غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (34): «ئالتۇن ئوق» قا جەملەنگەن بىر ئۆمۈرلۈك خەزىنەم
2018.01.23
«مەن ئۆمۈر بويى يىغقان قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللىرىمنى، ۋەتەن تارىخىغا دائىر ئەسەر-ۋەسىقىلەرنى، ھۆججەت خاراكتېرلىك بەلگە-ئەستىلىكلەرنى ۋە ئۆزۈم شاھىت بولغان ئىشلارنىڭ يازما خاتىرىلىرىنى توپلاپ چىقتىم. مەندىن خەلقىمگە بىر ئەستىلىك قالسۇن دەپ ›ئالتۇن ئوق‹ ناملىق تور بەتنى ئاچتىم ۋە ئۆمۈرلۈك يىغمىلىرىمنى بۇ تور بەتكە قويدۇم، » - دەيدۇ غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم.
ئۇ نيۇ-يوركنىڭ لوڭ ئىسلاند رايونىدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەتنى ئاچقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك خەزىنىسى جۇغلانغان بۇ تور بەتكە ئىسىم تاللاشتا ئۇزاق ئىزدەنگەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرىدا «ئالتۇن ئوق» دېگەن بۇ نامنى بېكىتكەنلىكىنى، «ئالتۇن ئوق» نىڭ تارىختىن بۇيان ئەجدادلار قالدۇرغان بىلىم، تەجرىبە ۋە ئەستىلىكلەرگە سىمۋول قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەتكە ئەڭ بالدۇر قويۇلغان كىتاب-ماتېرىياللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى يازغان ۋەتەن تارىخىغا دائىر ئەسەرلەر تەشكىل قىلىدىكەن. غۇلامىدىن ئەپەندى بۇلاردىن موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى»، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ «تەزكىرەئىي ئەزىزان»، مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى»، ئەمىن ۋاھىدىنىڭ « كۈرەش تارىخىمىزدىن ئەسلەتمە»، ھەمىدۇللا تارىمنىڭ «تۈركىستان تارىخى» قاتارلىق كىتابلىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەتكە قويۇۋاتقان كۆپ قىسىم كىتاب-ماتېرىياللىرى بىلەن تارىخىي ھۆججەت-ۋەسىقىلىرىنىڭ 1950-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يەنى گېرمانىيەدىكى «ئازادلىق رادىيوسى» بىلەن كېيىنچە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا ئىشلەش جەريانىدا توپلانغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى «ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەت ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۆزىگە ئەينى دەۋردە قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ قوليازمىلىرى بىلەن پىنھان ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ھاۋالە قىلغان مەرھۇم زامانداشلىرىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تور بەتكە قويۇلغان بەزى قوليازما ئەسەرلەر ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى كوممۇنىست خىتاينىڭ قىزىل رېجىمى ئاستىدا ئېلان قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئەسەرلەر ئىكەن. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئەينى يىللىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىنى چەتئەلگە يوشۇرۇنچە چىقارغۇزغان ۋە ئېلان قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن.
غۇلامىدىن ئەپەندى «ئالتۇن ئوق» ناملىق تور بېتىنىڭ 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېچىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە بولغان ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلغۇچىلار سانىنىڭ 95 مىڭ كىشىدىن ئاشقانلىقىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئۈمىد ئىچىدە ئۆتكەن، مەنە ۋە مەزمۇنلارغا باي ھاياتىدىن قالغان بۇ يالدامىلارنى قانچىلىك كۆپ كىشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ شۇنچە خۇشال بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەت ئىلمىي ۋە ئاكادېمىك ئۆلچەمدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن كىتاب-ماتېرىياللار ھەمدە تارىخىي ھۆججەتلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئۇنىڭغا غولامىددىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئۆمۈر بويى يىغقان ھەر خىل تىللاردىكى قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللىرى، تارىخىي قوليازما ئەسەرلەر، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەسەرلەر، 20-ئەسىردىن بۇيان ئەرەب، لاتىن ۋە كرېل ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقلىرىدا نەشر قىلىنغان تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللار، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەر خىل قوليازما ئەسەرلىرى ئېلېكترونلۇق نۇسخىدا قويۇلۇشقا باشلىغان.
غۇلامىدىن ئەپەندى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بولغان ئوتلۇق سالىمى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئالتۇن ئوق» ناملىق بۇ تور بەتنى داۋاملىق بېيىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، قولىدا قالغان بارلىق يىغمىلىرىنى بىر-بىرلەپ بۇ تور بەت ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تور بەتنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن زىيارەت قىلىڭ: www.altunoq.com
(داۋامى بار)