«دوزاخقا كىرمىسۇن دېدىم»
2017.11.21
مەن لىيۇداۋان قاماقخانىسىغا 2013-يىلى 10-سېنتەبىر قامالغاندىن كېيىن كامىرلار ئۈچ قېتىم ئۇيغۇر تۇتقۇنغا توشۇپ كەتتى. بىرى شۇ يىلىنىڭ 11-ئايلىرىدا، يەنە بىرى 2014-يىلى 3-ئايلاردا بولدى، ئەمما 2014-يىلى مايدىن كېيىن كامىرلار ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسقا لىق تولدى. بۇرۇندىن بىر كامىرىغا بىرەردىن توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇرلار بىراقلا كۆپىيىپ خىتايلار ئازسانلىق بولۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە شۇ ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن تۈرلۈك «ھۇجۇملار» باھانە بولغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ «سىياسىي» تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى شۇنداق ۋەقە بولغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. خەۋەردار بولغان پەقەت ئىككىيلەن بولۇپ، بىرى شۇنداق خەۋەرنى ئۈندىداردا تارقىتىپ تۇتۇلغان ئىدى.
2014-يىلى مايدىن باشلاپ مەنمۇ تەرجىمانلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. چۈنكى ھەر بىر مەھبۇسنىڭ قانداق گۇمان بىلەن تۇتۇلغانلىقى قاماقخانا ئارخىپىدا خاتىرىلىنىشى لازىم ئىكەن. مېنىڭ خىتايچە تەرجىمەم بىر ئاڭسىز خروئىنكەش ياكى ئوغرىنىڭ تەرجىمىسىگە قارىغاندا مەھبۇسلارغا پايدىلىق بولسىمۇ، بەرىبىر بىر ئۇيغۇرنىڭ لىيۇداۋان قاماقخانىسىدا ئېغىر كۈن كۆرۈشىگە سەۋەبكار بولىدىغان بولغاچقا بۇ ئىشتىن ئىزچىل ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم. شۇ سەۋەب بىلەن ھەرقانچە خالىمىساممۇ بىر مۇنچە ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىگە شاھىت بولدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2014-يىلى مايدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا بولغان پارتىلاشنى رەسىملىك تارقاتقان نۇرمەمەتمۇ بار ئىدى.
نۇرمەمەت گۇمىدىن بولۇپ، ھەر قارىسام ئۇنى مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغراغا ئوخشىتاتتىم. مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ يېڭىساردا شېھىت بولغان بىر ئىنىسىنىڭ ئىسمىمۇ نۇرمەمەت ئىدى. ئۇيغۇر گۇندىپاي ئۇنى قامىغان كۈنى مېنى كۆرسىتىپ، «بۇ كىم تونۇمسەن؟» دەپ سوراپ «تونۇيمەن» دېگەن جاۋابنى ئالدى-دە، ماڭا قاراپ، «قارا سەن ئۆزۈڭنى سىياسىي ئەمەس دەيسەن، لېكىن بۇ يەرگە كىرگەن سىياسىيلاردىن سېنى تونۇيدىغانلار چىقىپ سىرىڭنى پاش قىلىپلا تۇرىدۇ،» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
نۇرمەمەت كامىرىدا مەن بۇرۇن يازغان مەزمۇنلار ھەققىدە سورايتتى، نېمە قىلسام شۇنى دوراشقا تىرىشاتتى. يېڭى مەھبۇسلار كامىرىغا كىرگەندىن باشلاپ ئىككى تەرەپتىكى كامېرادىن نازارەت قىلىناتتى. مەن جايىمدا تۇرۇپ سەكرەپ، توختىماي مېڭىپ، قورساق قاتلاپ ھەرىكەت قىلسام گەپ قىلمىغان بىلەن نۇرمەمەت مېنى دورىغان ھامان ئاگاھلاندۇرۇش ئالاتتى. ئۇنىڭدىن بىر كۈنى «تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچىدىن قايسىنى ئۆگىتىپ قوياي؟» دەپ سىناپ باقتىم. ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەي خىتايچىنى تاللىدى. نۇرمەمەت ئەزەلدىن مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىلەن كىتاب ئوقۇشنى ئادەت قىلغان بالا ئىدى. ئۇ تەتۈر مىجەز، نادانلاردىن ئەمەس ئىدى.
- نۇرمەمەت، نېمىشقا ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلاشتا ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ ياشانغانلارنىڭ رەسىملىرىنى تارقاتتىڭ؟ - دەپ سورىدىم بىركۈنى.
- كاپىرنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى، مۇجاھىتلار بىر ئىش قىلدى، دەپ خوش بولغان، - دېدى ئۇ. بۇنى ئاڭلاپ پەقەت ئىچىمگە سىغدۇرالماي قالدىم.
