ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (8)

0:00 / 0:00

يەتتىنچى قىسىم: ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئايرىلغان ئېغىر كۈنلەردە

گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ بىتىم ماددىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن خىلاپلىق قىلىشى، سۇڭ شىليەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ھەربىي تەرەپنىڭ كۈچلۈك بېسىمى نەتىجىسىدە 1947-يىلى يازغا كەلگەندە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلىنىش گىردابىغا كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، غۇلجىغا قايتىپ كېتىش قارارىنى ئالىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن چېكىنگەن ئىلى ۋەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجىغا كېتىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسا غۇلجىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى، يەنى «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا ئابدۇرەھىم ئەيسا «ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋە «ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى ۋە مەسلەكدىشى سۈپىتىدە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمچى بولىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا شۇ يىللاردىكى ۋەقەلەردىن ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن يېقىن دوستلۇق ۋە مەسلەكداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىر ھويلىدا قوشنا بولۇپ ئولتۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

1949-يىلى كۈزدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە دراماتىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر غۇلجىدىن سىرلىق يوسۇندا ئايرىلغانچە ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدۇ. غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالاقىچىسى دېڭ لىچۈننىڭ مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا سەيپىدىن ئەزىزى شۇ يىلىنىڭ سېنتەبىر ئايلىرىدا ئىككىنچى بىر ئۆمەكنى باشلاپ يوشۇرۇنچە بېيجىڭغا ماڭىدۇ. ئىلىدىكى سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى، مىللىي ئارمىيە ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماقۇللۇقى بولمىغان، ھەتتا سىياسىي سەھنىدىكى زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شۇ يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى ئۈرۈمچىگە توسالغۇسىز كىرىپ كېلىدۇ.

غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئابدۇرەھىم ئەيسا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان بۇ سىرلىق ئۆزگىرىشلەرنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولىدۇ. ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە ئابدۇرەھىم ئەيسا بىر مەزگىل كۆز ئالدىدىكى رېياللىقتىن كۆڭلى سوۋۇپ، بىردىنلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ، غۇلجىنىڭ بۇلاق دادامتۇ يېزىسىدىكى قورۇسىغا كۆچۈپ چىقىدۇ ۋە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شوغۇللانغاچ بىر مەزگىل قاتتىق ئويلىنىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئېغىر تەسىر قىلدى. ئۇ روھى چۈشكەن ھالدا داۋاملىق خىيال سۈرۈپ يۈرىدىغان ۋە كەم سۆز بولۇپ قالدى. بۇرۇن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىدا خۇشال-خۇرام ياشىغان بولسا، ئەمدى ئەخمەتجان قاسىمىسىز بۇ قورۇدا تۇرۇشنى خالىمىدى. ئۇ بۇ جاينى تەرك ئېتىپ، باشقا مەھەللىگە كۆچۈپ كەتتى. ئۇ يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلغاندىمۇ بارغۇسى كەلمىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۆزىگە بېكىتىپ بەرگەن غۇلجىنىڭ بۇلاق دادامتۇدىكى قورۇ-جايىغا چىقىپ ئەمگەك قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ئۇنى ئەمەك نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەپ پەرمان چىقارغان، قايتا-قايتا چاقىرتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىشلەشنى خالىماي بىر مەزگىل بۇلاق دادامتۇدا قاتتىق ئويلاندى.»

مەرۇپ ئەيسا رادىيومىزغا بەرگەن ئاۋازلىق بايانىدىمۇ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1950-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەتەننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، چۈشكۈن بىر كەيپىياتتا ياشىغانلىقىنى، سىياسىي ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ، غۇلجىنىڭ بۇلاق دادامتۇ يېزىسىدا يېرىم يىلچە قاتتىق ئويلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئاشۇ مەزگىللەردە غۇلجىدا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا 1950-يىلى 4-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەندە بۇ ئېغىر يوقىتىشنىڭ ئادەتتىكى ئايروپىلان قازاسى ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي سۇيىقەست بولغانلىقىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

1949-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاڭ جېن باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا، كېيىنچە خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ شۆبە بيۇروسىنىڭ كاندىدات ھەيئەتلىكىگە كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن كۆڭلى سوۋۇپ، غۇلجىنىڭ بۇلاق دادامتۇ يېزىسىدا يېتىۋالىدۇ. ئارىلىقتا سەيپىدىن ئەزىزى ۋە بۇرھان شەھىدىلەر مەخسۇس غۇلجىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. 1950-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆلكە رەئىسى بۇرھان شەھىدى غۇلجىغا ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئەمگەك نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ دەرھال ئۈرۈمچىگە كېلىپ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

بىر مەزگىللىك قاتتىق ئويلىنىشتىن كېيىن داۋاملىق تىركىشىپ كۆرۈش نىيىتىگە كەلگەن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۆلكىلىك ئەمگەك نازارىتىنىڭ نازىرى بولىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. ئۇ شۇ مەزگىللەردە سىياسىي ساھەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بىرلىكتە ھېچ بولمىغاندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بەل باغلايدۇ.

(داۋامى بار)