ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (28)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.09.08
abdurehim-eysa-Tengritagh-mehmanxanisi.jpg ئابدۇرەھىم ئەيسا (ئوڭدىن بىرىنچى) ئۈرۈمچىدىكى «تەڭرىتاغ» مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا. 1955-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
RFA/Qutlan

يىگىرمە سەككىزىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانى قارىلىغان سابىق «سەپداش» لارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى (ئاخىرى)

تەقدىرنىڭ چاقچىقى ئاجايىپ بولىدۇ، بەزىدە كىشىلەرنى كۈلدۈرسە، بەزىدە يىغلىتىدۇ. 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلانغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف ۋاڭ ئېنماۋنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ئابدۇرەھىم ئەيسانى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلىگەندە، ھەم يىغىن قاتناشچىلىرىمۇ، ھەم ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆزىنى ھەيرانلىقتىن ياقا چىشلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئارىدىن يېرىم يىل ۋاقىت ئۆتمەيلا ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ ئۆزىمۇ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىن «يەرلىك مىللەتچى» دەپ تارتىپ چىقىرىلىپ، ھوقۇقىدىن ئېلىنىدۇ ۋە ئەمگەك بىلەن ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگېرىغا ئەۋەتىلىدۇ.

ئارىدىن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ: «ئۆز ۋاقتىدا ئاكامنى ‹ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى› دەپ ئەيىبلىگەن، پاش قىلغان ياكى خىتاي خوجايىنلىرىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيساغا بىر پاتمان تۆھمەت-ئىپتىرالار بىلەن ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى كېيىنچە كۆزى كور بولۇپ ئۆلدى، پۇت-قولى تۇتماس بولدى ياكى ئۆز قىلمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلىپ بىزدىن ئەپۇ سورىدى، بەزىلىرىنى خىتايلار تۈرمىلەردە قىيناپ يوق قىلدى،» دەيدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمىگە ئالاقىدار خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە، شۇنداقلا شاھىتلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق سۈكۈتىنى بۇزۇپ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدا ئەنۋەر جاكۇلىننىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنداقتا، 1958-يىلى 1-ئايدىكى ئابدۇرەھىم ئەيسانى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە ئەنۋەر جاكۇلىننىڭمۇ قولى بولغانمۇ؟ مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىز قوغلاپ ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا ئەنۋەر جاكۇلىننىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانى جىسمانىي جەھەتتىن يوق قىلىش سۈيىقەستىگە بىۋاسىتە ئارىلاشقان كىشىلەردىن بىرى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەنۋەر جاكۇلىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلىدا بىر قىسىم يۇقىرى ئابرۇيلۇق دىنىي زاتلار، باي سودىگەرلەر، يەر ئىگىلىرى ۋە چارۋىدارلار شۇنداقلا مىللىي ئارمىيىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كوماندىرلىرىنى باستۇرۇشىدا رول ئالغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ 1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، شۇ يىللاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر، قازاق سەرخىللىرىنىڭ «ئەكسىلئىنقىلابچى»، «پان-تۈركىست» ۋە «يەرلىك مىللەتچى» قاتارلىق قالپاقلار بىلەن جازالىنىشىدا قولى بولغان ئىكەن.

مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىز جەريانىدا خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن شۇنچە كۆيۈپ-پىشىپ خىزمەت قىلغان، ھەتتا ئۆز ۋەتەنداشلىرىنى قۇربانلىق قىلىشتىن يانمىغان ئەنۋەر جاكۇلىننىڭ كېيىنچە خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ قولىدا ئېچىنىشلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سابىق باشلىقى جاغدا بابالىكوف 1957-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «تەڭرىتاغ» مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىدا بىللە تۇرغان ئىدى. ئۇ ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئەڭ ئاخىرقى كىشى، شۇنداقلا ئەتىسى سەھەردە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتىنى تۇنجى بولۇپ كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما جاغدا بابالىكوف شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئابدۇرەھىم ئەيسا مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىدۇ. يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ «قازاق مىللەتچىسى» دەپ تارتىپ چىقىرىلىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتكەندىن كېيىنمۇ بۇ دېلو توغرىلىق ئېغىز ئاچمايدۇ. پەقەت 1970-يىللارغا كەلگەندە ئاندىن ئۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇ سۈيىقەستتە ئەنۋەر جاكۇلىننىڭ قولى بارلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.

