ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.09.17
abdurehim-eysa-1950s ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى رەسىملىرىدىن بىرى. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس
RFA

بىرىنچى قىسىم: ئىلى سۇلتانلىقىغا باغلانغان بىر جەمەت

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى 10 يىلدا يۈز بەرگەن ئەڭ پاجىئەلىك سىياسىي دېلولارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى 1949-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىم سىياسىي كۈرەشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان زور سىياسىي دېلودۇر. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەركىبىدە ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەشكەن ۋە بۇ يولدا قۇربانلىق قىلىنغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى.

ئابدۇرەھىم ئەيسا 1958-يىلى يانۋاردا سىرلىق بىر رەۋىشتە ھاياتىدىن ئايرىلىپ ئارىدىن توپ-توغرا 61 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى بۇ سىرلىق دېلو ھەققىدە ئېغىز ئاچتى. بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان قەلەمگە ئالغان ۋە قېشىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان يازما ئەسلىمىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئاۋازلىق مەلۇمات بەردى.

ئۇنداقتا، ئابدۇرەھىم ئەيسا زادى كىم؟ ئۇ 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا قانداق ئورۇن تۇتىدىغان بىر شەخس ئىدى؟ ئۇنىڭ ئائىلە نەسەبى ئۇيغۇر تارىخىدىكى قايسى جەمەت ۋە قاتلامغا تۇتۇشىدۇ؟

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتىنى بايان قىلىشتا گەپنى ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسى ۋە جەمەتىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىدىن باشلىدى.

مەرۇپ ئاكىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاقسۇدىن مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلى دىيارىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئىكەن. ئۇلۇغ بوۋىسى يۈسۈپ پاختا ئۆز زامانىسىدا قول ئىلكىدە بار بايلاردىن بولۇپ، ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغان يىللاردا ئۇ 70-80 ئېشەككە ئاشلىق ۋە تۈرلۈك مال-مۈلۈكلەرنى ئارتىپ، سۇلتانلىققا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن كىشى ئىكەن. ئەلاخان سۇلتان زامانىسىغا كەلگەندە يۈسۈپ پاختانىڭ بۇ ياردەملىرى ئۈچۈن ئىلى سۇلتانلىقى ئۇنىڭغا ئىلىنىڭ جاغىستاي ۋە غالجات قاتارلىق جايلىرىنى تارتۇق قىلىپ بەرگەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ پاختا بۇ جايلارنى ئېچىپ، جاغىستاي ۋە غالجات قاتارلىق يۇرتلارنىڭ پەرپا بولۇشى ۋە ئاۋاتلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، يۈسۈپ پاختانىڭ ئوغلى ئەيسائاخۇن چار رۇسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن يەتتەسۇغا كۆچۈپ، غالجاتنى بەرپا قىلغان ئىكەن ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئىلى دىيارىنىڭ ئەڭ مەشھۇر بايلىرىدىن بولغان ۋەلىباي يولداشوپ بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئەيسائاخۇننىڭ يۇنۇس، ئىلياس ۋە ئىبراھىمدىن ئىبارەت 3 ئوغلى بولغان بولۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە مەرۇپ ئەيسالار ئىبراھىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بالىلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 1917-يىلىدىكى بولشېۋىكلار ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلىنىپ، 1920-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىلىغا قېچىپ كەلگەن ئىكەن.

مەرۇپ ئەيسانىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەيسائاخۇن ئائىلىسىنىڭ 3 پەرزەنتىدىن نەچچە ئونلىغان بالىلار تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان كىشىلەر كېيىنچە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىكەن.

مەرۇپ ئەيسانىڭ دېيىشىچە، دادىسى ئىبراھىم ئائىلىسىدە جەمئىي 10 پەرزەنت تۇغۇلغان بولۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسا مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى، ئۆزى بولسا ئەڭ ئاخىرقى، يەنى 10-پەرزەنتى ئىكەن.

مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ 1934-يىلى غۇلجىنىڭ يۇقىرىقى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغانلىقىنى، ھازىر ئەيسا ئائىلىسىدىن پەقەتلا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.