ئەسىرلەردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجرى سىڭگەن، ئۇستا سەنئەتكارلارنىڭ ھۈنەرۋەن - چېۋەر قوللىرى بىلەن پۈتۈپ چىققان، گويا چۆچەكلەردىكى ئىرەم باغلاردەك يېقىملىق، خان سارايلىرىدەك سىرلىق قەدىمىي ئۇيغۇر كوچىلىرى، رەستە - بازارلىرى، باغۇ - بوستانلىرى تارىخىي يادىكارلىقلىرىنىڭ نامايەندىلىرى، مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق ئوبرازى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تارىخىي يادنامىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خۇددى قەدىمىي مىڭ ئۆي، يارغول ۋە قىزىل مىڭ ئۆيدەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولماقتا.
مانا بۇ ئاچچىق ھەقىقەتكە چىداپ تۇرالمىغان «يىلتىزى» ئىسىملىك شائىر قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئەجداد مىراسى قەدىمىي ئۇيغۇر كوچىلىرىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى، مۇڭلۇق قەلب كۈيىگە يوشۇرۇنغان غەزەپلىك ئاھۇ - زارلىرىنى ئۆزىنىڭ ئوتلۇق مىسرالىرى ئارقىلىق تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەمىسە، ھەممەيلەن بۇ مۇخەممەستىن بىرلىكتە بەھر ئالايلى.