ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول: قاچقۇندىكى ھايات - 8

دېھلىدىكى «جەنۇبىي ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى» نىڭ ياردىمى بىلەن ئالماسبەگ باشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق ھىندىستاندىكى چوڭ - كىچىك گېزىتلەر خەۋەر ئېلان قىلىدۇ. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ھىندىستاندىكى شۆبە ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالى مەتبۇئات يۈزىگە چىققاندىن كېيىن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.

0:00 / 0:00


ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ئۆمەر قاناتمۇ بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس ھىندىستانغا كېلىدۇ. دېھلىدا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىدۇ. شۇ ئارىلىقتا ئالماسبەگ ئۆمەر قاناتقا ھەمراھ بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ دارامسالادا تۇرۇشلۇق باش قارارگاھىغا زىيارەتكە بارىدۇ.

دارامسالا يېڭى دېھلىدىن تەخمىنەن 200 كىلومېتىر شىمالدىكى ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىغا جايلاشقان كىچىك شەھەر بولۇپ، بۇ يەردە مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى جايلاشقان. ئالماسبەگ ئۆمەر قانات بىلەن بىرلىكتە دارامسالاغا كېلىپ، تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە مەدەنىيەت مىنىستەرلىكلىرى شۇنداقلا تىبەت ياشلار تەشكىلاتى بىلەن كۆرىشىدۇ. دارامسالادىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ۋە بۇ يەردە تىبەتلەر ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدۇ.

ئالماسبەگكە دارامسالادىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش سىستېمىسى ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھى قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىكى نۇرغۇن بوشلۇقلارنى ۋە ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئاجىز نۇقتىلارنى ھېس قىلىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدۇ. بولۇپمۇ دارامسالادىكى تىبەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىك خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي ئىش ئورنىدا تۇرۇپ ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھارماي - تالماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ياش ئەۋلادلىرىنى تىبەت مىللىي روھى بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن مىللىي مائارىپنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ يەنە تىبەتلەر ۋەتىنىدە ياشايدىغان ئەڭ ئادەتتىكى بىر چارۋىچى تىبەتلىكنىڭمۇ ئىككى ئوغلى بولسا بىرىنى ئامال قىلىپ يوشۇرۇن يوللار بىلەن دارامسالادىكى تىبەت مەكتەپلىرىگە ئەكېلىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ دارامسالادا تەربىيىلىنىپ كەلگۈسىدە ياكى چەتئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كېتىدىغانلىقى ياكى بولمىسا تىبەتكە قايتىپ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدىمۇ مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىدەك رېئاللىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئالماسبەگنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇرغان بىر نۇقتا شۇكى، دارامسالادىكى تىبەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەتتا خىتاي تىلى ئۆگىنىدىغان مەخسۇس سىنىپلارنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ تىبەتنىڭ كېلگۈسى تەقدىرى ئۈچۈن مۇھىم ئىستېراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بولىدۇ. ئۇ يەنە دارامسالادا تىبەت مىللىي تىباتىنى ئوقۇتۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلقىلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يەردىكى ھەر بىر تىبەتلىكنىڭ مەيلى تىجارەتچى بولسۇن ياكى ئىشچى - خىزمەتچى بولسۇن تىبەت ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك باج تاپشۇرۇشنى مىللىي بۇرچ دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.

دارامسالا سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالماسبەگ ۋە باشقا ئۇيغۇرلار يەنە دېھلىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان كۈتۈش ھاياتىنى داۋاملاھتۇرىدۇ. غەم - قايغۇ، غۇۋا ھالەتتىكى كېلەچەككە بولغان ئۈمىدسىزلىك ۋە قورقۇنۇچ تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا خۇددى سايىدەكلا ياندىشىپ تۇرىدۇ. ھىندىستان مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ ھەرۋاقىت ئىزدەپ ۋە كۆزىتىپ تۇرۇشى، تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئىزىغا چۈشىشى ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر تەشۋىشكە سالىدۇ. شىرئەلى باشلىق قېرىنداشلىرىنى نېپال ھۆكۈمىتى يوشۇرۇنچە خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگىنىدەك، ھىندىستان تەرەپنىڭمۇ ئۇلارنى ئويلىمىغان يەردىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ.

