۆز دەۋرىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دېلوسىغا چېتىلغان كىشىلەرمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. 1970-يىىلارغا كەلگەندە مەرۇپ ئەيسا ئالمۇتادا ھەبىبۇللا مۇتەللىپ، يەنى ئەينى ۋاقىتتا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئىمزاسىىدا ساختا خەت يازغۇچىلاردىن بىرى بىلەن يۈزلىشىدۇ.
شۇ قېتىملىق يۈزلىشىشتە ھەبىبۇللا مۇتەللىپ 1958-يىلى 1-ئايدا ئابدۇرھىم ئەيسانىڭ نامىدىكى ساختا خەتنىڭ بىر پارچىسىنى ئۆزىنىڭ يازغانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ. مەرۇپ ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەبىبۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى يىللاردا بۇ ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ ئېنماۋنىڭ بۇيرۇقى، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ خەتنى يېزىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
ھەبىبۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىقرارىدىن كېيىن مەرۇپ ئەيسا دەرھال ئالمۇتادا ياشاۋاتقان يەڭگىسى، يەنى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئايالى مۇنجىيە خانىمدىن بۇ خەتلەرنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما مۇنجىيە خانىم بۇ خەتلەرنى مەرۇپ ئەيساغا بەرمەكچى بولغان كۈنى سىرلىق بىر يوسۇندا بۇ خەتلەر ئارىدىن غايىب بولىدۇ. مەرۇپ ئەيسا يەڭگىسى مۇنجىيە خانىمنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ خەتلەرنىڭ شۇ كۈنى مۇنجىيە خانىمنىڭ سىڭلىسى نائىلە ئالدىگاروۋا تەرىپىدىن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باجىسى رەفىق بايچۇرىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خەتلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا سۇيىقەست بىلەن ئۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەپتىش ئورۇنلىرىدىن ئادەم كېلىپ، ئۇنىڭ يان قورالى، خاتىرە دەپتەرلىرى، ھۆججەت-ماتېرىياللىرى، ھەتتا 1940-يىللاردا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن فوتو سۈرەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
كېيىنكى ھاياتىنى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزگەن يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف 1958-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىن «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن 58 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇرەھىم ئەيسا 1950-يىللاردىكى ئوت يۈرەك ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» باشلانغاندا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى بولۇپ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بىرى ئىكەن.
(داۋامى بار)