1991-يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەت مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي تەشكىلاتلىرىمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى توختىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابى ئالدىدا يېڭىدىن ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. غۇلامىدىن پاختا ئامېرىكىدىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ ب د ت دا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ 5 دانە يېڭى بايراقنىڭ ب د ت بايراق سۇپىسىدا ئاستا-ئاستا يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭمۇ دەل مۇشۇ سۇپىدا كۆككە جەۋلان قىلىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ…
ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئورتاق تۈركىستان دەۋاسى پارچىلىنىدۇ. بىر قىسىم غەربىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، جۈملىدىن ئۆزبېك مۇھاجىرلار: «بىزنىڭ دەۋايىمىز پۈتتى، رۇسلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسى خىتاي بىلەن بولىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىمىز يوق، دۈشمىنىمىزنى ئىككى قىلىۋېلىشىمىزنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق،» دەيدۇ. بۇ ھال غۇلامىدىن پاختانى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» نى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، «ئامېرىكا ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنى قۇرىدۇ ۋە ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
1994-يىلىغا كەلگەندە غۇلامىدىن پاختا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» ناملىق ئىلمىي تەشكىلاتنى قۇرىدۇ ھەمدە ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تىل-ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
1990-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلايدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىرلەپ-ئىككىلەپ كۆپىيىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ناملاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىمۇ قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. غۇلامىدىن پاختا ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تارقاق ۋە چېچىلاڭغۇ ھالەتكە خاتىمە بېرىش ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى توپلاپ، پەقەت بىرلا جەمئىيەتكە ئۇيۇشتۇرۇش مەقسىتىدە جامائەت ۋەكىللىرىنى ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ يىغىن ئاچىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن جەمئىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن 7 كىشىلىك بىر تەييارلىق كومىتېتى تەشكىللىنىدۇ. غۇلامدىن پاختا تەييارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. تەييارلىق كومىتېتى 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى پېنسىلۋانىيە شتاتىدا تۇنجى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندا 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىش ۋە بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇش قارار قىلىنىدۇ.
دەرۋەقە، شۇ يىلى 23-ماي كۈنى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى شېراتون مېھمانخانىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. قۇرۇلتايدا قۇرۇلغۇسى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ نامىنى بېكىتىش مەسىلىسى ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلىنىدۇ. غۇلامىدىن پاختا تەشكىلاتنىڭ نامىنى «ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» دەپ بېكىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر قۇرۇلغۇسى تەشكىلاتنىڭ ئىسمىدا چوقۇم «ئۇيغۇر» نامىنىڭ بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەتتە كىشىلىك تەييارلىق كومىتېتى بۇ ھەقتە تارتىشما ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرىدا 4 كىشىنىڭ قوللىشى بىلەن «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» دېگەن نامنى بېكىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00