ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (30)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.11.10
abdurehim-eysa-yalghuz.jpg ئاتاقلىق مەرىپەتچى، كۆرۈنەرلىك جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئەيسا يەرلىك مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 1958 - يىلى ئالەمدىن ئوتكەن
RFA/Qutlan

ئوتتۇزىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاچچىق ساۋاقلار

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى، بالا-چاقىلىرى، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى 1960-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئايالى مۇنجىيە خانىم كېيىنكى ئۆمرىنى ئالمۇتادا ياشاپ يۈز ياشتىن ئاشقاندا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۈچ پەرزەنتىدىن ھازىر بىر قىزى بىلەن بىر ئوغلى ھېلىھەم ئالمۇتادا ياشىماقتا.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە مەنبەلەرنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك ۋاقتىنچە بۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھېكايىسى تېخى ئاخىرلاشمىدى. 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دېلوسىغا قويۇلغان سوئاللار ھېلىھەم ئاخىرقى جاۋابنى كۈتمەكتە.

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئالەمدىن ئۆتۈپ توپ-توغرا 60 يىل بولغاندا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئىقرارى ۋە پۇشايمانلىرى ئۇنىڭ تېخى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇلاشمىغان «ئەسلىمە» سىنىڭ 3-تومىدا ئۈچەكتىن چىقتى. ھالبۇكى، سەيپىدىن ئەزىزى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دېلوسى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزىنى ئۇيغۇر كادىرلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ بىلىدىغان بىر كىشى بولۇشىغا قارىماي، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمىسىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى سىرلارنى ئاشكارا قىلىشنى يەنە خالىمايدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ 1970-يىللاردا تاشكەنتتە مەرھۇم غېنى باتۇر بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، سۆھبەت جەريانىدا غېنى باتۇرنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆكۈنۈشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، سەيپىدىن ئەزىزى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ ئۆكۈنۈشلىرىنى، ئامالسىزلىقلىرىنى ۋە پۇشايمانلىرىنى يوشۇرمايدۇ. ئۇ 1957-1958-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرى ۋە ئامالسىزلىقلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش باشلىنىش ئالدىدا، باشلانغاندا ھەمدە پۈتۈن ھەرىكەت جەريانىدا ئېغىشلار بولدى. ئاخىرى يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققاندا ۋە بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەن تەدبىرلىك ئامال-چارىلەرنى قىلالمىدىم. دېمىسەممۇ بولماس، قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىپ باقتىم. ئېغىر ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بەزى كادىرلارغا خاتا چارە كۆرۈش ئەھۋاللىرى توسۇپ قېلىندى ياكى ئۇلارغا كۆرۈلگەن چارىلەر يەڭگىللىتىلدى. لېكىن شۇ ۋاقىت ۋە شۇ شارائىتتا، مەن ھەرىكەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ چىقىرالمىدىم. بۇ خاتالىقلىرىمنى ئىقرار قىلىشىم كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاڭ ئېنماۋ باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى مەسئۇل ئادەملەر ھەمدە ئۇلارغا ئەگەشكەن بىر قىسىم خەنزۇ ۋە مىللىي كادىرلارنىڭ توسقۇنلۇق ھەرىكەتلىرى، مېنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشىمغا يول قويمىدى. ھەتتا رەئىس ماۋ زېدوڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن جۇ ئېنلەينىڭ يوليورۇقلىرىغىمۇ ئۇلار ئېغىزدا ھە دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئېتىبار قىلمىدى. نەتىجىدە كۆپلىگەن مىللىي كادىرلار ئازاب چەكتى، قىينالدى. ئۇلار ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش› تىن باشلاپ تاكى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئۇزۇن جەرياندا 20 يىلدىن ئارتۇق ناھايىتى ئېغىر ئازاب-ئوقىبەتلەرنى تارتتى. بەزىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. مەن ئاشۇ 20 يىل جەريانىدا ئازاب-ئوقىبەتلەرنى چەككەن يولداشلارنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىكمەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىكمەن. مەن دائىم شۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىگىنىمدە ئۆزۈمدە بىر تۈرلۈك ئېچىنىش، ئەپسۇسلىنىش ھېس قىلىمەن.»

