«ئۇيغۇرلار فامىلەسىزلىكنىڭ دەردىنى قاچانغىچە تارتىدۇ؟» ناملىق ماقالە ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى جەھەتتە دۇچ كەلگەن بىر قاتار مەسىلىلىرىدىن جىددىي تەخىرسىزلىك ھېس قىلماقتا. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار «سىزنىڭ فامىلىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالغا دۇچ كەلگەندە تېڭىرقاش ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى فامىلە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەرنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ ياشىماقتا.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.10.06
uyghur-famile-kitap-305.png شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى» ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە نەشر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» ناملىق كىتاب (2002 - يىل 10 - ئاي)
RFA/Qutlan


ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە مەۋجۇتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىسىم - فامىلىلىرىمىز بۈگۈنكى كۈنگىچە قېلىپلاشمايدۇ؟ فامىلە قوللىنىش جەھەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدىمۇ - يوق؟

بۇ ھەقتىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قىزىقسىڭىز ۋە بىر قىسىم چەكلەنگەن ئەسەرلەردىن بەھر ئالماقچى بولسىڭىز پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىغا دىققەت بەرگەيسىز.

ئۇيغۇرلار فامىلەسىزلىكنىڭ دەردىنى قاچانغىچە تارتىدۇ؟

قۇتلان تەييارلىدى

بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى جەھەتتە دۇچ كەلگەن بىر قاتار مەسىلىلىرىدىن جىددىي تەخىرسىزلىك ھېس قىلماقتا. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار «سىزنىڭ فامىلىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالغا دۇچ كەلگەندە تېڭىرقاش ھېس قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى فامىلە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەرنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ ياشىماقتا.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى فامىلە مەۋجۇتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىسىم - فامىلىلىرىمىز بۈگۈنكى كۈنگىچە قېلىپلاشمايدۇ؟ فامىلە قوللىنىش جەھەتتە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدىمۇ - يوق؟

تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئىسىم - فامىلە مەدەنىيىتى ياراتقانلىقى ھەققىدە تارىخىي پاكىتلار مەۋجۇت. بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خاس ئىسىملىرىدىن باشقا يەنە ئۇرۇق - جەمەتىنىڭ، شۇغۇللانغان ھۈنەر - كەسپىنىڭ ياكى تۇغۇلغان يۇرت - مەھەللىنىسىنىڭ ناملىرىنى فامىلە سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. مىلادىيە 10 - ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقى مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلە ئادەتلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئورنىغا ئىسلامىي تۈستىكى ئەرەبچە ياكى پارسچە ئىسىملارنى قوللىنىدىغان بولغان. تەخمىنەن 14 - ئەسىرلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق - قەبىلە تۈزۈمى پەيدىن - پەي يىمىرىلىپ، ئۆز نەسەبىنى ئىپادىلەيدىغان جەمەت ياكى يۇرت چۈشەنچىسى ساقلىنىپ قالغان. نەتىجىدە شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇپ يازىدىغان ئادەت شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا شەخسلەرنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ئايرىۋېلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك لەقەم ئىشلىتىدىغان ئادەت مەيدانغا كەلگەن. بولۇپمۇ جەمەت لەقەملىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ غەيرىي رەسمىي «فامىلە» نىڭ رولىنى ئۆتەپ كەلگەن.

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۆز خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىشقا باشلىغان مىللەت سەرخىللىرى ئۇيغۇرلاردا قېلىپلاشقان فامىلە ئادىتىنىڭ بولۇشى ھەققىدىكى جىددىي تەخىرسىزلىكنى ھېس قىلىدۇ. گەرچە بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىلەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ مۇقىم فامىلە قوللانغان ھەمدە ئاۋام خەلققە فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالغان خىتاي مىلىتارىستلارنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بۇ چاقىرىق رېئاللىققا ئايلىنالمىدى. 1920 - يىللاردىن باشلاپ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ كوممۇنىزىملاشتۇرۇش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە ئوخشاشلا مەجبۇرىي ھالدا رۇسچە ئىسىم - فامىلە رامكىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ۋەتەن ئىچىدە بولسا ئاز بىر قىسىم زىيالىيلار فامىلە قوللانغاندىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى يەنىلا ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشتەك ئاددىي ئۇسۇلنى ساقلاپ قالدى.

