بەخت دېگەن نېمە؟

بەخت ياكى سائادەت مال - دۇنيا بىلەن ياكى كۈچ - قۇۋۋەت ۋە زورلۇق - زومبۇلۇق بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، چۈنكى ئۈ ھەر قانداق مال - دۇنيادىن قىممەتلىك، ھەر قانداق كۈچتىن كۈچلۈك. بەخت گويا دېڭىز ئاستىدىكى بىر بىباھا گۆھەركى، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن كۆزىتىشكە، شۇڭغۇشقا ماھىر غەۋۋاس بولمىسا بولمايدۇ.

0:00 / 0:00


بەخت - سائادەت شۇنداق بىر ئورۇن ياكى سۆزلەردە ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ بىز ھاياتقا ئىجابىيلىق بىلەن، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن باققىنىمىزدا، بەخت - سائادەتنىڭ ئىچ - ئىچىمىزدىن تارالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، گوياكى ئۈ بىر توختىمايدىغان بۇلاقتەك، پۈتۈن بەدىنىمىزنى ئىجابىي ھايات بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ.

بەخت دېگەن زادى نېمە؟

بىر قېتىملىق ئاممىۋى راي سىناشتا، 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، «بەخت دېگەن نېمە» دېگەن سوئالغا 36 پىرسەنتى بەخت دېگەن مۇھەببەت دېمەكتۇر دېگەن، 29 پىرسەنتى ھاياتلىقتا رازىمەنلىكتۈر دېگەن، 18 پىرسەنتى تەن - سالامەتلىك دېگەن، پىرسەنتى توي قىلىپ ئۆي تۇتۇش دېگەن، پىرسەنتى بولسا مال - دۇنيا دېگەن، پىرسەنتى بالىلىق دەۋرى دېگەن، پىرسەنتى بولسا سەيلە - ساياھەت قىلىش دېگەن.

مىسىرنىڭ داڭلىق مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئابباس ئەل ئەققاد مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر رەسسام دوستۇم بولۇپ، كۆپ چاغلاردا تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ رەسىم سىزاتتى، بىر كۈنى ئۇ بەختنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، 20 ياشلىق نازىنىن بىر قىزنىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ، ئۇ قىز ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، دوستۇم ئۈ رەسىمنى ماڭا كۆرسەتتى.

مەن ئۇنىڭغا: «لېكىن مەن بەختنى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلمايمەن. بۇ رەسىمىڭ بەلكى خۇشاللىق ياكى ھۇزۇرنى ئىپادىلەپ بېرىشى مۇمكىن، لېكىن بەخت دېگەن باشقا نەرسە، بەخت دېگەن بىز ياشىغان بىر زامان ياكى دەۋردۇركى، ئۈنى تەسۋىرلىمەك تەس. بەختتە سۈكۈنات ۋە تەمكىنلىك مەنىسى بار بولۇپ، ئۈ ھەرگىزمۇ ۋاراڭ - چۇرۇڭ ياكى شاۋقۇن - سۈرەن ئەمەس، بەخت دېگەن ۋىجداندا تېپىلىدىغان ئىچكى ھېسسىياتتىن ئىبارەت، شۇڭا ئۇنىڭغا مۇتلەق بىر چۈشەنچە ياكى ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ،

ئۈنى ھېچقانداق چۈشەنچىگە سىغدۇرغىلى بولمايدۇ، بەلكى بەخت ئالدىمىزدا بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۈنى تونۇمىغانلىقتىن قولىمىزدىن كېتىشى مۇمكىن، بىز شۇ چاغدا ساپ - ساق، ئەقلىمىزگە تولغان بولساقمۇ ئۈنى سېزەلمەيمىز، كىچىك بالىلاردەك غەمسىز، بەخىرامان بەختلىك ھاياتنى تېخىمۇ تاپالمايمىز، ئاشۇ بالىلارمۇ كىچىك ۋاقتىدىكى بەختنى سەزمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن چوڭ بولۇپ ئەقلى تولغاندا، دۇنيادا بەخت دېگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭقىرغاندا، ئاشۇ بەختنى ئىزدەشكە باشلايدۇ، خۇددى ئۈ دۇنيادا يوق، تېپىلغۇسىز نەرسىدەك».

