يىگىرمە توققۇزىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى
1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدە ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىدە سىرلىق سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇنىڭ قانلىق جەسىتى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن غۇلجاغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى جاڭ شىگۇڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن غۇلجادا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ كەچتە سىرتقا چىقىشى چەكلىنىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا «جەسەتنى يۇيۇپ-تارىماستىن، جامائەتنى قاتناشتۇرماستىن دەرھال يەرلىككە قويۇۋېتىش» ئۇقتۇرۇلىدۇ. 1950-يىلى 3-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ جەسەتلىرى غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگىنىدە، غۇلجا خەلقى بۇ يوقىتىشتىن قان يىغلىغان، ئىلى تۇپرىقىنى ئايلارچە ماتەم قايغۇسى قاپلىغان ئىدى. ئارىدىن 8 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى ئوخشاش بىر شەكىلدە غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ئىلى خەلقى يەنە بىر قېتىم قان يىغلايدۇ.
ئارىدىن 60 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇ دادىسى ئىبراھىم ئەيسانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۇنچە بېسىمىغا قارىماستىن: «مەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىندەك جاللاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىمۇ ياشاپ كۆرگەنمەن، بالامنى ئۆلتۈرۈشتۈڭ، ئەمدى مېنى ئۆلتۈرۈش، جەسەت مېنىڭكى، ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن دەپنە قىلىمەن! . . .» دېگىنىچە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ كىگىزگە يۆگەلگەن قانلىق جەسىتىنى ئاچقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
شۇنداق قىلىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان غۇلجادا جامائەتسىز، دەبدەبىسىز ۋە ھازا-سۈرەنسىز بىر ھالەتتە پەقەت يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دەپنە قىلىنىدۇ. دەسلەپ غۇلجانىڭ تۇغلۇق تۆمۈرخان مازارلىقى، يەنى ئالتۇنلۇق مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ جەسىتى كېيىنچە دائىرىلەرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كولىنىپ باشقا جايغا كۆچۈرۈۋېتىلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجادىكى تۇغقانلىرى ئۆز ئورنىدىن كۆچۈرۈلگەن جەسەتنى قايتىدىن يەرلىككە قويىدۇ. كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قەبرىستانلىقنىمۇ چېقىپ تۈزلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قەبرىسمۇ غايىب بولىدۇ.
مەرۇپ ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن مەخسۇس ئادەم كېلىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ تاپانچىسى، پىچاق ۋە باشقا خۇسۇسىي بۇيۇملىرى، خاتىرە ۋە قوليازمىلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە غۇلجادا چۈشكەن تارىخىي سۈرەتلىرى، شەخسىي خەت-چەكلىرى قاتارلىق شەخسىي يىغمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەنىكەن.
ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى غۇلجادا دەپنە قىلىنىپ 2 ئايدىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» بويىچە 5 ئايغا سوزۇلغان سىياسىي ھەرىكەت باشلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە پۈتكۈل ئىلى ئوبلاستىدىن جەمئىي 1423 نەپەر ئۇيغۇر ۋە قازاق كادىر شۇنداقلا ھەر ساھەدىكى سەرخىللەر تارتىپ چىقىرىلىپ، «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلى ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان ئىلىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر، قازاق سەرخىللىرىنى قىرقىپ تاشلايدۇ. ھايات قالغان سەرخىللەر 1962-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز مىڭلارچە خەلق بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. زىيا سەمەدى، گېنېرال زۇنۇن تىيىپوف، گېنېرال مەرغۇپ ئىسھاقوف قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سەرخىللارمۇ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ.
ئەنە شۇ يىللىرى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئائىلىسى، بالا-چاقىلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ. شۇ قاتاردا مەرۇپ ئەيسامۇ باشقا قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ دەسلەپ ئالمۇتاغا بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ، ئۇ يەردىن تاشكەنتكە بېرىپ، 1960-يىلى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «تاشكەنت رادىيوسى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ.
ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئايالى مۇنجىيە خانىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلىشىپ، بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ ۋە 104 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالمۇتادا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇلار كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ، تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە خىزمەت قىلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ چوڭ ئوغلى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ مەلۇم مىنىستىرلىقىدا مىنىستىرنىڭ ئورۇنباسىرى لاۋازىمىدا ئىشلەپ پېنسىيەگە چىقىدۇ. ئىككىچى ئوغلى موسكۋا ئەتراپىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەپ، كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قىزى ھازىر ئالمۇتادا ياشىماقتىكەن.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00