ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول: قاچقۇندىكى ھايات (4)

ئالماسبەگ تىبەتنىڭ نېپال بىلەن چېگرىلىنىدىغان لىنىيىسىدىكى تەبىئىي ئېغىز - جاممۇ بازىرىدا ھىندىستانلىق بىر سودىگەر بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇ كىشى ئالماسبەگكە «ئەگەر 20 مىڭ سوم خىتاي پۇلى بەرسە، چېگرادىن يوشۇرۇنچە يول باشلاپ، نېپال تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى» ئېيتىدۇ.

0:00 / 0:00


ئامالسىز قالغان ئالماسبەگ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەسلىھەتلىشىپ، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئالدى بىلەن ئالماسبەگنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىنى قارار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئالماسبەگ ھىندىستانلىق سودىگەرگە ئەگىشىپ، جاممۇ ئېغىزىدىكى خىتاي چېگرا ساقلاش قىسىملىرى جايلاشقان ئۈچ چوڭ توسۇقتىن، خەتەرلىك تاغ يوللىرى ئارقىلىق ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. بىر كەچە - كۈندۈزلۈك جاپالىق سەپەر ئارقىلىق ئاخىرى خىتاي بىلەن نېپال ئارىلىقىدىكى ئارىلىق رايونغا، 4 - توسۇق جايلاشقان جايغا كېلىدۇ. بۇ يەردىن ھىندىستانلىق سودىگەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن نېپالچە ياسىنىپ چېگرانىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولغان چوڭ كۆۋرۈكتىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكەندىن كېيىن چېگرادا سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نېپاللىقلارنىڭ پۇكۇخارى شەھىرىگە قايتىدىغان ئاپتوبۇسىغا چىقىدۇ. گاس - گاچا ھالىتىگە كىرىۋېلىپ نېپال ساقچىلىرىنىڭ ئاپتوبۇستىكى تەكشۈرۈشىدىنمۇ ئۆتىۋالىدۇ. ئەمما خەۋپ - خەتەر تېخى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشمايدۇ.

2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تىبەتتىكى جاممۇ ئېغىزىدىن نېپال تەۋەسىگە ئۆتكەن ئالماسبەگ باشقا بىر تۇپراققا قەدەم قويىدۇ. ھىمالايا تاغلىرىنىڭ تەبىئىي پاسىلى ئارقىلىق تىل، مەدەنىيەت، ئىرق جەھەتلەردىن ئىككى سىستېمىغا ئايرىلغان بۇ ماكاندا ئۇ ئۆزىنى يات بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئالا - بۇلىماچ رەڭدە بويىلىپ كونىلىقىدىن ئەبجىقى چىقاي دەپ قالغان ئاپتوبۇس دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدىن نېپال تەرەپكە قاراپ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ. يېنىدىكى بارلىق ھۆججەتلىرى، شۇ جۈملىدىن ھەتتا ساختا كىملىكى ۋە تېلېفون نومۇر دەپتەرلىرىدىن تارتىپ تاشلىۋەتكەن ئالماسبەگ بۇ يات تۇپراقتا ھېچقانداق كىملىكى بولمىغان بىر ئىنسانغا ئايلىنىدۇ.

نېپالنىڭ پۇكۇخارى شەھىرىگە كەلگۈچە ئۇلار يەنە بىرقانچە قېتىملار نېپال ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتىدۇ. بۇ توسۇقلاردىن ھىندىستانلىق سودىگەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. يېرىم كېچىدە پۇكۇخارى شەھىرىنىڭ چېتىدىكى بىر كىچىك ئۆتەڭدە ھىندىستانلىق سودىگەرنىڭ تونۇشىنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئۇ يەردە كېچىنى ئۆتكۈزۈپ، تاڭ سەھەردە يەنە ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ نېپال پايتەختى كاتماندۇغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىۋالىدۇ.

كاتماندۇغا كەلگەندىن كېيىن ئالماسبەگ بىرئاز خاتىرجەم بولىدۇ. بۇ يەردە تۇنجى قېتىم نېپاللىقلاردىن باشقا تۈرلۈك ئىرقلاردىكى ئىنسانلارنى كۆرىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئەركىن كىرىپ - چىقىپ يۈرگەنلىكىنى، ھاياتنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى رىتىمىغا ئوخشاشلا بۇ يەردىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھىندىستانلىق سودىگەر ئالماسبەگنى ئۆزىنىڭ كاتماندۇدىكى بىر ھۈنەرۋەن تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە جايلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھىندىستانلىق ھۈنەرۋەن ئىشچىلار تۇرىدىغان بۇ ئۆيدە ئالماسبەگمۇ ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنى باشلايدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

كاتماندۇدىكى مۇساپىرچىلىق ھايات شۇنداق قىلىپ باشلىنىدۇ. ئۇ ئەمدى قانداق قىلىشى كېرەك؟ پاسپورت، كىملىك ۋە باشقا ھېچقانداق قانۇنى ھۆججەتلىرى بولمىغان، نېپال تىلىنى بىلمىگەن، ھىندىستانلىق سودىگەردىن باشقا بىرمۇ تونۇشى بولمىغان شارائىتتا ئىشنى قەيەردىن باشلاش كېرەك؟ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ ئاقتۇرۇشلىرى ۋە تىنتىشلىرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە تۈمەن - مىڭ سوئاللار ئەگىپ يۈرمەكتە ئىدى.