ئەگەر بەخت مال - دۇنيا بىلەن بولسا ئىدى، دۇنيادا ھەممىدىن بانكىلار، تاغلار، كانلار ئەڭ بەختلىك بولغان بولاتتى، ئەگەر بەخت گۈزەللىك بىلەنلا بولسا ئىدى، توز ھەممىدىن بەختلىك بولغان ئىدى، باھاردا ئېچىلغان گۈل - چېچەكلەر ھەممىدىن بەختلىك بولار ئىدى،

ئەگەر بەخت كۈچ - قۇۋۋەت، زورلۇق - زومبۇلۇق بىلەن بولسا ئىدى، دۇنيادا ۋەھشىي يىرتقۇچلار ياكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ئىنسانلار ئەڭ بەختلىك ھېسابلىناتتى، ئەگەر بەخت ئەخلاق بىلەن، ھېكمەتلىك سۆزلەر، يۈز - ئابرۇي بىلەنلا بولسا ئىدى، دۇنيادا ئىنسانلارلا ئەڭ بەختلىك بولغان بولاتتى.

دېمەك، بەخت - سائادەت سەبىي بالىنىڭ كۈلكىسىدە، راستچىللىق بىلەن سۆزلەنگەن ياخشى سۆز - نەسىھەتلەردە ياكى ياراتقان ئىگىسىنى ياد ئېتىپ ئېيتقان دۇرۇدلاردا ۋەياكى قېرىنداشلىرىغا (ئۇلارنى تونۇمىسىمۇ، كۆرمىگەن بولسىمۇ) كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ياد ئەتكەن قەلبتە، ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى ياشنى سۈرتەلىگەندە، مىللەت، ۋەتەن ۋەياكى دىنى ئۈچۈن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقاندا، قاتتىق قىيىنچىلىقتىن كېيىن قولغا كەلگەن غەلىبىدە ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان راھەتتە ئۆزىنى تولۇق نامايەندە قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقىي سائادەتنى ھېس قىلىسەن. بەخت دېمەك، رازىمەنلىك شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە قارىماسلىق دېمەكتۇر. چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىلىكىدە ئۇلارنى خۇشال قىلغۇدەك مال - دۇنيا، تەن سالامەتلىك، يۈز - ئابرۇي بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن بەزىلىرىنىڭ ئۆيى چوڭ، بەزىلىرىنىڭ پۇلى تېخىمۇ كۆپ، يەنە بەزىلىرىنىڭ مەنسىپى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ ۋە ئۆزىنى بەختسىز ھېسابلاپ، تەلەيسىزلىكىدىن ۋايساشقا، ئاخىرىدا شەيتانغا بويۇن ئېگىپ، تەقدىرىگە ئىسيان قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر كىشى پايدىلىق ئىلىم، پايدىلىق ئىش - ئەمەل ۋە ياخشىلىقلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارغا ھەۋەس قىلسا ۋە ئۆزىنىڭمۇ شۇلاردىن ئېشىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلسا، بۇ تامامەن باشقا.

ئىنسان ئەگەر بىر پېشكەللىككە يولۇقۇپ، مال - دۇنياسىدىن، ئائىلىسىدىن، ھەتتا بىرەر ئەزاسىدىن ئايرىلىپ مېيىپ بولۇپ قالسىمۇ، تەقدىرىگە تەن بېرىپ، ياراتقان ئىگىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رازىمەنلىك بىلدۈرسە، ئاندىن قەلبى بەخت ئىلىكىدە گۈللەپ ياشنايدۇ.

بىر كۈنى، بىر مېيىپ ئادەمنى كۆردۈم. بۇ ئادەمنىڭ ئەزالىرىدىن پەقەت تىلى بىلەن كۆزىلا بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا بىرخىل خۇش خۇيلۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى ۋە كىشىلەرگە ناھايىتى ئوچۇق - يورۇق مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ ئالامەتلەرنى تېنى ساق كىشىلەردىنمۇ كۆرۈش تەس ئىدى. بىر قېتىملىق سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھايات ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: «ئۆز ۋاقتىدا كۈچكە تولغان ياش يىگىت ئىدىم، ناھايىتى ئېغىر نەرسىلەرنىمۇ دەس كۆتۈرۈۋېتەتتىم، كېيىن بىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، پۇت - قولۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئەھۋالىمغا ئېچىنىپ تولا يىغلايدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئاكام مېنى يۈدۈپ دوختۇرخانىمۇ دوختۇرخانا ئايلاندى، ئۇ يەرلەردە مەندىمۇ بىچارە، مەندىنمۇ بەتتەر كىشىلەرنى كۆردۈم، بەزىلىرى ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىدىن كېتىشكەن، بەزىلىرى ساراڭ بولاي دەپ قالغان ئىدى، بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ھالىتىگە كۆنۈپ قالدىم ۋە پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم، ئەمەل - ئىبادەتلىرىمنى تولۇق ئورۇندىدىم، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم، مانا ئەمدى، مېنى مۇشۇ ھالدا كۆرۈپ تۇرۇپسەن» دېدى ئۇ.

ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئۇششاق - چۈشەك پېشكەللىكلەرگە ئاچچىقلىنىپ، شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلەر خۇشاللىقنى تاپالمايدۇ، بەختنى تېخىمۇ سېزەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى كۈنسېرى قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ. قاقشىغىنى قاقشىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە ھاياتىدىن ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئەمما بۇ پېشكەللىكلەرگە تەن بېرىپ، تەقدىرىگە رازىمەنلىك بىلدۈرگەنلەرلا ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ئازاب ئىچىدە بەختنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ.

خىزمەت ۋە بەخت

خىزمەت قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ سېنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلا، شۇ ئارقىلىق خىزمەتنى ئىخلاس بىلەن، قېتىرقىنىپ ياخشى قىل، شۇنداق خىزمەت قىلىشمۇ بەختنىڭ بىر يولى بولۇپ قالىدۇ ھەم باشقىلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشنىڭمۇ ياخشى پۇرسىتىدۇر. ئۆزۈڭ قىلىۋاتقان ئىشنى سۆيسەڭ، بېرىلىپ، قېتىرقىنىپ قىلساڭ، ھەرقانداق ئىشتىن بەخت ھېس قىلالايسەن، ئۇنىڭدىن ھەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسەن، مۇرادىڭغا يېتەلەيسەن.

ھاياتقا ئىجابىيلىق ۋە ئۈمىد بىلەن باققىنكى ھەرگىز سەلبىيلىك ياكى چۈشكۈنلۈك بىلەن باقما، زېرىكىش ھېس قىلمايسەن، قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە ئاددىي نەتىجە بولسىمۇ، ئۇنى ئىشقا سېلىپ، تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىش، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغىنىڭدا، بىلگىنكى بۇ سېنىڭ غەلىبە قىلىشىڭنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالغۇسى. مەغلۇبىيەتتىن ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمەي سەۋر قىل، پەرۋەردىگارىڭغا سىغىن. ئۆزۈڭنى ئۆزگەرتىپ باققىن.

بۇرۇن بىر كىشى بولغان ئىكەن، دۇنيانى 10 يىلدا ئۆزگەرتمەكچى بولۇپتۇ، لېكىن بۇ 10 يىل ئۈ سەزمەستىنلا ھېچ ئىش قىلالماستىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى: «ئالدى بىلەن دۆلىتىمنى ئۆزگەرتەي» دەپ بەش يىل بەلگىلەپتۇ، لېكىن بۇ بەش يىلدا ھېچ ئىش قىلالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن: «3 يىلدا شەھىرىمنى ئۆزگەرتەي» دەپ ئېلان قىپتۇ - يۇ، بۇنىمۇ قىلالماپتۇ، ئاخىرى: «بىر يىل ئىچىدە ئۆزۈم ياشايدىغان مەھەللىنى ئۆزگەرتەي» دەپ بېقىپتۇ، لېكىن بۇنىمۇ قىلالماپتۇ، ئاخىرى ئائىلىسىنى ئالتە ئايدا ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، بۇنىمۇ قىلالماپتۇ. شۇندىلا ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە: «ئەمدى بىلدىم، مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ئىسلاھ قىلاي» دەپتۇ.

شۇنداق، بەخت ۋە ئۇتۇق ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ، ئۆزىمىزنى تۈزىتەلىسەك، ئاندىن باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلالايمىز.

داۋامى بار.