ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول: قاچقۇندىكى ھايات – 9

0:00 / 0:00

ھىندىستاندىكى ئۇزاققا سوزۇلغان مۇساپىرلىق ھايات ئالماسبەگ باشلىق بىرقانچە ئۇيغۇرنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھارغۇزىدۇ. 2005 - يىلى تومۇز ياز ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار «جەنۇبىي ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى» نىڭ ياردىمى بىلەن ھەر جەھەتتىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ دېھلىدىكى ئىشخانىسىغا بېسىم قىلىدۇ.

سىياسىي پاناھلىق ئېلتىجاسى تاپشۇرغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇشەققەتلىك ھاياتى گېزىت - ژۇرناللاردا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ب د ت ئىشخانىسىدىكى خادىملار ئاندىن ئۇلارنىڭ دېلوسىغا جىددىي قاراشقا باشلايدۇ. ھىندىستان ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكلىرىمۇ ئالماسبەگ باشلىق مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا قويغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە كېتىشىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

2005 - يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا، يەنى ئالماسبەگ باشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندىستاندىكى مۇساپىرلىق ھاياتى 3 يىلدىن ئاشقان كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا يەتكۈزۈلگەن بىر خوش ئۇلارنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدۇ. ھىندىستاندىكى شۋېتسىيە ئەلچىخانىسى دېھلىدىكى ب د ت ئىشخانىسى ئارقىلىق ئۇلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مۇساپىرچىلىق ھاياتىدا يېڭى بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ. كۈتۈش، تەقەززالىق، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە دىلىغۇللۇق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ سەپەر تەييارلىقلىرى، جۈملىدىن شۋېتسىيە ئەلچىخانىسىدىن بېرىلگەن سەپەر پاسپورتى، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ چېگرادىن چىقىش رۇخسەتنامىسى ھەمدە باشقا قانونىي ھۆججەتلەر تەييار بولىدۇ. 2005 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى ئالماسبەگ باشلىق بىرقانچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى 3 يىللىق مۇشەققەتلىك مۇساپىرلىق ھاياتى قېلىپ قالغان بۇ قەدىمىي تۇپراق بىلەن خوشلىشىپ ياۋروپاغا سەپەر قىلىدۇ.

ئالماسبەگنىڭ ھىندىستاندىن چىقىشى ئۈچۈن شۋېتسىيە ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن ۋاقىتلىق سەپەر پاسپورتى
ئالماسبەگنىڭ ھىندىستاندىن چىقىشى ئۈچۈن شۋېتسىيە ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن ۋاقىتلىق سەپەر پاسپورتى


ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان نويابىردىكى شۋېتسىيە ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. دېھلىدىن ئۇچقان ئايروپىلان ئۇزاق سەپەردىن كېيىن ستوكھولمدىكى ئارلاندا ھاۋادان (ئايرودروم) ئىغا يېنىككىنە قوغاندا، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر تۇيغۇ چۇلغىۋالىدۇ. مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز مۇشەققەتلىك يىللار ئۆتمۈشكە ئايلاندى. ئەمما ۋەتەنگە، ئانا يۇرتقا بولغان سۆيگۈ گويا يېلىنجاپ تۇرغان چوغدەك ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا چىگىلدى. شىمالدىكى بۇ ناتونۇش ئەلدە ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. كېلەچەك ئۇلارغا ئەمدى قانداق قۇچاق ئاچاركىن!؟...

