ئۈچىنچى قىسىم قىزىل رېجىمدىن قېچىش: موسكۋا-غالجات-غۇلجا ئارىسىدا
ئابدۇرەھىم ئەيسا پۈتكۈل رۇسىيەدە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا غايەت زور سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر دەۋردە ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئىدى. 1880-يىللاردا چار رۇسىيە ئارمىيەسى ئىلى سۇلتانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بوۋىسى ئەيسائاخۇن مىڭلىغان تارانچىلار بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي ھالدا رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچۈرۈلىدۇ. ئەيسائاخۇن ئائىلىسى شۇ قېتىملىق كۆچ-كۆچتە غالجاتقا ئورۇنلىشىپ، بۇ يۇرتنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.
ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ھايات ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىغا قەدەر ئەيسائاخۇن ئائىلىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق بايلاردىن ۋەلىباي يولداشوپ ئائىلىسى بىلەن بىللە ئىلى دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. ھالبۇكى، 1917-يىلىدىكى بولشېۋىكلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ ئائىلە رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، يەنە ئۆز يۇرتى بولغان غۇلجا تەۋەسىگە قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئىبراھىمئاخۇن ئائىلىسىدىكى 10 بالىنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 1910-يىلى غالجاتتا تۇغۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇرەھىم ئەيسا باشلانغۇچ ساۋاتىنى غالجات يېزىسىدىكى يېرىم دىنىي، يېرىم پەننىي مەكتەپتە ئالىدۇ. ئاندىن ياركەنت شەھىرىگە بېرىپ، «سوپى زەرۋات» نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا ياركەنتتىكى «سوپى زەرۋات» ئوتتۇرا مەكتەپىدە ئوقۇۋاتقان يىللار رۇسىيەدە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىپ، كوممۇنىزم سىستېمىسىنى پۈتكۈل رۇسىيەگە، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا جىددىي تىكلەۋاتقان دەۋرلەر ئىدى.
شۇ يىللاردا ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق سەرخىللەرنىڭ تەشەببۇسى، دادىسى ئىبراھىمئاخۇننىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ياركەنتتىكى «سوپى زەرۋات» ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان ئابدۇرەھىم ئەيسا 1926-يىلى 16 يېشىدا موسكۋاغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ قېتىم ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن بىللە موسكۋاغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خرۇشېف دەۋرىدە قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىسمائىل يۈسۈپوفمۇ بار ئىدى.
ئابدۇرەھىم ئەيسا موسكۋا يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان يىللاردا غالجاتتىكى دادىسىنىڭ سىنىپىي تەركىبى «باي-پومېشچىك» دەپ ئايرىلىدۇ ھەمدە بولشېۋىكلەر ھاكىمىيىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىش موسكۋادىكى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئوقۇش ھاياتىغىمۇ قارا سايە تاشلايدۇ. ئۇ موسكۋا يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى ئوقۇش يىلىغا چىققىنىدا، يەنى 1927-يىلى «باي دېھقاننىڭ بالىسى» دېگەن قالپاق بىلەن مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. ئامالسىز قالغان ئابدۇرەھىم ئەيسا موسكۋادىن يۇرتى غالجاتقا قايتىپ كېلىدۇ-دە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا چېگرادىن قېچىپ ئۆتۈپ، غۇلجىغا كېلىدۇ.
1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا بارغانسېرى ئەشەددىيلىشىۋاتقان رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ سىياسىي بېسىمى ۋە مەجبۇرىي كوللېكتىپلاشتۇرۇش شامىلى تۈپەيلى مىڭلىغان كىشىلەر يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ، تەرەپ-تەرەپكە قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دادىسى ئىبراھىمئاخۇنغا «باي پومېشچىك»، «خەلق دۈشمىنى» دېگەن قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، قاماققا ئېلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا غالجاتتا داۋاملىق ياشاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى قالمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمئاخۇننىڭ ياخشىلىقىنى كۆپ كۆرگەن كىشىلەر ئۇنى بولشېۋىكلەر تۈرمىسىدىن قاچۇرۇپ چېگرادىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1928-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۈرلۈك يوللار بىلەن سوۋېت چېگراسىدىن قېچىپ ئۆتۈپ، ئىلىنىڭ يۇقىرى جاغىستاي يېزىسىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماكانىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1928-يىلى غۇلجىنىڭ يۇقىرى جاغىستاي يېزىسىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى، دەسلەپتە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، كېيىنچە يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئېچىپ جاغىستايدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۇ مەزگىللەردە يەتتەسۇدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى سوۋېت رېجىمىدىن قېچىپ جاغىستايغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى بىلەن بىرلىشىپ، جاغىستايدا ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپىنىڭ تۇغۇلۇشىدا مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. كېيىنچە ئۇ غۇلجا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىنىپ، غۇلجىدىكى «ئۈمىد» مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم 1934-يىلى ئەيسا غۇلجا شەھىرىگە يۆتكىلىپ بارغانلىقىنى، غۇلجىدىكى «ئۈمىد» مەكتىپىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا مەكتەپنىڭ دەرسلىك پروگراممىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئەمەلىي ھۈنەر-سەنئەت كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى ۋە ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00