چوگېر چوققىسى گۇۋاھ بولغان كەچۈرمىشلەر - 1

0:00 / 0:00

قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ساماۋىي كۆك بىلەن سۆيۈشۈپ تۇرغان غايەت زور گەۋدىسىدە قىش - ياز بېشىدىن قار - مۇز كەتمەيدىغان بىر ھەيۋەتلىك چوققا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ چومۇلاڭما چوققىسىدىن قالسىلا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، دېڭىز يۈزىدىن 8811 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوگېر چوققىسىدۇر.

ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ كەشمىر بىلەن چېگرالىنىدىغان ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا جايلاشقان چوگرى چوققىسى تارىختىن بۇيان سان - ساناقسىز كارۋانلارنىڭ، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ، جاھان كەزدىلەرنىڭ، ھەج سەپىرىگە ئاتلانغانلارنىڭ ھەمدە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئانا يۇرتىنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ مۇشەققەتلىك سەپەر كەچۈرمىشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ كەلدى. 1991 - يىلى ياز ئايلىرىدا ۋەتەن تۇپرىقىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ياش ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن پىيادە ھالقىپ ئۆتۈشتەك ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرىگىمۇ كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان چوگېر چوققىسى گۇۋاھ بولدى!

1980 - يىللاردا تەكلىماكاننىڭ غەربىي جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى قەدىمىي يۇرت قاغىلىقتا مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر مەكتەپ ئېچىلىدۇ. بۇ مەكتەپتە ئىسلامىي بىلىملەرنى ئاساس قىلغان ھالدا چەتئەل تىللىرى ۋە باشقا زامانىۋىي ئىلىملەردىنمۇ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىم ئېلىش تەشنالىقى بىلەن كەلگەن مىڭلىغان ياشلار ئابدۇلكەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ قاغىلىق بازىرىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرىۋېتىدۇ. ياش ئابدۇلئەزىزمۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان نەۋقىران يىللىرىنى قاغىلىقتىكى بۇ ئىلىم دىيارىدا ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

1990 - يىلى ئاپرېلدا بارىن ئىنقىلابى يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قانلىق يوسۇندا باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىغ ئۇچى قاغىلىق بوستانلىقىدىكى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مەكتىپىگە ۋە بۇ مەكتەپتە يېتىشىپ چىققان دىنىي زىيالىلارغا قارىتىلىدۇ. بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەلبىگە دىن، ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى چېگىلگەن نەچچە يۈزلىگەن ياشلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتقاندىن كېيىن ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. قاغىلىقتىكى بۇ ئىلىم دىيارىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقىۋېتىلىدۇ.

مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئابدۇلئەزىزمۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەقىپكە ئۇچرايدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئەركىن پا'ئالىيەت 'ئەلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەلبىدە ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ھەمدە كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەتتا ئۆزىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىمۇ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمىغان ئابدۇلئەزىز يېقىن دوستى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىش ۋە داۋاملىق ئوقۇپ بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ.

ئۇلارنىڭ قولىدا پاسپورت بولمىغانلىقتىن دەسلەپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەيدۇ. دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ساقچى ئورۇنلىرىدىن پاسپورت ئېلىشنىڭمۇ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى بومايدۇ. ئاخىرىدا ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ چېگرادىن يوشۇرۇنچە ئۆتۈپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇلار مەخپىي پىلان تۈزۈپ سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. شۇ ئارىلىقتا قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن پاكىستان چېگراسىغا بارىدىغان يول خەرىتىسىدىن بىرنى قولغا چۈشىرىدۇ. ئاندىن يوشۇرۇن ھالدا قاغىلىققا بېرىپ يولغا چىقىشنىڭ ھازىرلىقلىرىنى كۆرىدۇ. سەپەر ئۈچۈن كېتىدىغان زۆرۈر تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۇلار ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلىپ «قاراقۇرۇم تېغىدا ئالتۇن كولايمىز» دېگەن باھانە بىلەن يولغا چىقىدۇ. قاغىلىق بازىرىدىن چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن تاغلىق يېزا كۆكيارغا بارىدۇ. ئۇ يەردىن تىبەت ئېگىزلىكىگە ماڭغان يۈك ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچىدىكى مازار يېزىسىغا كېلىدۇ. مازار يېزىسىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىپ ئىلگىرىكى كارۋان يولىنى بويلاپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئايلارچە مېڭىپ، تاغ - داۋانلار ئېشىپ ئاخىرىدا قىرغىز چارۋىچىلىرى ياشايدىغان ۋەتەن تەۋەسىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئاھالە نۇقتىسى - بەشكەنت كەنتىگە يېقىنلىشىدۇ. ئەمما ئۇلار كەنتكە كىرىشتىن ئەھتىيات قىلىپ قولىدىكى خەرىتە بويىچە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. يەنە بىرقانچە كۈنلەر ماڭغاندىن كېيىن چېگرا بويىدىكى «چەكلەنگەن رايون» غا يېتىپ بارىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن ئېگىز بولغان بۇ يۈكسەكلىكتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك چوگرى چوققىسىنىڭ بېقىنىدا كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.

ئەركىنلىككە ۋە ئىلىم ئېلىشقا بولغان تەشنالىق ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشىدۇ. پاراقلاپ قاينىغان سۇغا قول تىقسىمۇ كۆيمەيدىغان، ئوكسىگېن يېتىشمىگەنلىكتىن ھەر ۋاقىت «ئىس تۇتۇۋېلىش» خەۋىپى كۆرۈلۈپ تۇرغان، ھايات بىلەن مامات ھەرۋاقىت ئېلىشىپ تۇرغان بۇ سەپەردە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەتلا ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىدىن چەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت ئالىدۇ. ئۇلار سەپەرنىڭ ئاخىرىقى نۇقتىسى بولغان چېگرا پاسىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پاكىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر رايونىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. چېگرا پاسىلىدىن ئۆتۈپ يەنە بىرقانچە كۈنلەر جاپالىق يول ماڭغاندىن كېيىن ئۇلار پاكىستان تەۋەسىدىكى تۇنجى ئىنسانلار توپىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار قورقۇنۇچ ياكى ۋەھىمىگىمۇ، قىزىقىش ياكى ھاياجانغىمۇ ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر تۇيغۇ ئىچىدە بىرقانچە ئايلىق جاپالىق سەپەردىن كېيىن يات ئەلدە تۇنجى قېتىم ئۇچرىغان بۇ كىشىلەر بىلەن يېرىم بەدەن تىلى ھەمدە ئۆزلىرى ئانچە - مۇنچە بىلىدىغان ئۇردۇ تىلى بىلەن سۆزلىشىدۇ…