1930 - ۋە 1940 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆرسەتكەن تەسىرنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى ھەمدە رۇسچە ئوقۇغان زىيالىيلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئىسىم - فامىلە ئۆزگىرىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، رۇسچە فامىلە قېلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «- ئوف، - يوف، - ئېۋا، - يېۋا» دېگەندەك رۇسچە فامىلە قوشۇمچىلىرى قوشۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر فامىلىلىرى بارلىققا كېلىدۇ ۋە بىر مەزگىل ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما بۇ رۇسلارنىڭ فامىلە ئادىتىدىن ئۆلۈك ھالدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، كەڭ خەلقنىڭ تاللىشىدىن ئۆتمىگەن ھادىسە بولغاچقا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالماي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئومۇملىشالمايدۇ. 1950 - يىللاردىن كېيىن باشلاپ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئىشلىتىدىغان بولدى ھەمدە ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى «فامىلە» سۈپىتىدە قوللاندى. نوپۇس كىنىشكىلىرىدىن تارتىپ كىملىك، گۇۋاھنامە، ھۆججەت، يەر خېتى ۋە باشقا بارلىق ھۆكۈمەت ئالاقىلىرىدە بۇ خىل تۇراقسىز ئىسىم - فامىلە شەكلى قوللىنىلىدىغان بولدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسىم - فامىلە سىستېمىسى تۇراقلاشقان مىللەتلەرگە نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشتەك بۇ خىل ئاددىي شەكىل ئەمەلىيەتتە رەسمىي فامىلە ئۇقۇمىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى «ئاتا ئىسمى» نى فامىلە سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغان بۇ خىل شەكىلدە فامىلە تۇراقلىق بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىر ئەۋلادتا يېڭىدىن «فامىلە» ئالمىشىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە ئۈچ ئەۋلادىدىن بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىنى ئەسلىيەلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

1980 - يىللاردىن كېيىن خىتاينىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ياكى ئولتۇراقلىشىش ئىشلىرىغا مەلۇم ئىمكانىيەتلەر ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باشقىلار ئۈچۈن ئاسان ئەمما ئۆزلىرى ئۈچۈن قىيىن بولغان رەسمىيەت بېجىرىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، پاسپورت ئېلىش جەھەتتە خىتايدىكى باشقا ھەرقانداق مىللەتكە قارىغاندا ئەڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن تەستە بېجىرگەن پاسپورتلىرىدا ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرىنى ئۆز تىلىدا يېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدى. خىتايلارنىڭ ئىسىم - فامىلە قائىدىسىگە ئاساسەن تەرتىپى ئالماشتۇرۇلۇپ خىتاي تىلى ئاھاڭى ياكى «پىن - يىن» بويىچە پاسپورتقا يېزىلغان ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرى چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەسلىدىنلا ئۆز كىملىكىنى تاشقى دۇنياغا چۈشەندۈرۈش قىيىن بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى چۈشەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئامالسىز قالدى. بۇ رېئال مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «رەئىس» لىك تۆرىدە ئولتۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭمۇ كۈچى يەتمىدى. بۇنىڭ بىلەن يىللاردىن بۇيان ھۆر دۇنيادا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆز - ئارا ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئىشلەتسىمۇ، ئەمما رەسمىي قانۇنىي ھۆججەت ۋە ئالاقىلەردە خىتايچە «پىن - يىن» بىلەن يېزىلغان غەلىتە ئىسىم - فامىلىلىرىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدى. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىغا ئىگىسىدىن سوراپمۇ ئولتۇرمايلا خىتايچە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ ياكى تۆت خەت بىلەن يېزىلىدىغان خىتاي ئىسىم - فامىلىلىرىنى ئۆلچەم قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى يېرىمىدىن ئۈزۈلۈپ يېزىلدى ياكى فامىلىسى ئېلىپ تاشلىنىپ پەقەت ئىسمىلا خىتايچە «پىن - يىن» بىلەن يېزىلىپ قويۇلدى. نەتىجىدە ئىسىم - فامىلىسىدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار پاسپورتىدا «فامىلە» سى بولمىغانلىقتىن ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىندى. چەتئەللەرگە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى پاسپورتلىرىغا يېزىلغان خىتايچە غەلىتە «ئىسىم - فامىلە» لىرىنىڭ دەردىنى ئەرلەردىنمۇ بەكرەك تارتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى خىتاي پاسپورتىغا خىتايلارنىڭ ئىسىم - فامىلە قېلىپى بويىچە ئۇيغۇرچە تەرتىپى بۇزۇلۇپ يېزىلغاچقا، ئامالسىز قالغان قىز - ئاياللىرىمىز «فامىلە» ئورنىدا يېزىلغان ئاتىلىرىنىڭ ئەرلىك ئىسىملىرىنى ئۆز ئىسمى ئورنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئايالچە ئىسىملىرىنى «فامىلە» ئورنىدا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسىم - فامىلە جەھەتتە دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر مىللەتتە كۆرۈلمەيدىغان بۇ غەلىتە ئەھۋالنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىش ھەقىقەتەن قىيىن بولدى. نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نۇرغۇن رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش ئارقىلىق ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرىنى خىتايچە «پىن - يىن» نىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تېخىچە ئۆزلىرىنىڭ «خىتايچىلاشتۇرۇلغان» ئىسىم - فامىلىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ ياشىماقتا.