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بۇ يەردە «بەزىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى… مەن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئالدىدا ئەيىبلىكمەن. مەن دائىم شۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىگىنىمدە ئۆزۈمدە بىر تۈرلۈك ئېچىنىش، ئەپسۇسلىنىش ھېس قىلىمەن،» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە شۇ قاتاردىكى ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلغانلىقى ئېنىق ئىدى.

سەيپىدىن ئەزىزى ئەسلىمىسىدە يەنە ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن ئاشۇ ئەھۋاللارنى ئويلىغاندا ‹51-چىلەر› گە قارشى كۈرەش باشلىنىپ، ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› غىچە، يەنى بۇ جەرياندا توختىماي بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش›، ‹ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش›، ‹رىۋىزىيونىزمچىلارغا قارشى كۈرەش› دېگەندەك بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، بىرمۇنچە مىللىي كادىرلارغا قاتتىق زەربە بېرىلگەن، ھەتتا ئېغىر چارىلەر كۆرۈلۈپ بەزىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقان شىنجاڭدا، زادى نېمە ئۈچۈن ‹چوڭ خەنزۇچىلىق› قا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىلمايدۇ؟ شىنجاڭدا نېمە ئۈچۈن ‹چوڭ خەنزۇچىلىق› يوقىتىلمىدى، دېگەن سوئاللارنى سورىغۇم كېلىدۇ. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ‹چوڭ خەنزۇچىلىق› يوق ئەمەس، ھەتتا بەزىدە خېلى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان ئىدى. بۇ بىر ياقتىن ئىلگىرىكى مىللىي زۇلۇم يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ قالدۇرغان يامان تەسىرىدىن بولسا، يەنە بىر ياقتىن ‹شىنجاڭدا يەرلىك مىللەتچىلىك ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ› دەيدىغان خاتا كۆزقاراشتىن كېلىپ چىققان ئىدى. يولداش ماۋ زېدوڭ: ‹ھەر ئىككى مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كېرەك. ئالدى بىلەن چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك› دەپ ئېنىق تەكىتلىگەن تۇرۇقلۇق، بۇنىڭ تەتۈرىسىچە شىنجاڭدا ئالدى بىلەن ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› ئېلىپ بېرىلدى. بەزىلەر ئېيتقاندەك: ‹شىڭشىڭشيانىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك›، ‹شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ سانى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئاندىن سىلەرنىڭ بۇ ئاپتونومىيەيىڭلارنى كۆرۈۋالىمىز! › دېگەنگە ئوخشاش ئۇچىغا چىققان چوڭ خەنزۇچىلىق ئاشۇ جەرياندا ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. بەزى ئاتالمىش ‹ئاكتىپ› مىللىي كادىرلار ئۇنداقلارغا ‹دۇمباقچىلىق› رولىنى ئويناپ بەردى.»

مانا بۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىقرارى ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا قىلغان بۇ ئىقرارى، بولۇپمۇ 1957-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە بولغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» ھەققىدە ئاشكارىلىغان بىر قىسىم بايانلىرى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دېلوسى ۋە ئۇنىڭ سىرىنى يېشىشتە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەلۋەتتە.

مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيساغا «مەن قورچاق بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشاپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈرۈمچىدە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» كە سەپەرلىك قىلىش بويىچە كېڭەيتىلگەن يىغىننى باشلىغان. سەيپىدىن ئەزىزى بۇ يىغىندا سۆزلىگەن ئۇزۇن دوكلاتىنى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆت-بەش قېتىم ئۆزگەرتىپ، قايتا يېزىپ چىققان ئىكەن.

تارىخ ئىنسانلارنى بەزىدە كۈلدۈرسە، بەزىدە يىغلىتىپ توختاۋسىز رەۋىشتە ئىلگىرىلىدى. ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش يولىدىكى غايىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن غايىب بولۇپ كەتمىدى، بەلكى كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە بىخ سۈرۈپ، يىللار بويى ياشاپ كەلدى. ئابدۇرھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى 1950-يىللاردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ مىللىي كۈرەش تارىخىدا غايەت زور يوقىتىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا ۋەتەن ھەققىدىكى قىممەتلىك ساۋاقلارنى ۋە ئىبرەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. خۇددى مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە تەكىتلەپ ئۆتكىنىدەك، ئۇ ئاكىسى ئابدۇرھىم ئەيسا ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى «كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىبرەت ۋە ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن» يازغان ئىدى.

(تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.