20-ئەسىرنىڭ 20-، 30-يىللىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ئاسارەتلىك دەۋر – جاھالەت ئەۋجىگە چىققان يىللار دەپ قارىساق، مانا بىز بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان شەخسنى ئاشۇ يىللاردا خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ مەرىپەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشقىلارنى يورۇتقان رەھنەمالارنىڭ بىرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
بەلكىم كۆپىنچە ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق، «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر پوئىزىيىسىنى تىل، ئۇسلۇب، مەزمۇن ۋە ژانىر جەھەتتىن يېڭى يۈزلىنىشكە ئىگە قىلىدىغان ئاجايىپ نادىر شېئىرلىرى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە تونۇلغان تالانتلىق نامايەندە، شۇنداقلا ئەينى يىللاردىكى فېئوداللىق زۇلۇمىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلقنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە مەرىپەت ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەپ، ئۆتكۈر سىياسىي لىرىكىلىرى بىلەن دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتقان نۇرلۇق سىما، خەلقىنىڭ ھۆرلۈك – ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆز يۈرىكىنى مەشئەل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان مەرىپەت يۇلتۇزى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە توختىلىمىز.
گەرچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق خەلقىمىزگە بەكمۇ تونۇشلۇق بولسىمۇ، بىز بۇ ۋەتەنپەرۋەر شائىرنى يەنە بىر قېتىم چىن يۈرەكتىن ئەسلەپ ئۆتۈش نىيىتىدە ئۇنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە خاتىرىلەپ ئۆتمەكچىمىز.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەقىقەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قولىدا قەلەم، يەنە بىر قولىدا ئەلەم كۆرۈشى قىلغان ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ جەسۇر ئوغلانى ئىدى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاجايىپ يېڭى نامايەندىلەر بىلەن يېڭى سەھىپە ئاچقان بولۇپ، ئۇ ئۆزى كۆرۈپ كەلگەن ئەللەردىكى يېڭىلىقلار، ئۆزى ياشىغان جەمئىيەت ۋە ئۆز ھېسسىياتى ھەققىدە بەدىئىي مىسرالارنى خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە ئايلاندۇرغانىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى كۆزىتىپ باھا بېرىش ئۇسۇلى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى، ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى، ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشلىرى ئۇنىڭ: «ئويغان ئۇيغۇر»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئاچىل»، «باردۇر»، «ئۇيغۇر قىزى»، «نە قىلاي» دېگەندەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. مانا بۇ ئۆلمەس شېئىرلار ھېلىمۇ ھەم چوڭ – كىچىك ھەممىمىزنىڭ تىلىدىن چۈشمەي يادلىنىپ تۇرماقتا، ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
ئەمىسە تۆۋەندە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان: «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرىدىن يەنە بىر قېتىم بەھر ئالغايسىلەر.
غەزەپ ۋە زار
ئەي پەلەك! بۇ دەھشىتىڭدىن ئېنتىھا بىزارىمەن.
ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم. بۇ دەردىمگە ھېچ دارىمەن.
ئاتا-بوۋامدىن مىراس قالغان كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تېرىلىپ كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان بېغىم باھارى گۈلىنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،
قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
يۈزمۇ-يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار
كۆرمىسەم چاينار نىجىس، گوياكى دىل ئازارىمەن.
لائەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بىرى ھۇشيارىمەن.
زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،
تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ ھەققە ئاھ... ئۇرارىمەن.
دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت ھالىڭغا ۋايىكىم ئۇيغۇرۇم،
جاننى ئالىقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.