دەل شۇ كۈنلەردە، باشقىلارنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۈپ خوڭكوڭغا ئارقىلىق دۇبەيگە كېلىۋالغان بىر ئۇيغۇر ياش ئۇ يەردىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتەلمەي ئامالسىز ھىندىستانغا كېلىدۇ. ئالماسبەگ باشلىق ئۇيغۇرلار ئۇنى كۈتۈۋېلىپ دېھلىدىكى ب د ت ئىشخانىسىغا سىياسىي پاناھلىق ئېلتىماسى سۇنۇشقا ياردەمدە بولىدۇ. لېكىن بۇ ياشنىڭ پاناھلىق ئېلتىماسىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ ھىندىستاندا تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۆز ئىشىدىن ئۈمىدسىزلىككە چۈشىدۇ ھەمدە ۋاقىتلىق ھىندىستان ۋىزىسىنى ئېلىپ باشقىچە يول تېپىش خىيالىغا كېلىدۇ. ئەپسۇسكى، ھىندىستان دائىرىلىرى ئۇنىڭ قولىدىكى پاسپورتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكى، بەلكى چىراي - شەكلى ئۆزىگە ئوخشايدىغان باشقا بىرىنىڭ پاسپورتى ئىكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ ئۇنى تۇتۇپ قالىدۇ. ئالماسبەگ قاتارلىقلار بۇنىڭدىن سەراسىمگە چۈچۈپ تەرەپ - تەرەپكە چاپىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ. نۇرغۇن يوللارنى مېڭىپ، ئاخىرى بۇ ئۇيغۇرنىڭ دېھلىدىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھىندىستانغا قانونسىز كىرگەنلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار دېھلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئەھۋالنى مەتبۇئاتقا چىقىرىپ جامائەت پىكرى ھازىرلايدۇ. ب د ت ئىشخانىسىمۇ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بۇ ئۇيغۇر ياش 2 - 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شىۋېتسىيەنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھىندىستاندىن ساق - سالامەت ھالدا ياۋروپادىكى دېموكراتىك بىر ئەلگە كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئالماسبەگمۇ، دېھلىدىكى باشقا ئۇيغۇرلارمۇ خوش بولىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئالماسبەگ باشلىق بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ ئىشى يەنىلا ھەل بولمايدۇ. ئۇلار چېكى يوق كېلەچەكنى كۈتۈپ، ھىندىستاندىكى مۇاسپىرچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئالماسبەگ بىكار ياتماستىن ئىنگلىزچە ۋە ئۇردۇچە ئۆگىنىدۇ. بوش ۋاقىتلىرىدا تۈركىيىدىن ۋە باشقا ئەللەردىن ھىندىستانغا مال ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە تەرجىمانلىق قىلىپ شەھەرمۇ - شەھەر ئايلىنىدۇ. شۇ جەرياندا ھىندىستان جەمئىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىندىستاندىكى ئوخشاش بولمىغان تەبىقىلەرگە مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. تۆۋەن تەبىقىدىكى بىرقانچە يۈز مىليون ئاھالىنىڭ يەرسىز ۋە ئۆي - ماكانسىز كوچىلاردا چېدىر تىكىپ ياشايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى خەير - ئېھسان ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز كۈنىنى ئالالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھىندىستان جەمئىيىتىدە تۈرلۈك تەبىقىلەردىكى ئىنسانلار تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەھۋالدا ياشىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىياسىي بېسىمدىن خالىي، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىندىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۇنى ئويلاندۇرىدۇ ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىدا روشەن پەرقنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئۇندىن باشقا، ئالماسبەگ ھىندىستاندىكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇساپىرلىق ھاياتى داۋامىدا، ھىندىستان خەلقىنىڭ گەرچە تۈرلۈك تىللاردا سۆزلىشىپ، ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلسىمۇ، لېكىن كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ غايەت زور نوپۇسقا ئىگە مۇرەككەپ جەمئىيەتتە باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر خىل گارمونىك ئىناقلىق ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئوخشاش ئىرقىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇ ئىنسانلار توپىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى بىر - بىرىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، يەنى ھىندى دىنىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئىبادەتخانىلىرىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلەردە، خرىستىيانلارنىڭ چېركاۋلاردا، سىك دىنىدىكىلەرنىڭ ئۆز دىنىي سارايلىرىدا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. ھىندىستاندىكى 350 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدىغانلىقىنى، مەسچىتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن ھەدىسلىرى ئېسىقلىق تۇرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئالماسبەگ يەنە ھىندىستاندىكى ئاخىرقى يىللاردا ھىندىستان ئىچكى ئىشلار ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستەرلىكىدىكى بىر قىسىم خادىملارنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ ھىمالايا تاغلىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئەھۋاللىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى، ھەتتا خىتاي چېگراسىدىن قېچىپ چىقالىغان ئۇيغۇرلارغا باشپاناھ بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.