دىن ئۆگىنىش يولىدىكى سەرسانلىق - 9

0:00 / 0:00

غۇلجىنىڭ گۈزەل ۋە تەبىي مۇھىتىدا ياشاپ قىلىش ئىستىكى بىلەن ئۇ يەرگە بارغان ھۈسەيىن تەجەللىي، 5 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ ھايات شاھىدلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىدۇ. ئىمكانىيەت يار بەرگەن يەرلەردە يەنە دەۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىنكى قاتتىق باستۇرۇلغان غۇلجا خەلقىنىڭ ئىقتىساد ۋە روھىيەتتە قاتتىق بوھرانغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

مەنا ۋە ئەھمىيەت بىلەن ياشاش، دەۋەت يولىدا تىنماي ئىلگىرىلەشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان ھۈسەيىن تەجەللىي تەكرار ئۈرۈمچىگە قايتىپ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەلۇم بىر دىنىي مەكتەپنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ - دە، ئۇ يەرگە ئاتلىنىدۇ.