1997 - يىلى فېۋرالدا غۇلجا ياشلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشى قانلىق باستۇرۇلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياش ئەۋلادلارنىڭ مۇستەبىت رېجىمغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئەۋج ئالىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش تورى قۇرۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئورتا ئاسىيا، ئافغانىستان، پاكىستان ھەمدە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.
ئالماسبەگ ئەنە ئاشۇ داۋالغۇپ تۇرغان 1990 - يىللاردا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان يىگىتلەرنىڭ بىرى ئىدى. تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلغان ئالماسبەگ تولۇق ئورتا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. ئامما بۇ ئارزۇسى شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ تارماق مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا نۇرغۇن جايلارنى ئارىلايدۇ. خەلقنىڭ دەرد - ئەلىمىنى چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشىنىدۇ. ياشلىق غۇرۇرى ۋە مىللىي ۋىجدانى ئۇنى شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىر مەخپىي تەشكىلاتى ئىچىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تېۋىپچىلىق قىلىش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرى ئارىسىدا تىنىمسىز يۆتكىلىپ يۈرۈپ يوشۇرۇن ھالدا مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ۋەھالەنكى، كۈندىن - كۈنگە قىيىنلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئالماسبەگ قاتارىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىتىدۇ.
بۇ جەرياندا ئالماسبەگ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ قاماقتا ياتىدۇ ھەمدە ئېغىر شەرتلەر بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ. 1998 - يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىغا كەلگەندە ئۇ تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە چېتىلىپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتى باشلىنىدۇ. ئالماسبەگ تاكى بىر يىلغىچە يۇرتتىن - يۇرتقا، ئۆيدىن - ئۆيگە يۆتكىلىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھەممە جايغا تور قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كۆز - قۇلاق» لارنىڭ ئىز قوغلاپ تىنتىشلىرى جەريانىدا ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بىر يىلغا قەدەر سوزۇلغان ئۆز ۋەتىنىدىكى قاچقۇنلۇق ھايات ئاخىرى چېكىگە يېتىدۇ. 1999 - يىلىنىڭ سېنتەبىر ئايلىرىغا كەلگەندە ئالماسبەگنىڭ ۋەتەن ئىچىدە داۋاملىق يوشۇرۇنۇپ يۈرۈش مۇمكىنچىلىكى قالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھېچ بىر چارە قالمىغان شارائىتتا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00