ئۇنىڭ ئىككى ھەمراھى ئىككى كۈن ئاۋۋال ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئالماسبەگ ھەققىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىۋېتىلگەچكە ئۇنىڭ ئاممىۋى قاتناش بىلەن مېڭىشىغا مۇمكىنچىلىك بولمايدۇ. باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ تېرە باسقان يۈك ماشىنىسىنىڭ كوزۇپى ئىچىگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرى شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. ئۈرۈمچىگە بارغۇچە بىرقانچە توسۇقلاردىكى تەكشۈرۈشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ ماڭغان ئۇيغۇر شوپۇر ئۆز ۋەدىسى بويىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ. ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدىن يولغا چىققان ئىككى قېرىندىشى بىلەن ئۇچرىشىپ ئىچكىرىگە ماڭغان پويىزغا ئولتۇرىدۇ. پويىزدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىدۇ. باشقىلاردىن سېتىۋالغان كىملىكتىكى رەسىم ئۇنىڭغا ئوخشاپ كەتكەچكە تەكشۈرۈشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار لەنجۇدا پويىزدىن چۈشۈپ قالىدۇ.
يول باشلاپ ماڭغان قېرىندىشىنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ئۇلار لەنجۇدىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. شىنىڭغا بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن تىبەت ئېگىزلىكىگە يېقىن گولمود شەھىرىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ. گولمودتا تىبەت پايتەختى لخاساغا ماڭىدىغان ئاپتوبۇسنى ساقلاپ بىر كۈن تۇرىدۇ. ئاندىن 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى لخاساغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بىر كېچە - كۈندۈزلۈك يولدىن كېيىن چىڭخەي بىلەن تىبەت ئارىلىقىغا جايلاشقان تاڭگۇلا تېغىغا يېتىپ كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىز بولغان بۇ تاغلىق يولدا ئالماسبەگ بىلەن بىللە ماڭغان ھەمراھلىرىدىن بىرى شالاڭ ھاۋادا ئوكسېگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن «ئىس تۇتۇۋېلىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئەس - ھوشىنى يوقاتقان قېرىندىشىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى نامەلۇم بولغان بۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۇلار تىبەت يولىدىكى بىرقانچە قېتىملىق قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ ئاخىرى لخاساغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ جەرياندا تىبەت ساقچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پەرقلىق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ. تىبەت بۇددىزىمىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى ھېسابلانغان سىرلىق تۈستىكى لخاسا ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان قۇرۇق ئۈزۈم سودىسى قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇچرىتىدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار لخاسادىن ئايرىلىپ تىبەتنىڭ نېپال چېگراسىغا يېقىن بولغان رىگازې (شىگاتسې) ۋىلايىتىگە كېلىدۇ. بۇ يەردە تۇرۇپ چېگرادىن قانداق قىلىپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. تەلىيىگە يارىشا ئىلگىرى ئۇيغۇر قاچقۇنلارغا ياردەم قىلغان بىر تىبەتلىك ساقچى ئۇلارغا يەنە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، تىبەت بىلەن نېپال چېگراسىغا جايلاشقان جاممۇ بازىرىغا بارىدىغان يول خېتى تەييارلاپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ يول خېتىنى ئېلىپ، يۈك ماشىنىلىرىغا چۈشۈپ «ئۈزۈم ساتىمىز» دېگەن باھانە بىلەن چېگرا ئېغىزى جاممۇ بازىرىغا يېتىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئېغىزدىكى چېگرا توسۇقلىرى ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، پاسپورتسىز ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاسمان - پەلەك تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى تار جىلغىغا جايلاشقان جاممۇ بازىرىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئۈچ چوڭ چېگرا توسۇقى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇ توسۇقنىڭ ئىچىگە كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلار كۈندە قۇرۇق ئۈزۈم سېتىشنى باھانە قىلىپ ئەتراپنى كۆزىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى پۇللىرى ئاز قالغاچقا، ئالماسبەگنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ ئىككى ھەمراھى ۋاقتىنچە تىبەتتە قالىدىغان، ئالماسبەگ ئالدى بىلەن چېگرادىن ئۆتىدىغان بولۇپ كېلىشىدۇ. جاممۇ بازىرىدىكى خىتاي ساقچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار نېپال تەرەپتىن جاممۇ بازىرىغا كىرىپ سودا قىلىدىغان ھىندىستانلىق بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئالماسبەگ ئۇ كىشىدىن ياردەم سورايدۇ، ئۇ كىشى دەسلەپ رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە 20 مىڭ سوم خىتاي پۇلىغا ئۇنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ قويماقچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئالماسبەگ دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە سوزۇلغان ھىمالايا تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قارشى تەرەپتىكى يات ئەلگە بارىدىغان مۇشەققەتلىك سەپەرگە ھازىرلىنىدۇ…
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00