ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (7)

0:00 / 0:00

يەتتىنچى قىسىم: ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغان يىللار

1946-يىلى 6-ئايدا ئىلى ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى 8 ئايغا سوزۇلغان سۆھبەت ئاخىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ «ئون بىر ماددىلىق بىتىم» غا ئىمزا قويىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى بولىدۇ. 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىدا ئەخمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن گومىنداڭ تۈرمىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى، جۈملىدىن «باھار» تەشكىلاتىنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسا باشلىق ئەزالىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، گومىنداڭ ھەربىي تەرەپ «باھار» تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسانى قويۇپ بېرىشتە ئىلى تەرەپكە شەرت قويىدۇ. يەنى ئابدۇرەھىم ئەيسانى شىخو ئۇرۇشىدا مىللىي ئارمىيەگە ئەسىرگە چۈشكەن گومىنداڭ گېنېرالى لى گۇاڭچىڭ بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

1946-يىلى يازدا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىككىنچى قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدە ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى-ئەخمەتجان قاسىمى، رەھىمجان سابىرھاجى قاتارلىقلار بىلەن بىللە سىياسىي سەھنىدىكى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ بۇ مەزگىللەردىكى پائالىيىتى ھەققىدە ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدۇ. ‹بىتىم› دىن كېيىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پروگراممىسى بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئۆزى تاللىغان ۋالىي ۋە ھاكىملارنى سايلاپ چىقىش ئىشى كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا خوتەن ۋىلايىتىگە، سەيپىدىن ئەزىزى قەشقەر ۋىلايىتىگە، ئابدۇرەھىم ئەيسا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سايلام ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىش ئىشىنى ئەخمەتجان قاسىمى شەخسەن ئۆزى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەستىقلاتقان ئىدى. ئاكام مەخسۇس ئۆمەك باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بارىدۇ. ھالبۇكى، ئاقسۇ ۋىلايىتى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇرىستاندىكى ئەڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى مۇزداۋان ئارقىلىق ئاقسۇغا چۈشۈپ، باي ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ كونا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان بولغاچقا، ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئارمىيەسى ئىلى تەرەپكە نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە سەزگۈر ئىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاقسۇغا بارغان ئابدۇرەھىم ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۆمەك سايلام ئىشلىرىدا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ. ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى سايلام ئىشىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن كىشىلەرنى ۋىلايەتكە ۋالىي ھەمدە ناھىيەلەرگە ھاكىم قىلىپ سايلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئاقسۇدىكى سايلامدا گومىنداڭ ھەربىي تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن سايلام ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولمىغان، خەلق ئۆزى ئىشەنگەن نامزاتلارنى سايلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ھەربىي-مەمۇرىي دائىرىلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشىدۇ. ئاقسۇ سەپىرىدىن كېيىن ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ‹ئون بىر بىتىم› غا ۋە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچى سۇسلايدۇ. ئۇنىڭدا مۇستەقىللىقتىن باشقا يولنىڭ ئاقمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئىدىيە بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.»

1946-يىلى يازدا مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىنىدا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇندىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنى بازا قىلىپ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە گومىنداڭچىلار بىلەن ئىنتايىن كەسكىن ئىدېئولوگىيەلىك كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. مەرۇپ ئېيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇرەھىم ئەيسا بۇ مەزگىللەردە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاتاقلىق ئىنقىلابچى ۋە تارىخچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تارىخىدىن لېكسىيە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

گەرچە مەسئۇت سابىرى، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەكىللىكىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» لەر گۇرۇھى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ۋەكىللىكىدىكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سىياسىي ئىدېئولوگىيە ۋە مەپكۇرە مەسىلىسىدە جىددىي ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئۈچۈن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئۇ مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابتا ئوينىغان رولى، تارىخ ۋە سىياسەت ئىلمىدىكى چوڭقۇر بىلىمى ھەمدە كىشىلىك پەزىلىتىگە چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلىدۇ.

1947-يىلى كىرىشى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ چېكىگە يېتىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇ يىلى 7-ۋە 8-ئايلاردا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ غۇلجىغا كېتىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسامۇ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىكى ۋەزىپىسىنى تاشلاپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ.

بۇ ھەقتە مەرۇپ ئەيسا مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا غۇلجىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. يەنى ۋالىي ھاكىمبەگ خوجانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ كۈندىلىك مەمۇرىي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا ‹ئىتتىپاق› تەشكىلاتى، يەنى ‹شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى› قۇرۇلغاندا ئابدۇرەھىم ئەيسا ‹ئىتتىپاق› مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە ‹ئىتتىپاق› مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا ‹ئىتتىپاق› مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خىزمىتىگە بىۋاسىتە ياردەملىشىدۇ.»

مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ يىللاردا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىلەن بولغان ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن سەمىمىي دوستلۇق مەۋجۇت ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا بەزى مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ مىللىي مەنپەئەت ۋە ۋەتەننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەردە كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەخمەتجان قاسىمىغا بەزى زۆرۈر پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشتىن باش تارتمىغان ئىكەن. مەرۇپ ئەيسانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى 1947-يىلى ئەتىيازدا جاڭ جىجۇڭ بىلەن بىرلىكتە قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسى بىلەن ھۆر ياشاشقا بولغان ئارزۇسىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ كەسكىن بۇرۇلۇش بولغان ئىكەن.

ئابدۇرەھىم ئەيسا 1947-يىلى يازدا ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ئازاد رايوندا سىياسىي كۈرەشنى داۋام قىلدۇرىدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە بۇ يىللارنى ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتىدىكى «ئەڭ قىزغىن، ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان، ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىنى ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشەنگەن، كۈرەش ۋە خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان يىللار ئىدى،» دەپ يازىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە بولغان ساداقىتى شۇنداقلا بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن ئالاھىدە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بىرىنچى دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

(داۋامى بار)