ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (26)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.07.21
urumchi=-xeliq-tiyatiri-ammiwiy-yighin-1965-yili.jpg ئۈرۈمچىدىكى خەلق تىياتىرىدا ئېچىلغان ئاممىۋى يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش. 1965-يىلى.
RFA/Qutlan

يىگىرمە ئالتىنچى قىسىم: «ئىستانبۇل» مېھمانخانىسى ۋە «دۆۋلەتبەگ ۋەقەسى» نىڭ ياساپ ياساپ چىقىرىلىشى

ئابدۇرەھىم ئەيسا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ ئارىدىن 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ سىرلىق دېلوسىدىكى بەزى تۈگۈنلەرنىڭ ئۇچى يېشىلمەكتە. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن سىياسىي قالپاقتىن باشقا يەنە بىر ئۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى-مەككە مۇكەررەمگە تۇتاشقان ئاتالمىش «خەلقئارالىق جاسۇسلۇق» دېلوسىغا چېتىلىپ ئەيىبلىنىشى ئۆز دەۋرىدىلا كۆپلىگەن كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى.

1957-يىلى 12-ئايدا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى بىلەن كۈرەشكە تارتىلغاندا، ئارىدىن توپ-توغرا بىر ئاي ئۆتكەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئابدۇرەھىم ئەيسا جىنايەتلىرىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ ئېلان قىلغاندا، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، قېرىنداش ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق كۈرەشلەردە بىللە بولغان سەپداشلىرى ھەيرانلىقتىن ياقا چىشلىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى غايىلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇ يولدىكى ئەمەلىي كۈرەشلىرىدىن خەۋىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەج سەپىرى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «پان-تۈركىزمنىڭ ئۇۋىسى بولغان تۈركىيەگە بارغانلىقى»، «ئىستانبۇل مېھمانخانىسىدا دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ تىل بىرىكتۈرگەنلىكى» ھەققىدە ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا 1990-يىللاردا قەلەمگە ئالغان «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1957-يىلىدىكى خىتاي مەملىكەتلىك ھەج ئۆمىكىگە ئۆمەك باشلىقى بولۇپ ھەرەمگە بارغان ئىدى. ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق رەھبىرى ليۇ شاۋچى ئۇنى بېيجىڭدا ئايرىم قوبۇل قىلىپ، ھەج سەپىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشكە قايىل قىلىشىنى تاپشۇرغان ئىكەن. ئاكام ھەجدىن قايتىپ كېلىپ، غۇلجادىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبىدا دوكلات بەرگەندە ئۆزىنىڭ ليۇ شاۋچىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، ھەرەمدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەنمۇ ئۇچراشقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما ئۇ ئائىلىمىزدىكى خۇسۇسىي سۆھبەتلىرىمىزدە ياكى باشقا سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ھەج سەپىرى جەريانىدا تۈركىيەگە بارغانلىقى، ‹ئىستانبۇل› مېھمانخانىسىدا دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك بىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقاچان ئېغىز ئېچىپ باقمىغان ئىدى. 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ ئېلىپ كېتىپ، ‹چەتئەلدە خەلقئارالىق بىر جاسۇس بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن› دەپ كۈرەشكە تارتقانلىقىنى ۋە بىر ئايدىن كېيىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدۇق. ئەينى ۋاقىتتا بىز قېرىنداشلار، ئاكامنىڭ ئايالى مۇنجىيە خانىم ۋە ئاكامنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئىپتىراغا ئەسلا ئىشەنمىگەن ئىدى.»

مەرۇپ ئەيسا بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1957-يىلىدىكى ھەج سەپىرىگە بېرىشىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولغانلىقىنى؛ ھەجگە مېڭىشتىن ئاۋۋال خىتاي دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچىنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئايرىم قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ھەج جەريانىدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنى ھاۋالە قىلغانلىقىنى؛ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەجدىن قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشلارنى تەپسىلىي دوكلات قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇنداقتا، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەج سەپىرى جەريانىدا تۈركىيەگە بارغانلىقى، «ئىستانبۇل» مېھمانخانىسىدا «دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، تىل بىرىكتۈرگەنلىكى» قانداق ئوتتۇرىغا چىققان؟ ئاتالمىش «ئامېرىكا جاسۇسى دۆۋلەتبەگ» زادى كىم، ئۇ رېئال شەخسمۇ ياكى خىتاي-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستىغباراتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىرىلغان كىشىمۇ؟

شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيساغا «ھەج سەپىرى جەريانىدا تۈركىيەگە بېرىپ، ئىستانبۇل مېھمانخانىسىدا ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن» دېگەن جىنايەتنى ئارتىشى قىپ-قىزىل بوھتان ئىدى. بۇ مەسىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلغاندا، ئابدۇرەھىم ئەيسانى كۆزدىن يوقىتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئۇ ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇنلا پىلانلانغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاي تەرەپكە قارىغاندىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ بەكرەك كۈچىگەنلىكىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ. خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستىغباراتى بۇ جەھەتتە ئىنچىكىلىك بىلەن پىلان قۇرۇپ، ناۋادا ئابدۇرەھىم ئەيسانى ھەج سەپىرىدىن پايدىلىنىپ، «چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچ» لەرگە ياكى «ئامېرىكا جاسۇسلىرى» غا باغلىيالىسا، ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا كۆزدىن يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن.

ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئائىت ئارخىپلار، ھۆججەتلەر، گۇۋاھلىقلار ۋە ئەسلىمىلەر ئاتالمىش «دۆۋلەتبەگ ۋەقەسى» نىڭ خىتاي ئىستىغباراتى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستىغباراتى تەرىپىدىن ياسىلىپ چىقىلغانلىقى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ پايدىللىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەرۇپ ئەيسامۇ ئاكىسى ئابدۇرھىم ئەيسانىڭ 1956-يىلىدىن بۇيان سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مەلۇمكى، 1950-يىللاردا كوممۇنىست خىتاي تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىنتايىن يېتىم ھالەتتە ئىدى. كوممۇنىست خىتاي بۇ مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھ دۆلىتى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان تاشقى دىپلوماتىيە ئوربېتاسىدا ئايلىنىشقا مەجبۇر ئىدى. كوممۇنىست خىتاينىڭ 1950-يىللاردا مەيلى ئاسىيا ئەللىرىدە بولسۇن ياكى غەرب ئەللىرىدە بولسۇن ۋە ياكى ئوتتۇرا-شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرىدە بولسۇن، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز ئىدى، ھەتتا تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتە تەيۋەنچىلىك ئورنى يوق ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ ئەزاسى ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا خىتاي دۆلەت ئىستىغباراتىنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەلچىخانىسى تۇرماق، ھەتتا ۋاكالەتخانىسىمۇ مەۋجۇت بولمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانى «ئامېرىكا جاسۇسى» غا باغلاپ «دېلو ياسايدىغان» مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما بۇ ئىش سوۋېت ئىستىخباراتى-ك گ ب نىڭ قولىدىن كېلەتتى. شۇڭا مەرۇپ ئەيسا ئاكىسىنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئىستىغباراتىنىڭ بىرلەشمە قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1957-يىلى ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي مەملىكەتلىك ھەج ئۆمىكىنى باشلاپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەۋەتىلگەن ۋاقىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىدىكى تەشىۋىقاتى ۋە ئىستىغبارات پائالىيەتلىرى ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىللەر ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ مەزگىلدە مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىدە كۆتۈرۈلگەن غەربكە قارشى كەيپىياتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللىغان بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ھەمدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىزم لاگېرىغا بولغان ماھىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي ھەرىكەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ك گ ب نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئابدۇرەھىم ئەيسادەك ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەم خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى بولغان «خەتەرلىك ئۇنسۇر» نى «ئامېرىكا جاسۇسلىرى» غا باغلاپ يوقاتمىقى ھېچقانچە قىيىنغا توختىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرى 1958-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدىن 8-ئايغىچە بولغان جەرياندا موسكۋاغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» توغرىلىق 8 پارچە ئۇزۇن دوكلات يوللايدۇ. بۇ دوكلاتلارنىڭ 5 پارچىسىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەج سەپىرى جەريانىدا «ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسى دۆۋلەتبەگ بىلەن مەخپىي ئۇچراشقانلىقى» تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ مەلۇماتلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ، ئىككىنچى سېكرېتارى لۈ جيەنرېن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇاڭجاڭلار تەرىپىدىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇللىرىغا دوكلات قىلىنىدۇ.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ھازىرغىچە ئاشكارا بولغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ياكى مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆججەتلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە «دۆۋلەتبەگ» ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى ھەققىدە مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەج سەپىرى جەريانىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ تۈركىيەگە بارغانلىقىنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق مەنبە يوق. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كېچىدە مەككىدىكى مىسىر مېھمانخانىسىدا پولات قادىرى بىلەن يالغۇز كۆرۈشكەنلىكى، كۆرۈشۈشتە ئۆزىنىڭ تۈركىيەنى كۆرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى، ئەمما كوممۇنىست خىتاينىڭ پاسپورتىغا تۈركىيە ۋىزىسى ئېلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازىدۇ. 1958-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆزىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئالغا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەققىدىكى ھۆججەت خاراكتېرلىك باش ماقالىدە «ئابدۇرەھىم ئەيسا پانتۇركىستلارنىڭ ئۇۋىسى بولغان تۈركىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنغان» دېيىلگەن-يۇ، «تۈركىيەگە بارغان» دېيىلمىگەن. دېمەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ھۆججەت خاراكتېرلىك بۇ ماقالىسىمۇ ئابدۇرھىم ئەيسانىڭ تۈركىيەگە بارمىغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاقىتلاردا تۈركىيەنىڭ تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇنسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، تۈركىيە تېخى كوممۇنىست خىتاينى رەسمىي تونۇمىغان ئىدى. تۈركىيەدە ئەلچىخانىسى تۇرماق، ھەتتا ۋاكالەتخانىسىمۇ بولمىغان كوممۇنىست خىتاينىڭ پاسپورتى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

شۇنداقكەن، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ «تۈركىيەگە بېرىپ، ‹ئىستانبۇل› مېھمانخانىسىدا ‹دۆۋلەتبەگ› ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن كۆرۈشۈشى» پۈتۈنلەي بوھتان خاراكتېرلىك ئىپتىرا ۋە بىر مەيدان سىياسىي سۈيىقەستنىڭ ئېھتىياجى بىلەن توقۇلغان ھېكايە ئىدى، خالاس.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.