كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن يىللار - 2

0:00 / 0:00

1985 - يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشىدىن كېيىن، يېڭىچە ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا مىللىي روھ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر قاتار ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيۇشما قۇرۇش، شۇ ئارقىلىق كەڭ ستۇدېنتلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەمدە پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش شۇارىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتەك قىزغىن مىللىي روھى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا ئاخىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلىدۇ. دولقۇن ئەيسا بۇ ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى 13 فاكۇلتېتىدا مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ 13 شۆبىسىمۇ قۇرۇلىدۇ. شۇندىن باشلاپ مەزكۇر ئۇيۇشما ئۆزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كەڭ تۈردە راۋاجلاندۇرۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا چوڭقۇر چۆكىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ غۇلجا، تۇرپان ۋە قاراماي قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تەكشۈرىدۇ. خەلقنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى دېھقانلار ئارىسىغا تارقىتىدۇ.

دولقۇن ئەيسا مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، مەزكۇر ئۇيۇشمىنىنىڭ تارماقلىرىنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا قۇرۇش ئىشىغا ئاتلىنىدۇ. مەزكۇر ئۇيۇشما قارمىقىدا سەنئەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، ھەر يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ كۇلۇپلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر تارىخىي شەخسلىرىگە ئاتاپ ئىشلەنگەن «ئەجدادلار ئىزىدىن» ناملىق درامىلار سەھنىلەردە ئوينىلىپ، كەڭ ئوقۇغۇچى ۋە ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. مەزكۇر درامىدا دولقۇن ئەيسا شەخسەن ئۆزى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىدۇ.

دولقۇن ئەيسا «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» دىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن غۇلجا يېزىلىرىدا، 1987-يىلى ياز
دولقۇن ئەيسا «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» دىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن غۇلجا يېزىلىرىدا، 1987-يىلى ياز


دولقۇن ئەيسا باشلىق ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىنىڭ پىلانلىشى بىلەن «ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» قارمىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار 1986 - يىلى قىشلىق تەتىلدە غۇلجىغا بېرىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تەكشۈرىدۇ. شۇ يىلى ئىلى تەۋەسىدە قاتتىق قار ئاپىتى بولۇپ، غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ ھەمدە ئوقۇش توختاپ قالىدۇ. ئەمما غۇلجا تەۋەسىدىكى خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش بىنالىرى يېڭى ھەم پۇختا بولغاچقا ھېچقايسىسى قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شارائىت ۋە ئەسلىھەلىرىدىكى غايەت زور پەرقلەر مەزكۇر ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋاللارنى رەسىم ۋە ۋىدەوغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە كۆرگەزمە قىلىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بۇ ئەھۋال ئۈستىدىن دوكلات سۇنىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى بۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىگەن دولقۇن ئەيسا دەسلەپ «تەڭرىتاغ ئۈمىدى» نامى بىلەن ئاتالغان ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار مىللىي ئويغىنىش دولقۇنلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىلىدى.

(داۋامى بار)