ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول: قاچقۇندىكى ھايات (2)

ئۆز يۇرتىدا داۋاملىق ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان ئالماسبەگ باشقا يۇرتلارغا كېتىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن ھەممىلا جايدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تورى كەڭ يېيىلغاچقا ياقا يۇرتلاردىمۇ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈش قىيىنغا چۈشىدۇ.

0:00 / 0:00


ئالماسبەگنىڭ يېقىن مەسلەكداشلىرىدىن بىرقانچەيلەن ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، ياقا يۇرتلاردىمۇ قېچىپ يۈرۈش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان ئالماسبەگ 1999-يىلى سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ سوغۇق بىر كۈنى ئۆز يۇرتىغا يوشۇرۇنچە قايتىپ كېلىدۇ.

ئالماسبەگنىڭ يۇرتىغا قايتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ساقچى ئورۇنلىرى ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرىدۇ ھەمدە گۇمان قىلغان كىشىلەردىن بىرقانچىسىنى تۇتۇپ كېتىدۇ. مەلۇم بىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن چۈشكەن ئالماسبەگ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا بىر قوشنا ناھىيىگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. باشقىلارنىڭ كىملىككە ئىلتىماس قىلغان خېتىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ئالماسبەگ بۇ يەردىمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىز بېسىپ تىنتىشىغا دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئۆيدىن-ئۆيگە، مەھەللىدىن مەھەللىگە يۆتكىلىپ جان ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى ھەممە جايغا چاپلىنىدۇ، تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىلىدۇ. لېكىن ئەل-يۇرت ئىچىدىكى ۋىجدانى ۋە ئىمانى پاكىز كىشىلەر ئۇنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ يوشۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئۇزاققا سوزۇلغان قاچقۇنلۇق ھاياتى ئۇنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىتىدۇ. ئۇ كۆز ئالدىدا پەقەت ۋە پەقەت ئىككىلا يول قالغانلىقىنى، ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆلۈش ۋە ياكى ئامال قىلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ. ھەتتا قەبرىستانلىقلاردا تۈنەپ ئىككى خىل تاللاش ئارىسىدا تېڭىرقايدۇ.

ھايات قىممەتلىك، ئەمما ئەركىنلىك ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك. ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھايات ياشاشتۇر. ئۇ ئاخىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ يولىنى تېپىشقا بەل باغلايدۇ. ئوچۇق-ئاشكارا يۈرەلمىگەن قىيىن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ دوست ۋە قېرىنداشلىرى مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن يول ئىزدەيدۇ. ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئالماسبەگ يېڭى بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ. ئىلگىرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تىبەت يولى ئارقىلىق ھىمالايا تاغلىرىدىن يوشۇرۇن ئۆتۈپ نېپال ۋە ھىندىستانغا بارغان، كېيىن يەنە ۋەتەنگە قايتىپ تۈرمىدە يېتىپ چىققان بىر قېرىندىشى ئالماسبەگكە يول باشلاپ نېپال چېگراسىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولىدۇ. ئامما تىبەتكە بېرىش ئۈچۈن كىملىكنى قانداق قىلىشى كېرەك؟ قېرىنداشلىرىنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئاخىرى كىملىك مەسىلىسىمۇ ھەل بولىدۇ. يەنى ئالماسبەگكە چىراي-تۇرقى ئوخشاپ كېتىدىغان بىرىنىڭ كىملىكىنى 5000 يۈەنگە سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىبەت يولىغا مېڭىشنىڭ تەييارلىقى پىشىپ يېتىلىدۇ.

ئەمدىكى مەسىلە ئالماسبەگنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەرەپ-تەرەپكە سالغان تورىدىن قۇتۇلۇپ ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت بېرىۋېلىشىدا قالىدۇ. ئالماسبەگكە يول باشلاپ نېپال چېگراسىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولغان قېرىندىشى بالدۇر يولغا چىقىپ ئۈرۈمچىدە ئۇنى ساقلىماقچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1999-يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا ئالماسبەگ ئۈرۈمچىگە قاراپ يوشۇرۇنچە يولغا چىقماقچى بولىدۇ…

(داۋامى بار)