2001 - يىلى 2 - يانۋاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنى چاقىرتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇقىم فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم زىيالىيلار بىردەك فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داغدۇغىلىق فامىلە قوللىنىش دولقۇنى قوزغىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىدىن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇراقلىق فامىلە قوللىنىشى بويىچە لايىھە تەييارلاشقا كىرىشىدۇ. 2001 - يىلىدىن 2002 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرقانچە قېتىملار مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلىپ، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان لايىھىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم - فامىلىلىرى پاسپورت ۋە باشقا خەلقئارالىق ھۆججەتلەرگە خەنزۇچە پىن - يىن بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ھالدا لاتىنچە يېزىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرى پاسپورتقا خەنزۇ ئىسىم - فامىلىلىرىنىڭ قېلىپى ۋە تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرتىپ بويىچە يېزىلىشى كېرەك» دېگەندەك ماددىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئەپسۇسكى، ئۆز دەۋرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ باش رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئابدۇقادىر نەسىردىن مەسئۇل بولغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىدىكى نەچچە ئونلىغان مۇتەخەسسىسلەردىن ھەيۋەتلىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلىنغان، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىنغان بۇ بۇ زور ۋەقە ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيلا ئاخىرلاشتى. بۇ ئىشتىن شۇنچە زور ئۈمىدلەنگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاخىرى بېرىپ شۇنچىلىك قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە چۆمدى. ھەتتا «ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىنى رەئىسلىك مۇددىتىم توشقۇچە ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن» دەپ ۋەدە بەرگەن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە چۈشەنچىمۇ بېرەلمىدى ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۈنۈمسىز يىغىن ئېچىشتىن باشقا ئىشى يوق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېگەن قۇرۇق ئەمەل بىلەن بېيجىڭغا يۆتكىۋېتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە خىتايغا 300 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلار ئۆز ئىسىم - فامىلىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا مىللەت سۈپىتى بىلەن يوقىلىشقا يۈز تۇتتى. 1947 - يىلىلا خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىسىم - فامىلىلىرىنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئىسىم قوللىنىشقا مەجبۇر بولماقتا. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېشى كارىدورىدىكى بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغان سېرىق ئۇيغۇرلار 1950 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا خەنزۇچە ئىسىم - فامىلە قوللىنىشقا مەجبۇرلانغان. بۇ تەجرىبە - ساۋاقلار بىزگە ئىسىم - فامىلە مەسىلىسىدە پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن جىددىي تۈردە قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.