گويا سىزما رەسىمگە ئوخشايدىغان ساندىۋىكېن بازىرىدا ئالماسبەگ شىۋېتسىيەدىكى تۇنجى كېچىنى چۈش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. ئۇ تاڭ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ يېڭى ئۆيىنىڭ دېرىزە ياپقۇچىنى ئېچىۋەتتى. ئاپئاق قار قاپلىغان ساندىۋىكېن بازىرى سەھەر سۈكىناتىغا غەرق بولغانىدى. سىرتتا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئۇ دېرىزىدىن سىرتقا قارىغىنىچە جىمجىتلىقنىڭ ئىچكى ئېقىمىغا زەن سالدى. قەلبىدە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ تەسىراتلىرى جۇش ئۇرۇپ، تەگسىز خىياللىرى يىراققا ئۇچماقتا ئىدى…

ئەنە، تارىم دەرياسىنىڭ بويىدىكى قەدىمىي مەھەللە، مۇڭلىنىپ ياتقان سۈررەڭ قۇملۇق، يوپۇرماقلىرى قاندەك قىزارغان يۇلغۇن ۋە توغراقلار، توپىلىق يولدا توزان توزىتىپ كېتىپ بارغان ئېشەك ھارۋىسىدىكى چاڭگا ساقال بوۋاي، ئەمدىلا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان سەبىي بوۋاق، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئۈنسىز يىغلاپ قالغان ئايالى…

ئەنە، تەلەتى سۆرۈن قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلارنىڭ ئاختۇرۇپ - تىنتىشلىرى، ئۆي - مەھەللىلەرنى ئەگىپ يۈرگەن قورقۇنۇچ ۋە تۈگىمەس ۋەھىمە، ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان يۈك ماشىنىسى، پويىز چاقلىرىنىڭ رېلىسقا سۈركۈلىشىدىن پەيدا بولغان يېقىمسىز ئاۋاز، تاڭگۇلا تاغلىرى بىلەن تىبەت ئېگىزلىكىدىكى سەرسان كۈنلەر، تىبەت چېگراسىدىكى ئاخىرقى كېچە…

ئەنە، چۈشىنىكسىز تىلدا ۋىچىرلىشىپ كېتىپ بارغان قوڭۇر رەڭلىك نېپاللىقلار، جان بېقىشنىڭ كويىدا تېپىرلاپ يۈرگەن ھىندىستانلىق ئىشلەمچىلەر، سىرلىق ۋە سوغۇق كۆرۈنىدىغان كاتماندۇ كوچىلىرى، نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈمىدسىز كۆزلىرى، نېپالدىن قېچىش سەپىرىدىكى ۋەھىمىلىك كېچە…

ئەنە، دۈملەپ قويغان تونۇردەك قىزىپ كەتكەن دېھلى كوچىلىرى، كوچىلاردىكى مىغىلداپ تۇرغان تۈرلۈك دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەر، جەنۋەدىن كەلگەن خانىمنىڭ سىنچى كۆزلىرى، دارامسالادىكى تىبەتلىك ياشلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان مىللىي روھى، كۈتۈش ۋە نامەلۇم كېلەچەكنى ئىزدەپ ئۇپراۋاتقان ياشلىق…

ئالماسبەگ خىياللار قاينىمىدىن چۆچۈپ ئويغاندى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆتمۈش ئەمەس، بەلكى رېئال دۇنيا قاراپ تۇراتتى. بۇ يېڭى دۇنيادا قورقۇنۇچ، تەشۋىش، ھوقۇقسىزلىق ۋە قاچقۇنلۇق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا دېموكراتىك بىر ئەلنىڭ پاسپورتى، يەنى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم قانونىي رەۋىشتە ئېرىشكەن يول خېتى تۇراتتى. ھېچكىم ئەمدى ئۇنىڭ كىملىكىنى، قولىدا يول خېتىنىڭ بار - يوقلۇقىنى، مىللەت تەۋەلىكىنى ھەمدە قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيتتى…

ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى، كۆۋەجەپ تۇرغان خىياللارىنى جۇشقۇن بىر كەيپىيات بىلەن ئىرغىپ تاشلاپ، كىيىملىرىنى كىيدە - دە، ئىشىكنى ئاچتى. يۈزلىرىگە سەھەرنىڭ سوغۇق ھەم ساپ ھاۋاسى ئۇرۇلدى. ئالدىدا يېڭى ئەلدىكى كەلگۈسىگە سوزۇلغان يولنىڭ بىر ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يول - ئەركىنلىككە تۇتاشقان يول ئىدى!...