ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (2)

0:00 / 0:00

ئىككىنچى قىسىم: مەرۇپ ئەيسا- «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي كوممۇنىزىمىنىڭ قۇربانىدۇر»

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلغانلىقىغا 70 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە تارىخقا سوئال قويۇلماقتا: كوممۇنىزم، جۈملىدىن خىتاي كوممۇنىزىمى بۇ 70 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

بۇ قاباھەتلىك 70 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭ مۇدھىش قايناملىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر شاھىتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئېيتىلىۋاتقان ئاتالمىش «بەختلىك شىنجاڭ» سەپسەتەسىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ.

85 ياشقا كىرگەن مەرۇپ ئەيسا بۈگۈن ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ياشىماقتا. ئۇ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي دېلولارنىڭ بىرى بولغان، 1958-يىلى يانۋاردا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىزىمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسىدۇر. مەرۇپ ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بۇنىڭدىن 61 يىل ئىلگىرى سىياسىي سۇيىقەست بىلەن خىتاي كوممۇنىزىمىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى، سوتسىيالىزم ياكى كوممۇنىزمنىڭ ئەمەلىيەتتە فاشىزىمدىن ھېچ پەرقى يوق بىر سىياسىي ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ نەسەبى ئىلى دىيارىدا ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر جەمەتلەردىن ھېسابلىنىدىغان يۈسۈپ پاختا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسائاخۇن ئائىلىسىگە تۇتۇشىدىكەن. مەرۇپ ئەيسا بوۋىسى ئەيسائاخۇننىڭ كىچىك ئوغلى ئىبراھىم ئائىلىسىنىڭ 10-پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 1934-يىلى ماي ئېيىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرىقى جاغىستاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكى 2-ئوغۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 1910-يىلى ئەتراپىدا ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيەگە قاراشلىق يەتتەسۇ ئۆلكىسىنىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا كېيىنكى يىللاردا ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دېلوسى ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس ئەسلىمە يېزىپ چىققانلىقى، بۇ تارىخىي ئەسلىمىنىڭ پۈتۈپ چىقىشىدا ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، جۈملىدىن سابىت ئابدۇراھمان ئۇيغۇرى بىلەن داۋۇت تۇرئەخمەدوفنىڭ ياردىمى بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقىنى، 1958-يىلى 1-ئايدا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيساغا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ سىياسىي سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئائىلىسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ دەسلەپ ئالمۇتادا ياشىغانلىقىنى، كېيىنچە تاشكەنتكە كۆچۈپ بارغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1960-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنت رادىيوسىنىڭ قارىمىدا ئېچىلغان خىتايغا قارشى ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئۇيغۇرچە رادىيودا ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەرۇپ ئەيسا تاشكەنت رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدىكى پروگراممىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ موسكۋادىن بەلگىلىنىپ ئەۋەتىلىدىغانلىقى، ئاز قىسمىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1960-يىللاردا تاشكەنت رادىيوسىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىشىغا ياردەم بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1960-يىللارغا كەلگەندە تاشكەنت رادىيوسىدا خىتايغا قارشى ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشى تەسىس قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ 85 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە سوتسىياسلىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە فاشىزىمدىن پەرقى يوق بىر سىياسىي ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ئىزىملارنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى بولغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1950-يىللاردىن تاكى ئۆزبېكىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان يىللىرىغىچە بولغان ھايات مۇساپىسى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئەيسائاخۇن ئائىلىسىدىكى 9 ئوغۇل بىر قىزدىن بۈگۈن ھايات ياشاۋاتقان بىردىن بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان كىشىلەرنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاخىرىدا خىتاي سوتسىيالىزىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قانداق بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «سوتسىيالىزم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېلىنى سۇندۇردى ۋە ھېلىھەم سۇندۇرماقتا. بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قارا كۈنلەر ھېچ بىر خەلقنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن! . . .»

(داۋامى بار)