ئالمۇتادا ياش تالانتلارنىڭ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

يېقىندا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «بىرلىك» نامىدىكى جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھامىيلىقىدا «2012 - يىلنىڭ ئەڭ ئالامەت شاھزادە ۋە شاھىنىسى» ناملىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

ھەر يىلى قابىلىيەتلىك ئۇيغۇر غۇنچىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر مۇسابىقە ياش ئەۋلادلار قەلبىدە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇھەببەت تۇيغۇلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر بىرلەشمىلىرى ۋە پۈتكۈل جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قەلبىنۇر روزىيېۋا مەركەزنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.