«يەنە كەلگىن ئەردوغان» ۋە باشقا ئەسەرلەر

بۈگۈنكى «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە قىلغان زىيارىتى ھەققىدىكى بىر پارچە ئاۋازلىق ئەسەرنى تەقدىم قىلىمىز. ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن.

0:00 / 0:00

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى ئۈرۈمچىدە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. دۇنيا مەتبۇئاتىدا بۇ زىيارەت ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك خەۋەر بېرىلىپلا قالماي، ھەرخىل مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى، ماقالە - ئوبزورلار يېزىلدى. بىز بۇ خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا رادىئومىزدا ئېلان قىلىپ تۇرغانىدۇق. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ زىيارەتنىڭ ئەكس سادالىرى ھېلىغىچە دۇنيا مەتبۇئاتىنى مەشغۇل قىلىپ تۇرماقتا. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى جەريانىدا تىلغا ئېلىنمىغان بەزى مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان «يەنە كەلگىن ئەردوغان» ناملىق ماقالىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. ماقالىنى تۈركىيىدىن ھىلال قەلەمگە ئالغان بولۇپ، پروگراممىنى باتۇر تەييارلىدى.