ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆتمۈش تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلەرنى، ئۇنىڭ ھايات ۋە كۈرەش يولىنى ئەكس ئەتتۈرسە، بەزىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەپ، ئەخلاق مەسىلىلىرىنى يورۇتۇشقا، زامانداشلىرىنىڭ يارقىن ئوبرازلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا. زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ پروزا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردە يەنە شۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى بايقاشقا بولىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا پروزىنىڭ رومان ژانىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئالىمجان باۋدىنوف بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «قالغان كۆڭۈل»، «ئويلانماي باسقان قەدەم»، «ئاي يۈزىدىكى بۇلۇت» ناملىق پوۋېستلىرى ھەم ھېكايىلەر توپلاملىرى بىلەن كەڭ كىتابخان ئاممىسىغا تونۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
يازغۇچىنىڭ رومان ژانىرىدىكى «مەھبۇس» ناملىق تۇنجى ئەسىرى 2008 - يىلى يورۇق كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەقدىرنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن زامانداشنىڭ سىياسىي تەقىب نەتىجىسىدە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى، كىشىلەر ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتلەر، ساداقەتلىك، پاكلىق، چىداملىق ئوخشاش ئىنسانىي پەزىلەتلەر، قاتىللىق، ساتقۇنلۇق، ئىككى يۈزلۈك قاتارلىق رەزىل ئىللەتلەر تەسۋىرلەنگەن.
ئەدىپىنىڭ نۆۋەتتىكى «جادۇ» رومانىدىمۇ شۇ خىل ئالاھىدىلىكنى بايقاشقا بولىدۇ، لېكىن ئاپتور بۇ قېتىمدا ۋەتىنىگە، خەلقىگە خىيانەت قىلىپ، بايلىقنى، ئابرۇينى ئەۋزەل كۆرگەن شەخسنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا كۆپرەك ئورۇن بەرگەن.
كىتاب كىرىشمە قىسىمدىن، «ئالماگۈل بازىرىدا»، «غۇلجىلىق كۈيئوغۇل»، «ئارازلىشىش»، «مەخپىي پىلان»، «سەكراتتا ياتقاندا» قاتارلىق ئون بەش بابتىن ھەم خاتىمىدىن تەركىب تاپقان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان باۋدىنوف رومان مەزمۇنىدىن ئايرىم پارچىلارنى تونۇشتۇردى.