1950-1951-يىللىرى ئابدۇرەھىم ئەيسا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك ئەمگەك نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەر بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا غۇلجىغا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا زادى قايسى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ئېلىش مەسىلىسى ئۇنىڭ كاللىسىدىن زادىلا نېرى كەتمەيدۇ. ئۇ بۇ مەزگىللەردە ئىلى ئىنقىلابىغا قاتناشقان كۆپلىگەن سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھېچ بولمىغاندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش خىتاي كۈنلۈكى ئاستىدا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك ھوقۇققا ئېرىشىشى كېرەك دېگەن قاراشتا ئىدى.
ھازىر ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ياشاۋاتقان مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەڭ كىچىك ئۇكىسى مەرۇپ ئەيسا بۇ ھەقتە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى. ئۇ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىلىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ «سوتسىيالىزم ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
1951-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرىنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بىلىپ بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈش ئويۇنىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقارمىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارغا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش نىزامى ‹لايىھە›» ناملىق ھۆججەت بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى غەربىي-شىمال بيۇروسى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش نىزامى ‹لايىھە› ھەققىدە پىكىر ئېلىش، تەكشۈرۈش پروگراممىسى» نى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ.
ئىلىدىكى مەسئۇل رەھبىرىي كادىرلار خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ ھۆججەت ۋە پىكىر ئېلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا مەجلىس ئاچىدۇ. شاھىتلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېپىق ھالەتتە ئېچىلغان مەزكۇر مەجلىسكە غۇلجىدىكى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاتاقلىق ئوفىتسېرلىرى، ئىجتىمائىي-سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرى بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا بۇ مەجلىسكە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭمۇ ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر مەجلىستە 12 ماددىلىق بىر تەكلىپ-پىكىر لايىھەسى (بەزىلەر 15 ماددىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ) تەييارلىنىپ، ئۇنىڭغا يىغىن قاتناشچىلىرىدىن 51 كىشى ئىمزا قويىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىككى نېگىزلىك مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىرى ئۇيغۇرىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىش، يەنە بىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدە-سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش- «ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما يىغىن قاتناشچىلىرى كەسكىن مۇزاكىرەلەردىن كېيىن ئۇيغۇرىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىق مۇئەمماسىنى ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھەم بېيجىڭنىڭمۇ ھەم موسكۋانىڭمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىرچە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرىستان ئۈچۈن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك سىياسىي سىتاتۇس تەلەپ قىلىش پىكرىدە بىرلىككە كېلىدۇ.
ھالبۇكى، «51 چىلەر» مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە تەلەپلەر ھەققىدىكى ھۆججەت خاراكتېرلىك ماتېرىياللارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مەرۇپ ئەيسا «51 چىلەر» مەجلىسىگە غۇلجىدىكى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقانلىقىنى، ئەمما يىغىننىڭ يېپىق ھالدا ئېچىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
سېيپىدىن ئەزىزىمۇ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان 3-تومىدا 1951-يىلى 3-ئايدا غۇلجىدا ئېچىلغان «51 چىلەر مەجلىسى» ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەجلىس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى غۇلجىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەن سەيپۇللايوپتىن ئاڭلىغانلىقىنى، غۇلجىدىكى مەجلىس ئەھلىنىڭ سەيپۇللايوپقا تاپشۇرغان تەلەپ خېتىنى كۆرۈپ قاتتىق خاپا بولغانلىقىنى ھەمدە شۇ مەجلىسكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن سەيپۇللايوپنىمۇ تەنقىد قىلغانلىقىنى يازىدۇ.
ئىلى ئىنقىلابىغا قاتناشقان موڭغۇل گارشابانىنىڭ «تارىخنىڭ ساداسى» ناملىق ئەسلىمىسىدىمۇ غۇلجىدىكى «51 چىلەر» مەجلىسىگە سەيپۇللايوپنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى، يىغىندا ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش توغرىلىق 4 تۈرلۈك تەشەببۇسنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ۋاڭ جېننىڭ شۇ يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك شۆبە بيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، سەيپۇللايوپ، لېسكىن قاتارلىق «51 چىلەر مەجلىسى» گە قاتناشقان ئاساسلىق كادىرلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئابدۇرەھىم ئەيسا غۇلجىدىكى «51 چىلەر» مەجلىسىدە قانداق روللارنى ئوينىغان ۋە قانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان؟
مەرۇپ ئەيسا بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ تېخى گىمنازىيە ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجىدىكى بۇ مەجلىستە زادى قانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ھالبۇكى، مەرۇپ ئەيسا كېيىنچە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ «51 چىلەر» مەجلىسىدە ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ھەققىدە ئەڭ كەسكىن تەلەپ قويغۇچىلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
سەيپىدىن ئەزىزى، گارشابانى قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجىدىكى «51 چىلەر» مەجلىسىدە قانداق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. ئەمما 1958-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق كادىرلارنى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ چىقارغان ھۆججىتىدە ئابدۇرەھىم ئەيسا «مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بۇزماقچى بولغان»، «خەنزۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ سوتسىياسلىزم قۇرالايمىز دېگەن»، «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1958-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىدا بېسىلغان باش ماقالىدە «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى ئابدۇرەھىم ئەيسا مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان رېسپۇبلىكىسى ياكى شەرقىي تۈركىستان رېسپۇبلىكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان» دېيىلگەن.
شۇنداق قىلىپ، 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن «51 چىلەر» مەجلىسى ۋە بۇ مەجلىستە ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان شۆبە بيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ۋاڭ جېن باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن كەسكىن رەت قىلىنىدۇ. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاساسلىق ئۇيغۇر كادىرلار، جۈملىدىن سەيپۇللايوپ، ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق سەرخىللارغا چېكىت ئۇرۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى باشلانغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.
«51 چىلەر» مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ھەققىدىكى تەلەپلەر ئۈرۈمچىدىن چىقماي تۇرۇپلا رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك سىياسىي سالاھىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يېتىدۇ. ئەمما ئۇ بەل قويۇۋەتمەستىن خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىش، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي نىيىتىنى بىلىپ بېقىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ.
1951-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا ئۇيغۇرلاردىن بىر مۇئاۋىن مۇدىر تەيىنلىنىش تەكلىپى كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈن قاتارلىق خىتاي كوممۇنىستلىرى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئىلىدىن كەلگەن كادىرلار ئىچىدىكى مىللىي ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئاسانلىقچە بوي بەرمەيدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىنىڭ مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش، بىر مەزگىل بېيجىڭغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىش خىيالىغا كېلىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا بارىدۇ ھەمدە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى يېڭى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ 1951-يىلىنىڭ ئاخىرى ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيساغا ھەمراھ بولۇپ بېيجىڭغا بارغانلىقىنى، ئاكىسىنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئابدۇرەھىم ئەيسا بېيجىڭدا خىزمەت قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزۈش ھەمدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشنى ئويلايدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بۇ ۋەزىپىنىڭ «نامى ئۇلۇغا سۇپرىسى قۇرۇق» بىر مەنسەپ ئىكەنلىكىنى، بېيجىڭدا تۇرۇپ يىراقتىكى ۋەتىنىنىڭ كېلەچى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ تەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1952-يىلى يازدا بېيجىڭدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراپ، ئۈرۈمچىدىمۇ تۇرغۇسى كەلمەي ئۇدۇل غۇلجىغا قايتىپ كېتىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00