ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (4)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019.10.15
Nezerxoja-Abdusemet-oghli.jpeg ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى .
RFA/Qutlan

تۆتىنچى قىسىم: نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) نىڭ ئابدۇرەھىم ئەيساغا كۆرسەتكەن تەسىرى

ئابدۇرەھىم ئەيسا 1928-يىلى بولشېۋىكلارنىڭ رېجىمىدىن قېچىپ ئانا يۇرتى جاغىستايغا كەلگەن يىللىرى ئىلى ۋادىسى ھازىرقى زامان يېڭى مائارىپىنىڭ ئۇپۇق نۇرىغا تەشنا بولۇۋاتقان يىللار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۇيغۇر خەلقىدە پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئويغىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يېڭىچە زامانىۋى مائارىپقا يۈرۈش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يېتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئويلىغانلىرى ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىرلىكتە جاغىستايدا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، ئاقارتىش ئېلىپ بارىدۇ.

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى بىلەن بولغان ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى 1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاكىسى ھەققىدە ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ دەپ يازىدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا 1920-يىللارنىڭ ئاخىرى موسكۋادىكى يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىدىن ‹باينىڭ بالىسى› دېگەن باھانە بىلەن ھەيدەلگەندىن كېيىن يۇرتى غالجاتقا قايتىپ كەلگەن. شۇ يىللاردا ئاكام ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەي ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ بىلىملىك زىيالىيلاردىن بولغان نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى (ئۇيغۇر بالىسى) نى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ئىكەن. ئاكامنىڭ يېزىقچىلىق تارىخى ئەنە شۇ يىللاردىن باشلىنىدۇ.»

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ بالدۇر ئويغانغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئىكەن. ئەمما 1920-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە ئۇ بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتىنىڭ تەقىبىگە ئۇچراپ، غۇلجا تەرەپكە قېچىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ ئانا جەمەت تەرەپتىن نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن يېقىن تۇغقان كېلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرىدىن تارتىپ يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ جاغىستايدا ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمە بىلەن مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرىدا يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا يەنە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ يىللاردا نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىنى ئۇستاز تۇتۇپ، يېزىقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقىنى، ئۇنىڭدا مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەن ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى توغرىلىق يازغان ئەسلىمىسىدە ئاكىسىنىڭ 1930-يىللاردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى ۋە يېزىقچىلىق كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1930-يىللار ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى قاينام-تاشقىنلىق يىللار بولدى. بۇ يىللاردا ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا بىر تەرەپتىن پۈتۈن ۋاقتىنى مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرىغا سەرپ قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، ۋەتەننى ھۆرلۈككە، خەلقنى ئويغىنىشقا چاقىرىدىغان، بىلىم ۋە مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى ئاقارتىش تېما قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىرلارنى يازدى. ئۇ يەنە بۇ مەزگىللەردە بىر قىسىم سەھنە ئەسەرلىرىنىمۇ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇ يىللاردا «ئىلى گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئەدەبىيات سەھىپىسىدە «دەردمەن» تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ئۇ 1935-يىلى ئېلان قىلىنغان «دەرتمەننىڭ تىلىكى» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:

ئوقۇش، ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ۋاقتى يەتتى،

نادان قېلىپ، يەم بولۇشنىڭ ۋاقتى كەتتى.

جان ئېلىمگە ئىچ سىرىمنى ئۇقتۇراي دەپ،

ئۆز-ئۆزۈمنى مۇنبەرلەردە قايناتقۇم بار!

كۆڭلى سۇنۇق مىسكىن ھالدا ياتقان ئەلنى،

گۈدۈك چېلىپ تاڭ سەھەردە ئويغاتقۇم بار.

سۆيۈملۈك ۋەتىنىمنىڭ كەڭ قوينىدا،

ئىلىم يۇرتى، چوڭ مەكتەپلەر ئورناتقۇم بار.»


مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەينى ۋاقىتتا يازغان شېئىر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى ئالدى بىلەن ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئالغانلىقىنى، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا «تۈرمىدىن ئوغلۇمغا خەت» ناملىق ئەسلىمە خاكاتېرلىق ئەسەر يازغانلىقىنى، بۇ ئەسەرنى ئەينى ۋاقىتتا نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ ئوقۇپ يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەرۇپ ئەيسا 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭمۇ نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلىنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى بىلىملىك ئۇستاز دەپ بىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ئىشلاردا مەسلىھەت سورىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەرۇپ ئەيسا يەنە غۇلجىدا ئىنقىلاب غەلىبە قىلىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جاغىستايغا 3 قېتىم چىقىپ، نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتنى ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى، ئەمما نەزەرخوجا ئابدۇسەتنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمىغا قايتا-قايتا: ‹رۇس بولشېۋىكلىرى ئارىلاشقان ئىشنىڭ ئاخىرى خەيرلىك بولمايدۇ، › دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.