ئۆز دەۋرىدە ۋاڭ ئېنماۋنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسانى «يەرلىك مىللەتچى» دەپ قارىلىغان، ئۇنى «مەسىلە تاپشۇرۇش» قا قىستىغان كىشىلەر ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا مۇتەللىپمۇ بار ئىدى. مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1952-يىلى ئىلى ۋالىيسى بولغان مەزگىللىرىدە ھەبىبۇللا مۇتەللىپنى ئادەتتىكى كادىرلىقتىن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا سوتتا ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنچە تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل تەمەسىدە سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1990-يىللاردا يازغان «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدە 1957-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» باشلانغاندا ۋاڭ ئېنماۋنىڭ ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف بىلەن بىر قاتاردا ھەبىبۇللا مۇتەللىپنىمۇ ئىشقا سېلىپ، ئابدۇرەھىم ئابدۇرەھىم ئەيساغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنى باش ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.

1970-يىللارغا كەلگەندە تەقدىرنىڭ چاقچىقى بۇ كىشىلەرنى ئۆز قىلمىشلىرى ھەققىدە ئۆكۈنۈشكە ۋە توۋا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەرۇپ ئەيسانىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، شۇ يىللاردا ئالمۇتادا ئۇنىڭ بىلەن يۈزلەشكەن ھەبىبۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىلمىشلىرى ئۈستىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بالا-چاقىلىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھەبىبۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ ئېنماۋ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانى «يەرلىك مىللەتچى» دەپ قارىلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.

1958-يىلى 1-ئايدا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈستىدىكى كۈرەش يىغىنى ئەۋجىگە چىققاندا، ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن «ساپداش» لىرى ئارىسىدا گېنېرال زاھىر ساۋدانوپمۇ بار ئىدى. مەرۇپ ئەيسا ئۆز ئەسلىمىسىدە زاھىر ساۋدانوپنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈرەش يىغىنىدا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن سەنلەپ تۇرۇپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۇنىڭ چالۋاقاشلىرىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ: «ئىسمائىل ھېۋزۇللايوفتىن كېيىن سۆزگە چىققان زاھىر سەۋدانوف ئابدۇرەھىم ئەيسانى قوپاللىق بىلەن سەنلەپ تۇرۇپ: ‹سەن توردىن چۈشۈپ قالغان سىنىپىي يات ئۇنسۇر، پارتىيەگە كۆز بوياپ كىرىۋالغان سىنىپىي دۈشمەنسەن! ئېيتقىنا، ھازىر ھېۋزۇللايوف پاش قىلغان مەسىلەڭنى نېمىشقا ئۆزلۈكۈڭدىن پاش قىلمايسەن؟ بۇ سېنىڭ پارتىيەگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئەمەسمۇ؟ كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ بار مەسىلەڭنى تولۇق تاپشۇر! › دەپ بىرمۇنچە ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ.»

مەرۇپ ئەيسا زاھىر ساۋدانوپنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىلىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئىزچىل ئاكتىپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا ئابدۇللا زاكىروف قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ۋاڭ ئېنماۋ گۇرۇھى» نىڭ چوماقچىلىقىنى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سۇيىقەستلىك ھۇجۇملىرى ئەمەس، بەلكى ئەڭ يېقىن دوستلىرى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ساتقىنلىقى، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئەڭ قىيىن كۈنلەردە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىشى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تارىخنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇشى ئۇنى ھەممىدىن بەكرەك ئازابلايدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.