بەخت دېگەن نېمە؟ (2)
2013.01.26
چىرايىڭنى دائىم خۇشخۇي ۋە ئوچۇق تۇتقىن، كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرگىن ۋە ئۇنىڭدىن بىر ئۆزرە ئىزدە، باشقىلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئاختۇرما، باشقىلارنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى ئەيىبلە.
باشقىلار ساڭا مەنپەئەت بەرمىگەن، سېنى توسقان بولسا، سەن ئۇلارغا بەرگىن. ساڭا زۇلۇم قىلغان قېرىندىشىڭنى ئەپۇ قىل، سېنى تاشلىۋەتكەنلەرنى زىيارەت قىل، بۇرۇن ياخشىلىق قىلغانلارغا بۈگۈنمۇ ياخشىلىق قىل، بەخت مانا شۇ يەردىدۇر.
كىمنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ شۇنداق كىشى ئىكەنكى، باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تالانتىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئەمگىكىنى قەدىرلەيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن خۇش بولىدۇ. مانا بۇ بەخت مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ غەلىبىسىنى ياراتقان ئىگىسى بېرىدۇ، بۇنداق غەلىبە ۋە ئۇتۇق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئەگەر بىر كىمنىڭ ئوقۇشتا ياكى خىزمەتتە نەتىجە قازانغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ توي قىلالىغانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ ئەمىلى ئۆسكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى كۆرسەڭ، خۇش بولغىن، مانا بۇ ئۈزۈلمەيدىغان خۇشاللىقتۇر، بەختتۇر، ھەسەتتىن يىراق بولۇشنىڭ چارىسىدۇر. ھەسەتخورلار بەختتىن ئەڭ يىراق بولغۇچىلاردۇر. ئۇلار - كىم خۇشال بولسا ياكى بىرەر نەرسىگە ئېرىشسە، كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچىدۇ، كۆڭلى ئوتقا تولىدۇ، ئوز قولى بىلەن بەختىنى قوغلايدۇ.
بەخت ۋە قانائەت قىلىش
ئىنسان تەبىئىتى مال - دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بىلىشىمىز كېرەككى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە ياكى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكەن ھەرقانداق كىشى بەختلىك ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيادا مال - دۇنيانىڭ ھەممىسىگە، ئارزۇ قىلغاننىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بىر كۈنى ھەممەيلەن ئۆلۈپ قەبرىگە كىرىدىغان گەپ. شۇنداق بولغانىكەن، قانائەت بىلەن ياشىشىمىز كېرەك.
كىمكى بەختنى ئىزدەيدىكەن ئۈنى مال - دۇنيا، ئالتۇن - كۈمۈش، كاتتا بىنا - قەسىرلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن، ئائىلىسىدىن، خەلقىدىن ئىزدىگەي. ئۆزىنى ھاۋايى ھەۋەسكە بويسۇندۇرمىغاي. شۇندىلا ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلغۇسى.
بەخت ۋە تەن ساقلىق
تەن ساقلىق - تېنى ساق كىشىلەردىكى پادىشاھلىق تاجىدۇركى، ئۇنى پەقەت كېسەللەرلا ئەڭ ياخشى ھېس قىلالايدۇ، چۈنكى تەن ساقلىق ئاللاھھ تائالا ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېئمەتتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن تەن ساقلىقىغا شۈكۈر قىل، خۇشال بول، ئۇنى كەتسە قايتا كەلمەيدىغان پۇرسەت دەپ بىل، ئۇنى ئۆزۈڭ ۋە باشقىلارنى بەختلىك قىلىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىل، ياخشىلىققا ياردەملەش، ياماندىن توس، ئاجىز، پېقىر، يېتىم - يېسىر، مۇساپىر، تۇللارغا ياردەم قىل. چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ ساقلىقىڭ ۋە بوش ۋاقتىڭدا ئاللاھھ تائالانىڭ ھەققى بار. تەن ساقلىقىڭنى ئاسرا، ھەر ئىشتا ئورتا ھاللىقنى كۆزلە، قۇرۇق خىيال، بولمىغان ۋەھىمىلەرگە ئۆزۈڭنى ئەل قىلىپ قويما. چۈنكى بەدىنىڭ روھۇڭنى كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەپسىڭ ۋە ئەقلىڭ بار، ئەنە شۇ بەدىنىڭ ساق بولسا، ئەقلىڭ ھەم روھۇڭ ساق بولغاي، ھەم شۇ بەدىنىڭنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۇۈل بۆل، چاچ، يۈز، ئېغىز، شۇنداقلا پۈتۈن بەدىنىڭ پاكىز بولغاي، خۇشپۇراق ئىشلەت!
بەخت ۋە ئادەت:
بەختلىك بولۇشنىڭ ئەگىشىپ ماڭىدىغان، كۆنىدىغان ئۇسۇل، سەۋەبلىرى بار، شۇنداقلا كىشىنى بەختتىن مەھرۇم قىلىدىغان ئامىللارمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشىڭ ۋە ئۆزلەشتۈرۈشۈڭ، يامانلىرىنى تاشلاپ، ياخشىلىرىنى كۆپەيتىشىڭ ۋە ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىشىڭ كېرەك، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1 - ئۆزگىچە بولۇشقا، ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىش: ئىلىمدە، خىزمەتتە، دىن ياكى مال - دۇنيادا، باشقىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزگىچە، باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، ئالاھىدە بولۇشقا تىرىشىش، بىر ئىشنى ئۆگەنگەندە بىر ئورۇندا تۇرۇپ قالماي، ۋايىغا يەتكۈزۈش ھەم ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماسلىق. چۈنكى ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقاندا توختاپ قالساق، ئارقىغا چېكىنىدىغان گەپ.
