غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (3): پاختا ئائىلىسىدىكى 14 يىللىق جۇدالىق

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى بالىلىق ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دادىسى ئەخمەت پاختانىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىدەك ئائىلە پاجىئەسىنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ.

14 يىللىق جۇدالىقتىن كېيىن، يەنى 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن غۇلامىدىن پاختا دادىسى بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكىنىدە بۇ جۇدالىقنىڭ سىرى ئاندىن ئاشكارا بولىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر دوتىيى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئەخمەت پاختا كېچىدە مەخپىي ھالدا يەكەنگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئۆلۈم خېتى كېسىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس يەكەندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىسىدا مەخپىي ھالدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ. قىلىچىنى يالىڭاچلىغان جاللات ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئاشۇ مۇدھىش دەقىقىدە ئەخمەت پاختا تاسادىپىي ھالدا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

ئەخمەت پاختانىڭ كېيىنچە ئوغلى غۇلامىدىن ئەپەندىگە ئەسلەپ بېرىشىچە، يەكەندىكى خىتاي ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق ھەربىي گازارمىنىڭ قوماندانى ئەينى زاماندا ئاقسۇدا ئەسكەر باشلىقى بولۇپ تۇرغان بىر خىتاي ئوفىتسېر ئىكەن. شۇ يىللىرى ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەسكەرلىرىگە بېرىلىدىغان مائاش ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەخمەت پاختادىن قەرز سورىغان ئىكەن. ئەسكەر باشلىقىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان بانكا باشلىقى ئەخمەت پاختا ئۇلارغا قەرز بېرىپ تۇرىدۇ. ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتۈپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئەخمەت پاختا يەكەنگە ئېلىپ بېرىلىپ، جازانى ئىجرا قىلىدىغان مەيداندا ھېلىقى خىتاي ئوفىتسېر ئۇنى تونۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ، ئەخمەت پاختانى چېپىش بۇيرۇقىنى توختىتىپ ئالىدۇ.

خىتاي ئوفىتسېر ئەخمەت پاختانى ئايرىم بىر خانىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەخمەت پاختانىڭ ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. خىتاي ئوفىتسېر ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇناسىۋەت تورىغا تايىنىپ ئاخىرى ئەخمەت پاختاغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ياكى ئۈرۈمچىدىكى مىلىتارىست ھاكىمىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى قىزىل موسكۋادىن كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۇ ئەخمەت پاختانى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەرھال، يەنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ھىندىستانغا يوشۇرۇنچە قېچىپ كېتىشىنى، چەتئەلدىن ئىككىنچى قايتىپ كەلمەسلىكىنى شەرت قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان ئەخمەت پاختا ئەسكى چاپانغا ئۇرۇنۇپ، قاغىلىق كۆكيار يولى بىلەن ھىندىستانغا قاچىدۇ. نەچچە ئون كۈن كېچىسى يول مېڭىپ، كۈندۈزى مۆكۈنۈپ، ئاخىرى ھىندىستان تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھىندىستاندا ئىككى ئايچە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئەخمەت پاختا ئاخىرى بىر تونۇشىنىڭ ياردىمى ۋە قەرز بېرىپ تۇرۇشى بىلەن ئۇ يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىدۇ.

ئەخمەت پاختانى يەكەنگە ئېلىپ بارغان مەپىكەش شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەشقەرگە قايتىپ، توققۇزاق ھىلاكودىكى پاختا ئائىلىسىگە بارىدۇ ۋە ئەخمەت پاختانىڭ يەكەندە قەتلە قىلىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەت پاختانىڭ قەشقەردىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇنى يەكەندە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، دەپ بىلىدۇ. ھەتتا ئوغلى غۇلامىدىن پاختامۇ تاكى 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.

ئارىدىن ئون يىللارچە ۋاقىت ئۆتۈپ، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1947-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ جەنۇبقا ئەۋەتىدۇ. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ خانىمى ئامىنە بۇغرا تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ياش غۇلامىدىن پاختاغا دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بېرىدۇ.

ئەتىسى ئامىنە بۇغرا ئەخمەت پاختانىڭ ئىستانبۇلدىن ئەۋەتكەن سۈرىتى بىلەن مەكتۇپىنى ئېلىپ غۇلامىدىن پاختا سودا قىلىۋاتقان دۇكانغا كېلىدۇ. دادىسىنىڭ ئىستانبۇلدا چۈشكەن سۈرىتى بىلەن ئەۋەتكەن خېتىنى كۆرگەن غۇلامىدىن پاختا دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە رەسمىي ئىشىنىدۇ.

1946-يىلى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى» گە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئىتى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئىستانبۇلدىكى ئەخمەت پاختاغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، يېڭى قۇرۇلغان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئېلىشىنى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەخمەت پاختامۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ مەكتۇپىغا جاۋاب مەكتۇپ يېزىپ، يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى قۇتلايدۇ.

ياش غۇلامىدىن بۇ خەۋەردىن كېيىن دەرھال تۈركىيەدىكى دادىسىغا خەت يازىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي دادىسى ئەخمەت پاختادىن جاۋاب خەت كېلىدۇ ۋە ئوغلى غۇلامىدىننىڭ ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت