ئالماسبەگ بۇ خەتتىن شىرئەلى باشلىق بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ تىبەتتىن نېپالغا قېچىپ ئۆتۈش سەپىرىدە نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىدە قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ئۇ دەرھال گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى خەۋەر قىلىدۇ. دولقۇن ئەيسا بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ نېپال تۈرمىسىدىكى قېرىنداشلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. مەمتىمىن ھاجى ئىسىملىك بىرى دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى نامىدىن بۇ ئىش ئۈچۈن كاتماندۇغا كېلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرىشىدۇ. مەمتىمىن ھاجى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن يىغىپ كەلگەن پۇلنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ قايتىپ كېتىدۇ. ئالماسبەگ ۋە باشقا تۈرمە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ساقچى باشلىقىغا 250 مىڭ رۇپىيە پۇل بېرىش ئارقىلىق شىرئەلى باشلىق 5 ئۇيغۇرنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. لېكىن باشقا بىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.
شۇندىن كېيىن شىرئەلى باشلىق ئۇيغۇر ياشلىرى سىياسىي پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن كاتماندۇدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئالماسبەگ نېپال مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەبلىغ جامائىتىگە قوشۇلۇپ باشقا شەھەرگە كېتىدۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئالماسبەگ كاتماندۇغا قايتىپ كەلگەن كۈنى يېڭىلا نېپالغا قېچىپ چىققان 3 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىدىن نېپال ساقچىلىرىنىڭ شىرئەلى باشلىق بالىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ مەرھۇم ئارسلان ئالپتېكىننى مەخسۇس بۇ ئىش ئۈچۈن نېپالغا ئەۋەتىدۇ. ئامما ئارسلان ئالىپتېكىن كاتماندۇدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق سۆزلىشىۋاتقان كۈنلەردە نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ شىرئەلى باشلىق بىرقانچە ئۇيغۇر ياشنى خىتايغا يوشۇرۇنچە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن نېپالغا قېچىپ چىقىپ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كاتماندۇدۇكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ھەمدە سىياسىي پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. قولىدا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلانغۇچى گۇۋاھنامىسى بېرىلگەن شىرئەلى باشلىق بىرقانچە ئۇيغۇر ياشنىڭ نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يوشۇرۇن ھالدا خىتايغا قايتۇرىلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەم پۇلى ئارقىلىق نېپال ساقچىلىرىغا پارا بېرىپ تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىلغان ئوسمانجانمۇ ھىندىستانغا مېڭىش ئالدىدا يەنە تۇتقۇن قىلىنىدۇ ھەمدە بىر كېچىدىلا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ كاتماندۇدىكى خادىملىرى ئالماسبەگ قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا دەرھال جېنىنى ئېلىپ قېچىش لازىملىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان ئالماسبەگ قاتارلىق 3 ئۇيغۇر نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ. ئۇلار ئەمدى قايسى ئەلگە بېرىپ كىملەردىن پاناھلىق سورىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز، سۆھبىتىمىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك سانىغا دىققەت بەرگەيسىز.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00