2 - مەقسەت ئوچۇق، غايە ئېنىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك: بىر ئىشنى باشلىغاندا يەتمەكچى بولغان غايە ۋە مۇددىئاغا مەركەزلىشىش ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەپسىلىي پىلانى ۋە مۇددىتى بەلگىلەنگەن بولۇشى، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئۈستۈن بولۇشى كېرەك. تايىنى يوق، ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا زىيانلىق، مۈجمەل ئىشلارغا قەدەم باسماسلىق لازىم.
3 - قىلىدىغان ئىشلارنىڭ رەت تەرتىپىنى بەلگىلەش، ئاۋۋال ئەڭ مۇھىمىنى ئاندىن مۇھىمىنى، ئاخىرىدا مۇھىم بولمىغانلىرىنى قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ ھاياتتا قىلىدىغان ئىش بەك كۆپ، لېكىن ھاياتىمىز تولىمۇ قىسقا. ھاياتىمىزدىكى ئىشلارنى مۇنداق تەرتىپلەشكە بولىدۇ: ھەم مۇھىم ھەم جىددىي، مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس، جىددىي ئەمما مۇھىم ئەمەس، ھەم مۇھىم ھەم جىددىي ئەمەس.
4 - ئىشنى قالايمىقان قىلماي، ئېنىق پىلان بىلەن قىلىش: بۇنى قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك شەكلىدە بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ھايات بويىچە داۋاملىشىدىغان پىلان، 5 ياكى 10 يىللىق، بىر يىللىق، ئالتە ئايلىق، ئايلىق، ھەپتىلىك ۋە كۈنلۈك پىلان دېگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق، بىر يەنە بىرىنىڭ داۋامى ياكى بىرى يەنە بىرىنىڭ باشلانغۇچى بولۇشى كېرەك.
5 - قىلماقچى بولغان ئىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، باشلىغاندىن كېيىن كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش. كونىلار: «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە!» دېگەنىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىش قىلغاندا، ئەڭ مۇناسىپ ۋاسىتىلەرنى تاللاش، ئىشنى ۋاقتىدا باشلاش، كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار بىرلەشتۈرۈلگەندە، ھەرقانچە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان بولسىمۇ، زېرىكىپ قېلىش ياكى دىققەتنىڭ بۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
6 - ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش: چۈنكى ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنالمىساق، زىيان تارتىمىز. بىز ئۆزىمىز ۋاقىتتۇرمىزكى، بىر مىنۇت ئۆتسە، ھاياتىمىزدىن بىر پارچە كەتتى دېگەنلىكتۇر.
7 - نەپسنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۆزىمىز نەپسىمىزگە بويسۇنماي، نەپسىمىزنى ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرۇش: چۈنكى ئىنسان نەپسى دائىم ئىگىسىگە قارشى ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۆز نەپسىگە ۋە ئىرادىسىگە ئىگە بولغان كىشىلا غەلىبە قازىنالايدۇ، ئەكسىچە نەپسىگە تەسلىم بولغان كىشى مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئۆز نەپسىمىز، ھاۋايى - ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غالىب كەلسەك، ھەرقانداق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايمىز. ئۆزىمىزنى نەپسنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قۇتقۇزغاندىن باشقا، زەئىپلىك ۋە بوشاڭلىقتىنمۇ ساقلىنىش كېرەك.
8 - ئالاقىگە ماھىر، ئىجتىمائىي ئىشلاردا پائال بولۇش كېرەك: باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان، ئاسان ماسلىشالايدىغان، خۇشچىراي، كۆڭلى كۆكسى كەڭ، باشقىلارنىڭ غەم - قايغۈلىرىغا ھەمدەم بولالايدىغان، قۇلىقى يۇمشاق، مۇئامىلىدە سىلىق بولۇش لازىم. «ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى» دېگەندەك، سۆز - مۇئامىلىدە مۇلايىم بولساق، ھەرقانداق ئىشتا باشقىلارنى ئەتراپىمىزغا يىغالايمىز. ئەگەر قوپال، تەرسا، چۇسلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، تۆت كىشىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىشمۇ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ.
9 - ئىجابىي تەپەككۇر قىلىشنى ئادەت قىلىش: ئەتراپتىكى ئىشلارغا ئىجابىي تەرەپتىن باھا بېرىش، كىشىلەرنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئىزدەش، قولىدا بار بولغان پۇرسەتلەرنى تېپىپ چىقىش، داۋاملىق سەلبىي تەرەپلەرگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك.
10 - ھەر ئىشتا مۆتىدىل بولۇش، ئىشلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، بېخىللىقتىن، ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىش، ئوتتۇرا ھال بولۇش كېرەك.
پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداق نەسىھەت قىلغان: «سېنىڭ ئۈستۈڭدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەققى بار، ئۆز نەپسىڭ (يەنى تېنىڭنىڭ) ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ ھەققى بار، شۇڭا ھەر ھەق ئىگىسىگە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى بەر». ئاۋار تەرجىمىسى