شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى غېنى باتۇر1950-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلاردا ياشىغان. ئۇ 1981-يىلى 79 يېشىدا قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىدە ۋاپات بولغان. غېنى باتۇر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەن نەۋرىسى ئەختەربىبى، ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق بىز رىۋايەتلەردىكى كەبى بۇ خەلق قەھرىمانىنىڭ ئائىلە ھاياتى ئۇنىڭ خاراكتېرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بۈگۈن بىز گەۋدىلىك سۈرلۈك قامىتى، جەسۇر، قەيسەرلىكى بىلەن دۈشمەننى تىترەتكەن بولسا، ئاۋامنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىللىرىدا داستان، غېنى باتۇرنىڭ كۆنگەن خۇيى، كۈندىلىك ھاياتىدىكى كىيىنىش ھەتتا غىزالىنىش ئادەتلىرىگىچە تونۇشۇپ چىقماقچىمىز.
تارىخىي شاھىتلار تەرىپىدىن 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى نىڭ جەسۇر قوماندانلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدىغان غېنى باتۇر 1950-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئىلگىرى-كېيىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلاردا ياشىغان ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى شەرەپ رەشىدوف، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى دىنمۇھەممەد قۇنايېف قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان ئىكەن. قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە تارىخى شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، قۇنايېف غېنى باتۇرغا ئالمۇتادىن چوڭ ئۆي تەقدىم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غېنى باتۇر ئۇنى رەت قىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى ئالمۇتا-غۇلجا يولىغا يېقىن بىر يېزىدا ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۆز ئارزۇسى بويىچە قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئالماتا-غۇلجا يولىغا يېقىن ئورۇنغا سېلىنغان بىر ئۆيگە ماكانلاشقان ھەمدە شۇ جايدا ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپ، 1981-يىلى شۇ ئۆيىدە ۋاپات بولغان.
غېنى باتۇرنىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدىكى يازما خاتىرىلەر، ئۇيغۇر تارىخىي رومانلاردا ئۇنىڭ جەڭ مەيداندىكى باتۇرلۇقى توغرىسىدىكى تەسۋىرلەر، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بىر قىسىم شاھىتلارنىڭ بايانلىرى، شۇنداقلا چەكلىك ساندىكى قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، غېنى باتۇرنىڭ ئىنتايىن قەددى-قامەتلىك، سالاپەتلىك، سۈرلۈك ۋە خۇددى رىۋايەتلەردىكى كۈچتۈڭگۈر چەۋەندازلاردەك بىر كىشى ئىكەنلىكىدىن بەلگە بېرىپ تۇرىدۇ.
غېنى باتۇرنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدە بىرگە ياشىغان نەۋرىسى، ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئەختەربىبى بوۋىسىنىڭ سىياقىنى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە خاتىرىلەپ، «بوۋام غېنى باتۇر ئېگىز بويلۇق، سۆلەتلىك، قاۋۇل ۋە بەستلىك ھەم سۈرلۈك ئادەم بولۇپ، ئۆينىڭ ئىشىكلىرىدىن بېشىنى ئېگىپرەك كىرەتتى، ئەمما ياشانغان بولسىمۇ تا ئۆلگەنگە قەدەر، قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈرەر ئىدى. سىياقىدىن ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى» دەيدۇ.
«بۇ باتۇرنىڭ ئۆمۈر بويى قاۋۇل، تىمەن تۇرۇشىدا ئەجەبا قانداقتۇر بىر سىر بارمىدۇ ؟» دېگەن سوئالىمىز ھەققىدە غېنى باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئەختەربىبى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بار ئەلۋەتتە، غېنى باتۇر ئات گۆشىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرەتتى، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئات گۆشىدىن ئايرىلماس ئىدى. كىچىك ئايالى رەيھان خانىم ۋە قىزى ھەجەربۈۋىلەر بىلەن بىرگە پولۇ، مانتا، مەنپەر قاتارلىق ئۆزى ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن غىزالىناتتى، رەيھان ھەدىنىڭ ئوخشىغان لەڭمىنىنى يېگەندە بولسا يەنىلا يۇرتىنى ئېسىگە ئالاتتى-دە " ھە مانا بۈگۈن بۇ ئوخشىغان لەڭمەننى يەپ ئىلىغا بارغاندەك بولۇپ قالدۇق " دەپ قوياتتى. ھەرىكەتچان، تەقۋادار، ئاللاھقا سېغىنىپ تۇرىدىغان ئىمانى كۈچلۈك ئىنسان ئىدى.»
ئەختەربىبىنىڭ ئېيتىشىچە، غېنى باتۇر كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە خاراكتېرىدە ئۆز پىرىنسىپىنى ساقلىغاندىن سىرت ھەتتا كىيىنىشكە ئوخشاش تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ ئۆز خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن پىرىنسىپچان كىشى بولغان ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇرچە كانۋاي نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن ئاق كۆڭلەك كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى، مىللىي ئارمىيە شەكلىدىكى كىيىنىش ئادىتىنى ھېچقاچان ئۆزگەرتمەيتتى، پاكىز، چەبدەس يۈرەر ئىدى.
گەرچە غېنى باتۇر، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزگەن ئاز ساندىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىدىغان «غېنى باتۇر» ناملىق قازاقىستاننىڭ «قازاق كىنو ئىستۇدىيەسى» تەرىپىدىن 1980-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان بىردىن-بىر ھۆججەتلىك فىلىمدىن باشقا ئۇنىڭ ھەققىدە جانلىق ئارخىپ يوق. رۇسچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن مەزكۇر فىلىم غېنى باتۇرنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسىگە جايلاشقان ئۆيىدە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا غېنى باتۇر ئۆزىنىڭمۇ قىممەتلىك ئاۋاز ئارخىپى بار. مەزكۇر فىلىمدە يەنە غېنى باتۇرنىڭ زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق بىر قىسىم سەپداشلىرىنىڭ جانلىق سىمالىرىمۇ خاتىرىلەنگەن.
ئەختەربىبىنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بۇ فىلىم غېنى باتۇر ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر يىل ئىلگىرى سۈرەتكە ئېلىنغان ئىكەن. مەرھۇم غېنى باتۇر گەرچە ئۆزى پاناھ تارتىپ بارغان ئىككىنچى ۋەتىنىنى ھۆرمەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە تۇغۇلغان ۋەتىنىگە سادىق بولۇپ ئۆتكەن، مۇساپىر بولغان ياقا يۇرتتىكى ئاخىرقى تىنىقلىرىنى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەل يۇرتىنى، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەش ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.
ئەختەربىبى خانىم، غېنى باتۇردەك ۋەتەنپەرۋەر، خەلق سۆيەر، ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان خەلق قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ كۆمۈلۈپ قالماسلىقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ئۇلارنىڭ روھىدىن زوق ۋە ئىلھام ئېلىشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەخىرلىك بوۋىسى ھەققىدىكى بۇ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەختەربىبىنىڭ غېنى باتۇر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى تېمىسىدا تەييارلىغان بۇ سۆھبەت پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى سانىدا، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىدا قانداق قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقى ۋە بۇ باتۇردىن ئەۋلادلارغا قانداق يالدامىلار قالغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى سۇنماقچىمىز.