ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، بۈگۈنكى «يورۇق ساھىللار» پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئالدى بىلەن مەشھۇر شائىر، زامانىنىڭ ھۆكۈما كاتىپى، جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم نىزارىنى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاندىن «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىسى بويىچە، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم يازغان: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.
گۇناھ
بىر بۇرۇن سانسىز ئەيىبنى ھەممىدىن تاپتى پۇراپ،
يەتتە قات يەردىن قۇسۇر، كۆكتىكى ئايدىن گۇناھ.
دېدى تاغ ماڭمايدىكەن، دەريا پەقەت تىنمايدىكەن،
كۈن نېچۈن ئۆلمەيدىكەن، تاپتى ئۇ سايدىن گۇناھ.
نە ئۈچۈن ئوغۇل تۆرەلدى، بۇ قورساقتا ئـــەي ئانــا!
نە ئۈچۈن ئۇيغۇر ياراتتىڭ بۇ زېمىنغا ئـــەي خــــۇدا.
نە ئۈچۈن بەردىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كەڭرى يەر زېــــمىن،
مەن پۇراپ تاپتىم ئۇنىڭدىن يەرگە سىغماس چوڭ گۇناھ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار! مانا بۇ شېئىر، 18 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كاتتا شائىرى، رېئالىزملىق داستانچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى، نەۋائىشۇناس ۋە نەۋائىنىڭ ئىز باسارى دەپ تەرىپلەنگەن، داڭلىق ئۆلىما، زامانىنىڭ ئەڭ چوڭ جامائەت ئەربابى ۋە ئەينى يىللارنىڭ قەشقەر ھاكىمى زوھۇرىددىن ھاكىمبەگنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە خاس كاتىپى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ بولۇپ، بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە ئالدى بىلەن سىلەرگە ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ قىسقىچە ھايات پائالىيىتى ۋە ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان پروگراممىمىزنى ئاڭلاپ ئۆتىسىلەر.