ئۇ ھىندىستانلىق سودىگەرنىڭ رېمونتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ھېچقانداق تونۇشى بولمىغان، قولىدا يېتەرلىك پۇلىمۇ قالمىغان، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشى نامەلۇم بولغان ئەھۋالدا مەۋھۇم كېلەچەكنى كۈتۈپ بىر توپ ناتونۇش ھىندىستانلىق ئىشچىلار ئارىسىدا مۇساپىرچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.
ئالماسبەگ ۋەتەندىكى چېغىدا ب د ت نىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە سىياسىي مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىدىغان ئىشخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن نېپالدىن ئىبارەت بۇ يات ئەلدە تىل قىيىنچىلىقى تۈپەيلى قانداق قىلىپ بۇ ئىشخانىنى ئىزدەپ تېپىشنى بىلەلمەيدۇ. ھىندىستانلىق سودىگەردىن بۇ توغرىلىق ياردەم بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئامالسىز قالغان ئالماسبەگ قانداق قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ. ھىندىستانلىق سودىگەر ئاخىرى ئۇنى باشلاپ نېپالدىن ھىندىستانغا ئۆتۈپ، بىھار شتاتى تەۋەسىدىكى ئۆز يېزىسىغا ئېلىپ بارىدۇ.
قاچقۇندىكى ھايات ئۇنى يەنە بىر يات ئەلگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بىھار شتاتىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندى دىنىدىكىلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان بىر يېزىسىدا 28 كۈننى ئۆتكۈزىدۇ. ھىندىستانلىق سودىگەرنىڭ ئائىلىسىدە تۇرۇپ، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېزا ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھىندىستان خەلقىنىڭ ھاياتتا ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
ئارىدىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ھىندىستانلىق سودىگەر ئۇنى باشلاپ يەنە نېپالغا قايتىپ كېلىدۇ. ئالماسبەگ ھىندىستانلىق سودىگەرنىڭ كاتماندۇدىكى تۇغقىنىڭ رېمونتخانىسىدا يەنە مۇساپىرلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر كۈنى ھىندىستانلىق سودىگەر ئۇنى كاتماندۇنىڭ تامىل رايونىدىكى بىر مەسچىتكە باشلاپ بېرىپ ئىمامغا تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ. ئىمام ئۇنىڭغا بىرقانچە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بۇ يەردە ياشايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپتىن ئىلھاملانغان ئالماسبەگ بىرقانچە كۈندىن كېيىن يەنە ھېلىقى مەسچىتكە بارىدۇ ھەمدە مەسچىت ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئەپسۇس ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان بۇ ئىككى ناتونۇش ياش ئالماسبەگدىن خەۋپسىرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن تېنىۋالىدۇ. ئامالسىز قالغان ئالماسبەگ روھىي چۈشكۈن ھالدە يەنە رېمونتخانىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ئا XX ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى ھېلىقى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنى باشلاپ ئالماسبەگنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئالماسبەگ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كاتماندۇدىكى ئىشخانىسىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنى تاپشۇرىدۇ. شۇندىن كېيىن سىياسىي مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالماسبەگ كاتماندۇدىكى يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ. لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ھەمدە كەلگۈسى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش ئىستىكى ئۇنى ھەرۋاقت ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئاخىرى نۇرغۇن ئاماللار بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ھەمدە ياردەم سورايدۇ. نېپالغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئۇلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00