- سەنغۇ بىر قېتىم خوش بولۇش ئۈچۈن شۇ ئىشنى قىلىپسەن، ئۇنداق بولسا، ماۋۇ پۇتىمىزدىكى زەنجىرنى، ئىچىدىن سۈۋەرەك چىقىدىغان كۆكتات شورپىسىنى، ھەر بىرىمىزگە كۇسىرىنى يۇيدۇرىدىغان خىتاي مەھبۇسلارنى كىم رەسىمگە تارتىپ تارقىتىدۇ؟ مېنىڭ دادىسىز قىزلىرىمنىڭ يىغىسىدىن، سېنىڭ ھامىلىدار ئايالىڭنىڭ نالىسىدىن كىملەر، نەچچە قېتىم خوش بولىدۇ، بىلەمسەن؟ ماۋۇ قاماقخانىغا قارا، تۇڭگان بارمۇ، قازاق بارمۇ، قىرغىز بارمۇ؟ ئۇلار مۇسۇلمانغۇ؟ ھىجرەت، جىھاد بىزگىلا پەرز، ئۇلارغا پەرز ئەمەسمۇ؟
- شۇلارنى دەۋېتىپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلالمىغان ئىدىم.
كامىردا ۋاڭ فامىلىلىك بىر قاتىل بار ئىدى. ئۇ ئادەتتە ھېچ كىمگە گەپ قىلماي خىتايچە دامكا ئويناش بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى. نۇرمەمەتكە خىتايچە خەتنى ئۆزۈم ئۆگىتىپ سۆزلەشتە تەلەپپۇزىنى توغرا چىقارسۇن دەپ خېلى مەلۇماتلىق بىر خىتايغا تونۇشتۇرۇپ قويسام، شۇ قاتىلنى ئۇستاز تۇتۇۋاپتۇ. كۆڭلۈمدە نارازى بولساممۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى باردۇر، دەپ گەپ قىلمىدىم، لېكىن ئۇ ۋەھشىي قاتىلنىڭ قىلغانلىرى ئېسىمگە كەلسىلا نەپرىتىم قوزغىلىپ قارىغۇممۇ كەلمەيتتى.
بىر كۈنى كامىرىدا جېدەل چىقتى. سەۋەب نۇرمەمەت تازىلىق باشلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا پەرۋا قىلمىغانمىش. مەن نۇرمەمەتنىڭ خىتايچە بىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بولغۇچە قاماقتىكى كۇنۇپكا بېسىلىپ گۇندىپايغا ئەرز قىلىندى. گۇندىپاي كېلىپ نۇرمەمەتنى جازالاشقا - پۇتىدىكى كىشەنگە قولىنى ئىشكەللەپ چېتىپ قويۇشقا تەمشەلدى. شۇ ھامان ھېلىقى قاتىل خىتاي نۇرمەمەتنى ئاقلاپ سۆزلەپ كەتتى. قىرىق كۈن بوپتۇ، بۇ كامىردا پەقەت نۇرمەمەتلا ئۇنىڭغا ھەر سەھەر سالام قىلىدىكەن، كۈلۈمسىرەپ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن، كۆڭۈل بۆلىدىكەن. نۇرمەمەت ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋاڭغا يوتقان قاتلىشىپ بېرىدىكەن، (چۈنكى يوتقانلار ئۈچ مىنۇت ئىچىدە سەرەڭگە قېپىدەك قىرلىق، ئەپلىك ۋە چاپسان قاتلىنىشى كېرەك ئىدى)، ئۇنىڭدىن دامكا ئۆگىنىدىكەن، خىتايچە مەشىق قىلىدىكەن، پاراڭلىشىدىكەن. گۇندىپاي بۇلارنى ئاڭلاپ ۋاڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ۋاڭنىڭ تەرىپلىرى گۇندىپايغا توغرا تۇيۇلدىمۇ، يا ئۇ بۇ قاتىلنىڭ نۇرمەمەتكە مەشغۇل بولۇپ چاتاق چىقارمىغىنىدىن خوش بولدىمۇ، جازا بەرمەي چىقىپ كەتتى.
ھازىرغىچە كامىرىدا ماڭا ئەڭ سەت كۆرۈنىدىغان ۋاڭ پىڭنىڭ «بىر ئادەمنىڭ خىتايچە بىلمەي، بۇيرۇق چۈشەنمەسلىكى گۇناھ بولسا، جازاسىنى مەن ئۆتەي» دېگىنى ۋە كامىرىدا مەن ئەڭ ئامراق نۇرمەمەتنىڭ «ئاكا ئۇنى ئىككى ئايدىن كېيىن ئاتىدىكەن، دوزاخقا كىرمىسۇن، ياخشىلىقىمدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولسۇن دېدىم،» دېگەنلىرى قۇلاق تۈۋىمدە. شۇ ئىش بولۇپ ھەپتىدىن كېيىن نۇرمەمەتنى باشقا كامىرىغا يۆتكىۋەتتى. ئۇ ۋاڭ پىڭنى مۇسۇلمان قىلدىمۇ-يوق، بىلمەيمەن، ئەمما ئۇ مۇھەببەت ۋە سەۋر بىلەن بىر قاتىلنى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ پارچىلىۋەتكەن قانخورنى ئادالەت ئۈچۈن دەست تۇرۇشقا قايىل قىلغان ئىدى.